خەمىت دولان: ئامېرىكا ئارمىيىسنى قوللاش – ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى قوللاش دېمەكتۇر

پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى دىرېكتورى خەمىت كەرىم ئەپەندى 18- يانۋار كەچتە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى، دولان شىركىتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوغداۋاتقان دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا دولان رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئەللىك كىشىلىك قازان كاۋاپ، پولو ۋە سالات قاتارلىق تائاملارنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

تۇرغۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
19- يانۋار، ۋاشىنگتون

 

        پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى دىرېكتورى خەمىت كەرىم ئەپەندى 18- يانۋار كەچتە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى، دولان شىركىتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوغداۋاتقان دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا دولان رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئەللىك كىشىلىك قازان كاۋاپ، پولو ۋە سالات قاتارلىق تائاملارنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

 

        ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورگان سۇپىلىرىدا بىزنى مەخسۇس ماقالە، رەسىم بىلەن تەشۋىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپ تەسىرلەندۇق ۋە ھاياجانلاندۇق. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تىك تۇرغان بىردىنبىر دۆلەت، بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيىسىنى قوللاش – ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى قوللاشتۇر.

 

        خەمىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دولان رېستورانى مەخسۇس مىننەتدارلىق خېتى يېزىلغان خالتا باستۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا: «سلەرنىڭ ۋەزىپە سېپىدىكى جاپالىق خىزمىتىڭلار ۋە باتۇرلۇقىڭلار دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ، سلەرگە رەھمەت، دولان ئۇيغۇر رېستۇرانى» دەپ چۈشۈرۈلگەن.

 

        ئۇ تاماقنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيگەن ۋە «ئۇيغۇر ئامېرىكىلىقلار نامىدىن سلەرگە تەشەككۇر ئېيتىمىز.» دېگەن. ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋە بىللە خاتىرە قالدۇرغان.

 

        ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سېپىدىكىلەرگە ھەقسىز تاماق ئېلىپ بېرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى دولان رېستورانىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرىنى كۆتۈرۈشنى تەۋسيە قىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سە يانۋار 19 , 2021
ئافراسياپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19- يانۋار چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.         پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىغا تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تارىخىي پەيتلەردە، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەردىن بىرسى كەلدى.         ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى […]

You May Like