خەلق ساداسى: ئىچىم ئېچىشىدۇ ….

ئاپتورى: ئۇيغۇر ھەدىس (Uyghur Hedis )

(ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ياكى ئاپتورى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق)

بىرناكۈن بۇرۇن قۇلىقىمغا مۇنداق بىر خەۋەر يىتىپ قالدى. يېقىندا ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بىر ئائىلە بار ئىدى، بۇلار جامائەتكىمۇ ئارلاشمايدىغان ئۆزى بىلەن ئۆزى ياشايدىغان بىر ئائىلە ئىدى، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە كەتكىنىنى ئاڭلىغىنىمدا، مەندە تىماقچىلىك ھەيرانلىقمۇ بولمىغان ئىدى، خۇددى ئۇلارنىڭ بېرىپ كېلدىغىنىدىن ئالدىن خەۋەرداردەكلام. ئەمما ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بېرىش كېلىش قىلدىغان ئاز بىر قىسىم ئادەملەرگە شۇنداق دەپتۇكى: « ۋاي ئۇيغۇرلار توپلاشقان يەرگە، ئۇيغۇر ئاشخانىللىرغا ۋە يېغىلىشلارغا بارمىساڭلارلام ۋەتەنگە ساق سالامەت بېرىپ كېلەلەيسىلەركە، ھەممە ئىشلار جايىدىكەن …. »

بۇ قارماققا ئاددىي ۋە نەزەرگە ئېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىشتەك تۇرغان بىلەن بۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تەسىرى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىزدۇر.

مەن جىق ئويلاپ كەتتىممۇ بىلمىدىم، ئەمما ئەندىشەم شۇكى: يېقىن كەلگۈسىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ كېتىدىغاندەكلام بىر تۇيغۇدا بولىمەن. ۋەتەنگە بېرىپ كىلدىغانلار ۋە بارمايدىغانلار.

خۇددىي يۇقۇردا تىلغا ئالغاندەك « ئالماقنىڭ بەرمىكى بار »دۇر. خىتتاي ئېنىقكى بىزدىن ۋەتەنگە بېرىپ كېلىشنى ھەم بۇنىڭ ھېسابىغا ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر جامائىتىدىن ۋە ياكى ئەسلىدىكى بار چوڭ جامائەتتىن ئايرىلغانلار سانىنىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىشى تەدرىجىي يېڭى بىر جامائەتنىڭ شەكىلىنىشگە ھەتتا ئايرىم، باشقا ئىدىيە ۋە كۆز قاراشتىكى جامائەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

2016-2017 ئوتتۇرغا چېقىرىلغان لاگىر ۋەقەسى سەۋەپ نۇرغۇن ئىنسان خىتتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسنى، بىز قانداق تەخسىسىنى كۆتۈرشىمىزدىن قەتئىي نەزەر خىتتاينىڭ بىزنى يىلتىزىمىزدىن قۇرتۇپ تاشلاش ئىردىسنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. گەرچە بەك ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولساقمۇ ئەمما چوڭ بىر توپ بولۇپ خىتتايغا قارشى ئۇيۇشىشىمىزغا تۈرتكە بولدى دىسەك مېنىڭچە ئاشۇرۋەتمىگەن بولىمىز. بۇرۇن 10-20 ئادەم بىلەن ئۆتكۈزىلدىغان نامايىشلار نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا نەچچە يۈز ۋە مىڭ كىشىلىك نامايىىش ۋە ئىتراز پائالىيىتىگە ئايلىنىشقا سەۋەپ بولدى. ئادەتتىكى بىر ھىيتلىق ياكى بايراملىق پائالىيەتلەرگە ھەرخىل ئەندىشە ۋە پىكىر ئىختىلاپى سەۋەپ 15-20 ئادەم كەلگەن بولسا، ئۆتكەن 5-6 يىل مابەينىدە پائالىيەت ۋە يىغىلاشلارنىڭ سانى ۋە كۆلۈمى لەپپىدە كۆرنەرلىك كۆپەيدى ۋە ئاشتى.

