شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

 شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-مارت

17-مارت كرېمىل سارىيى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 20-مارتتىن 22-مارتقىچە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن رۇسىيەگە بارماقچى ئىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى زىيارەت جەريانىدا پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرىدە بولىدىكەن. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە شى جىنپىڭ رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋلودېمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

جۈ مارت 17 , 2023
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

You May Like