ۋېرجىنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئىككى ئادوۋكات دوستلىرى بىرايىن ۋە دانىيال بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئ‍شلىرىدا، ئادوۋكاتلىق مۇلازىمىتى تەمىنلەپ كەلگەن ئىككى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئ‍شلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان.

ئىگىلىشمىزچە، كۆپچىلىك ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرغان. لاگىر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنلار مۇھىم سۇئاللارنى سورىغان ۋە ئادوۋكاتلار تەپسلى جاۋاپ بەرگەن.

سۆھبەتكە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دىدى: « دانىيال بىلەن بىرايىن كۆپ يىللاردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك دىلولىرىنى ئ‍شلەپ، ئ‍شەنچ ۋە ھۈرمەت قازانغان، گەرچە ئانچە-مۇنچە ئۇششاق مەسللەر ساقلانسمۇ، ئەمما ئ‍ۇلار ئ‍ۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىدۇ، ھسداشلىق قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىلولىرى ناھايتى كۆپ، مەن ۋە ئايالىم ئىلگىرى كىين بولۇپ، مۇشۇلارنى تەكلىپ قىلغان، بىز ھازىر ئامېرىكا پۇقراسى.ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ بۇلارنى تەكلىپ قىلىشى -جامائەت ئۈچۈن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سەھنىسى ھازىرلىغانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا: ئۈرۈمچى ئېچىۋىتىلگەن شەھەر دەپ بىلجىرلىدى

جۈ فېۋرال 2 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-فېۋرال ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى ئومۇمى يېغىندا ختاي ئۆزىگە ئېتتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئىشكنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنى تەشۋىقاتقا ئ‍شلەتكەن. خىتاي خەلق تورى ۋە شنخۇۋا ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئ‍شىنىدىغان روھىنى نامايان قىلغان. […]
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى، ياقۇپ پەيزۇللا

You May Like