خــــــــــــــــــوش، ئەمدى بۇندىن كېيىن « ۋەتەنگە قايتىش سەپىرى » ئۈچۈن يەنە نىمە بەدەللەرنى تۆلەپ نىمىلەردىن ۋاز كېچەرمىز ؟

نامايىشلار يەنە بۇرۇنقى 5-10 كىشلىك ھالەتلەرگە، پائالىيەتلەر بۇرۇنقىدەك يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان 10-20 ئادەم باردا بار يوقتا يوق ھالىتىگە قايتامدىغاندۇ ؟

ھەتتا تېخى ئۆز تائاملىرىمىزنى سېغىنساقمۇ لىككىدى قوپۇپ ئاشخانلىرمىزغىمۇ بارالماس بوپ كىتەرمىزمۇ ؟ 15-20 يىلدىن بېرى خىتتاينى تىللاپ يالغۇر يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ئەتراپىدا تۇيۇقسز 5-6 يىل لەپپىدە ئادەم كۆپۈيۈپ نەنەلەرگە مېھمانغا چاقىرلىپ مانا ئەمدى يەنە ئاستا كۆك بايراقنى قۇچاغلاپ يالغۇز قالامدىغاندۇ ؟

ئۇلارمۇ تامنىڭ تۆشۈكىدىن چۈشمىگەنغۇ، ئۇلارنىڭمۇ سېغىنىدىغان ئادەملىرى باتتىغۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشنى ئىلىپ كىتەلمەيدىكەنغۇ، ئۇلارنىڭمۇ ۋەتەنگە بارغۇسى باتتىغۇ، ئەجىبا شۇلار يالغۇز ئوتتىراپ ئەتراپىدا ھەر تەتىلدە ۋەتەنگە غىپ غىپ بىر كېلۋاتقانلارنى كۆرۈپ « نىمە پوق يەپ سىياسەتكە ئارلىشىپ يۈردۈم، نىمە پوق يەپ نامايىش قىلىپ يۈردۈم، سىڭگەن نېنىمنى يەپ مەنمۇ تاپقان پۇلۇمنى پات پات بېرىپ ۋەتەندە خەجلەپ ئۇرۇق تۇققانلارنى كۆرۈپ كەلسەمچۇ » دىگەننى ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئويلاپ قالماسمۇ ؟؟؟ ….

…..

مانا مۇشۇ خىياللار ئىلكىدە ئارلىقتا بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۆزى ئاق كۆڭۈل تەقۋا خۇش پىئىل بىر ياش ئىدى، گەپتىن گەپ چېقىپ ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە مۇشۇ يازدا بېرىپ كەلگۈسى بارلىقىنى دەپ سالدى، يۇقۇردا ئويلىغانلىرىمنى دەي دەپ تۇرشۇمغا مۇنداق بىر ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

« نۇرغۇن ئادەم بۇ پىكرىمنى قۇبۇل قىلمايدۇ ھەم سېغدۇرالمايدۇ، ئەسلى مېنىڭمۇ بارغۇم يوق، ئەمما بىز بەش بالا، بىز ھەممىمىز ئاپام دادامدىن بەك كىچىك يېتىم قالغان، ئەمما ئەڭ چوڭ ھەدەم بىزگە ھەم دادا ھەم ئانا بولغان، ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ كېچىك سىڭلىم تېخى يېڭى سۈتتىن ئايرىلغان ئىكەن. بىچچارە ھەدەم شۇ سىڭلىمنى ئىلىپ يىتىلەپ يۈرۈپ كىمنىڭ يۇيدىغان كىرى، كىمنىڭ ياقىدىغان نېنى بولسا شۇ يەردە ئېغىر يېنىك ھەممە ئىشنى قىلىپ تۆت بالىنىڭ ياقىسنى كىر قىلماي قاتارغا قاتتى، ئۇ بىزنىڭ ھەم دادىمىز ھەم ئانىمىز ھەم ھەدىمىزدۇر، بىزنى دەپ 30 دىن ئاشقاندا زورلاپ يۈرۈپ ئاران توي قىلدى، توي قىلىپ بولۇپمۇ توختىماي ئەھۋالىمىزنى سوراپ، ئىزدەپ بىرىپ، بەزىدە ھەتتا قىينائاكام شۇنچىلىك ئىسىل بولسىمۇ، « سىلەرنىڭ تىلىڭلار قىسىلمىسۇن » دەپ ئۆزىنىڭ يىنىدا ئازغىنا پۇل بولسا شۇنى ئاكامغا بىلىندۈرمەي يانچۇقلىرىمىزغا سىپ قويدى، بىز تۆت بالا ھەدمگە ئىككىلام دۇنيادا ئادەمگەرچىلىكتە گەدەنگىچە قەرز، بىزنىڭ ئوڭ ۋە سوڭ قانىتىمىز بولغان ئاتا ئانىمىز بولمىغان بىلەن مۈرىسىگە چېقىرىپ ئۇچاتقان ھەدىمىز بار. لېكىن شۇ بىچچارىنىمۇ ئىشپلاس خىتتاي 2017 باشتا لاگىرغا ئاندىن تۈرمىگە ئېلىپ كەتتى، ئاڭلىسام بۇ يىلى چىقىپتۇ، ئەمما قاتتىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىغلىقكە. شۇ ھەدەمنىڭ يۈزىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۋىلىش، ئاددىي بولسىمۇ خىزمىتىدە بولۋىلىشنى ئويلىمىسام بۇ كاپىرغا يالۋۇرۇپ ۋىيزا ئىلتىماس قىلىشنى تېخى ھېلىقى كۈنگىچە ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم » …..

