خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقچى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقچى

 خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-سېنتەبىر

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 14-سېنتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ بارماقچى ئىكەن. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر زىيارەت خىتاي ئورگان تەرەپتىنمۇ دەلىللەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئەمەلگە ئاشسا بۇ شى نىڭ «خىتاي ۋىرۇسى» تارقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف بىلەن سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن 15-سېنتەبىر ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ رەھبەرلەر كۆرۈشۈشىگە قاتناشماقچى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندا شى  رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋېلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشتە بولىدىكەن. 

ئۆزبېكىستاندا ئېچىلماقچى بولغان يىغىنغا يەنە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

سە سېنتەبىر 6 , 2022
رۇسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like