ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغو پېرىنچەك سوتقا تارتىلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان ئادالەت سارىيىدا تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغو پېرىنچەككە ھېچقانداق دەلىلسىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۆھمەت چاپلىغانلىقى ئۈچۈن سوت ئېچىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 29- دېكابىر

 

مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان ئادالەت سارىيىدا تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغو پېرىنچەككە ھېچقانداق دەلىلسىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۆھمەت چاپلىغانلىقى ئۈچۈن سوت ئېچىلدى.

 

سوت شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ دوغو پېرىنچەك ئۈستىدىن ئەرز  قىلىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، سوتقا سېيىت تۇمتۈرۈك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى پارتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 9 ئادۋۇكات بىرلىكتە قاتناشتى.

 

كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئەنقەرە ھاجى تەپە ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، دوكتۇرى ئادۋۇكات ئىلياس دوغان «دوغو پېرىنچەك ھېچقانداق ئاساسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەشۋىقاتىنى قىلۋاتىدۇ. تۈرك جازا قانۇنىڭ 76-، 77- ماددىسىدا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت.» دەپ يېزىلغان. شۇنداقلا يەنە تۈرك جازا قانۇنىنىڭ  215- ماددىسىدىكى «جىنايەتنى يوشۇرغان ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى قەستەن قوللىغانلار جازالىنىدۇ.» دېگەن بايانلارغا ئاساسەن، جاۋابكار دوغو پېرىنچەكنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا يالغاندىن تەرتىپلەش، تەشۋىق قىلىشىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.» دېدى.

 

بۇ قېتىمقى سوت ئۈچۈن يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قوللىرىدا يوقاپ كەتكەن ئائىلىسىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، سوت مەيدانىغا يىغىلدى. ھەرقايسى تۈرك تاراتقۇلىرى ۋە بەزى يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئالدى.

 

گەرچە بۇ قېتىمقى سوت كېچىكتۈرۈلگەن، خەلق ئاممىسى بۇ سوتتىن ئۆزى كۈتكەن نەتىجىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ دەۋانى قىلغىنىدىن سۆيۈندى.

 

سوتتىن كېيىن سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە يۈزلىگەن خەلق ئاممىسى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كېلىپ، بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاي كونسۇلدىن ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلۋاتقان ياشلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

COSCO نىڭ گرېتسىيە پورتلىردا كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى قارشىلىقلارغا يول ئېچىۋاتىدۇ

چا دېكابىر 30 , 2020
‏‎‎يەرشارى بىرلەشمە گەۋدىسى خىتاي COSCO ترانسپورتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋات ترانسىپورت مەركىزىگە ئايلانغان گرېتسىيەنىڭ پىراۋۇس پورتىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

You May Like