خىتاي ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى توختاتتى

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ماي

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ماي

 

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 6- ماي بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي – ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد دىئالوگى تەۋەسىدىكى بارلىق ھەمكارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇددەتسىز توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار داۋاملىق تۈردە سوغۇق ئۇرۇش ئىدىلوگىيىسى بويىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان بۇ خىلدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن بۈگۈندىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئىقتىسادى ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى مۇددەتسىز توختىتىمىز.»

 

ئاۋسترالىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى دان تېخا (Dan Teha) شۇ كۈنى بايانات بېرىپ خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قارارىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەمما داۋاملىق تۈردە دىئالوگ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى BBC نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقىدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىغان. خىتاي دەسلەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ كالا گۆشى ۋە ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىمپورت چەكلىمىسى قويغان. ئاۋسترالىيە تەرەپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى، ۋە شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا خىتاينى كۆپ قېتىم تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ تېخى بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاي بىلەن ئىمزالىغان «بىر بەلۋاغ — بىر يول» پىلانىدىكى ئىككى تۈرلۈك كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئارقىدىنلا خىتاي ئىجارىگە ئالغان «دارۋىن» پورتىنىڭ توختامنامىسىنى قايتا تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يولغا قويغان چەكلىمە سىياسەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قەلەم سۆزلىسە، ئالەم تىڭشايدۇ...

جۈ ماي 7 , 2021
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.

You May Like