شۇنىڭ بىلەن بايام ئويلىغانلىرىم ۋە دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئالدىمدىكى بىر سىركاي چاي بىلەن ئېچىمگە يۈتىۋەتتىم، چۈنكى ياشاپ باقمىغان ھايات توغرىسىدا ھەركىمگە سۆزلەش ئاسان ….

ئەمما ئېچىمدىكى ئاچچىق تېخىمۇ ئۆرتىدىكى بېسىقمىدى. 2016 ئۇيغۇرنى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئادەم بىلمىگەن بولسا مانا ھازىر ئۆيدە تىلۋىزور قولىدا تىلفۇنلام بار بولغان نۇرغۇن ئادەم بىلىپ كەتتى. بۇرۇن يىللەرچە ساقلاش ئارقىلىق ئېرشىدىغان ئولتۇرما ۋا پاسپورتقا مانا ھازىر نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە ھەپتىدە ئېرىشىدىغان بولدۇق. بۇلار ئەلۋەتتە باكارغا كەلمىدى، ئۆتكەن نەچچە يىل مابەينىدە لاگىر كامىر ۋە ئۆز ئۆيلىردە ھەرخىلى ھالەت ۋە ئۇسۇلدا ئۆلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن سان ساناقسىز ئۇيغۇرنىڭ بەدىلىگە كەلدى. مانا ئەمدى بۇلار ئۇنتۇلۇپ كىتەرمۇ ؟؟ ئۆلگەنلەر كەتكەن پېتى، ھايات قالغانلىرى ئۇنۇتقان پېتى قالارمۇ ؟؟

ئاللاھ ئۆزۈڭ بار، بىزدەك بىچچارە مىللەتنى ئۆزۈڭ ئىسلاھ قىلىپ بەر ئۆزۈڭ قۇتقۇز. دۈشمىنىمىز كۈچلۈك ۋە رەزىل. رەزىل بولغاچ، بىزنى مۇشۇنداق « كورنى يار لېۋىگە قىستىغان » دەك قىستاۋاتىدۇ. بىزلەرنى ئىككى توپقا ھەتتا ئاخىردا دۈشمەنلىشىدىغان ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىغىن.

شۇ ھەدىمىزدەك ئىنسانلىرىمىزنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققان ۋە ياخشىللىرمىزنى پاختىنىڭ ئىچىدە چوغنى ساقلىغاندەك ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن، بىزلەرگە سەبىر بەرگىن. بىزنى ئازغانلارنىڭ ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يەنى توغرا يولغا باشلىغىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍اكتىپلىقى تۆۋەنلىدى، كىمدىن ئاغرىىنىمىز؟

دۈ يانۋار 8 , 2024
ئاپتورى: ئۇيغۇر ئۇيغۇرىيە مەنبەسى: سوسيال مېدىيا (ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ياكى ئاپتورى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق) چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز بىر بىرىنى دىندار ، دىنى سۇز، مىنكاۋخەن، مىنكاۋمىن، شىماللىق ، جەنۇبلۇق ، كونسىرۋاتىۋ ياكى بەك كەيفاڭ( ئەركىن) دەپ بۆلۈپ ، يۇرتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ بىر بىرىنى ئارىغا ئالماي، بەزىلەرنى چەتكە قېقىپ […]
خەلق ئاۋازى

You May Like