خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن

خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن

 خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاپرېل

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەر ئاساسەن ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى دىنىمىز بىر مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارغا يالغۇز خىتاي چېگراسى ئىچىدە قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چەكلىمەكتە ۋە تۇتقۇن قىلماقتا.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنى تۇتقۇن قېلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلىرىدىن ئېرىشىۋاتقان ھەمكارلىقى،  ئۇ دوكلاتتا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەسۋىرلەنگەن.

 دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي چېگرا سىرتىدىكى 5500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بېيجىڭنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن؛ تور ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خىتايدا قالغان ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سالغان. 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان ياكى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلانغان. 

ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىڭىزنى خەتەرگە ئاتماي دېسىڭىز، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەي دېسىڭىز، ئامال بار ئۇ دۆلەتلەرگە بارماڭ.
 
يۇقىرىقى خەۋەر ن ب س نىڭ 25 – ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن مەمەت ئىمىن دوكتور تەرىپىدىن تەييارلاندى.

 

ئەسلى مەنبە: 

https://www.nbcnews.com/news/amp/rcna24987?fbclid=IwAR1MoAEF3Sx07LTyfVTB7qrODIoJYNZzOrIrLFnO5b1nnpsy660Lx-kYb4M

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا

سە ئاپرېل 26 , 2022
ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا

You May Like