خىتاي پەلەستىن بىلەن بىر سەپكە تىزىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەنقىدتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى

خىتاي ئەمەلدارلىرى غەززە كرىزىسىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى شاۋقۇن كۆتۈرۈپ، دىققەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكىدىن باشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئاپتورى: جوئېل گېركې (تاشقى ئىشلار مۇخبىرى)
ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى، 2021- يىلى 19- ماي
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 23- ماي

 

خىتاي ئەمەلدارلىرى غەززە كرىزىسىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى شاۋقۇن كۆتۈرۈپ، دىققەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكىدىن باشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئۆمەر قانات ۋاشىنگىتون كۆزەتكۈچىسى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمايدىغانلارنى ئاغمىچىلىق قىلىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقتىن دىققەتنى بۇراش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشلارنى قەتئىي رەت قىلىمىز.»

 

بۇ خىل ئالاھىدە دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. چۈنكى ئىسرائىلىيە – پەلەستىن كرىزىسىنىڭ پارتىلىشى، غەرب دىپلوماتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى چاقىرغان ئەمەلىي يىغىن تۈپەيلى، بېيجىڭنىڭ ب د ت دا ئادەتتىن تاشقىرى بېسىمغا دۇچ كەلگەن پەيتىگە توغرا كەلگەن ئىدى. خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكىدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 

خىتاينىڭ بۇ تالاش – تارتىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر غەرب ئەمەلدارى: «بۇ ھازىرغىچە ئانچە كۆپ شاۋقۇن پەيدا قىلمىغاندەك، ھەمدە كىمنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ ھەقىقىي نىشانى بولۇشى قارىماققا سەل ئېنىق ئەمەستەك قىلىدۇ. بۇ ئۇلار ئىلگىرى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تېما ئەمەس، ئەمما بۇ قارىماققا ناھايىتى يېڭى ۋە ياڭراق ئاۋازدەك قىلىدۇ.» دېدى.

 

خىتاي ئەمەلدارلىرى پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەردە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن سەيشەنبە كۈنى: «مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا توختىماي سۆزلەيدىغان ئامېرىكا، نېمە ئۈچۈن پەلەستىن خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە شۇنچە رەھىمسىز بولىۋالىدۇ؟  ئامېرىكا ئىشنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس پەقەت ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.» دېدى.

 

ئۆمەر قانات بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇشنى رەت قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش.» دېدى.

 

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بايدىن ھۆكۈمىتى ئىزچىل «پەسەيتىش» ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى راكىتا ھۇجۇمى نېتانياخۇغا قىساس ئالىدىغان سىياسىي ئاتموسفېرا يارىتىپ بەردى.

 

دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەپتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا 2000 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلدى. خاماس غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە 3000 دىن ئارتۇق راكېتا قويۇپ بەردى. بۇنى دېيىشىم، مېنىڭچە بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق ئامال – چارىلەرنى ئىشلىتىپ، پۇقرالارنى ئۆلۈش – يارىلىنىشتىن ساقلايدىغان پەۋقۇلئاددە مەسئۇلىيىتى بار، بولۇپمۇ بالىلارغا دىققەت قىلىشى، شۇنداقلا مۇخبىرلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىزمۇ ھەم توقۇنۇشنىڭ بارا – بارا پەسەيگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز.»

 

ئۆمەر قاناتنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇرى ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنىشىنى ئەيىبلەش خاھىشى بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئارىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دىققەتنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولىۋاتىدۇ، ھەمدە <ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا، دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك دېگىنى بىلەن، ئۆزى سەمىمىي ئەمەس.> دېگەن ئۇچۇرنى بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ.»

 

بۇ ئانالىز خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن سېگنالى بىلەن بىردەك بولماقتا. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خاماس ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى راكېتا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات بەرمىگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى، چۈنكى ئامېرىكا خەلقئارالىق ئادالەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرىۋاتىدۇ.»

 

بۇ ئېتىراز ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد كۈرەشىگە تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن خېرىدارلىرىنىڭ بىرى. خۇددى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشكۇل ئەھۋالى بىلەن كارى بولماستىن، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندەك، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان دۆلىتىنىڭ خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىنىڭ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

 

ئۆمەر قانات مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر ھۆكۈمەت چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقتا مۇكەممەل بولمىغان بولسا… خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان دەھشەتلىك زۇلۇمىنى ئاقلىغان بولاتتى.»

 

قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا ئوڭايسىز ھالەتتە قېلىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئۆزلىرىنى تەشەببۇسكار ئورۇنغا چىققاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى.

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «ئەرەب ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدە، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ماختىدى، خىتاينىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسى خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىگە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادالەتتە چىڭ تۇرغانلىقىغا، ھەمدە بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر بىلەن ھەمنەپەس بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.»

 

ئوبزور ئۇلانمىسى:
https://www.washingtonexaminer.com/policy/defense-national-security/china-aligns-with-palestinians-to-deflect-criticism-of-uyghur-muslim-genocide

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

قارا سۇ پاجىئەسى ۋە خىتاينىڭ چېقىپ كۆچۈرۈش سىياسىتى

شە ماي 29 , 2021
1996- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان قارا سۇ جىلغىسىدا 3000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى ھەربىيلەرنىڭ قوراللىق مۇھاسىرىسى ئاستىدا چېقىلىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۇنجى تۈركۈمدە ئۈرۈمچىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.

You May Like