ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا سۆزلىرىنى ئەيىپلەيدۇ

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا سۆزلىرىنى ئەيىپلەيدۇ

 

ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ 22-ماي CNN Türkiye نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى» دەپ ئاتىغانلىقىغا قاتتىق نارازى بولدى.

 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەكرارلاپ كەلگەن ساختا ھېكايىلەرنى ھەقىقەت قىلىپ كۆرسىتىشىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر كىملىكىنى مەقسەتلىك پىلانلانغان سىياسىي ئويۇنلارغا ئىشلىتىىلىشىنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. 

 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى سەككىز يىلدا، تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى، لېكىن نۇرغۇنلىغان تۈرك قېرىنداشلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەقىقەتنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قانداقلا بولمىسۇن، سايلام مەزگىلىدە مىنىستىر سويلۇ ئەپەندىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئوينىغان ئويۇن دەپ تەسۋىرلەپ، تۈركىيە خەلقىگە خاتا ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەيىبلەشكە تىگىشلىك بىر سەتچىلىك، بۇنداق ئۇيۇن ئويناش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئالدىدا سۈكۈت قىلىشتىنمۇ ناچار بىر ئىشتۇر. 

 

تۈركىيەدە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرەت جامائىتى بار بولۇپ، ئىلگىرى تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان رەھبەر ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە سايلام مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پوزىتسىيەسىنىڭ بۇنداق ئارقىغا چېكىنىىشى ۋە خىتاينىڭ ئويدۇرما ھىكايىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ جىم تۇرىۋىلىشىدىن ئارتۇق بەدەل تۆلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. 

 

ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، ھازىرقى مەزگىلدە ھەرقانداق بىر سىياسىي رەھبەرنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنى تەنقىتلىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىپلەپ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىشى تېخىمۇ تەخىرسىزدۇر. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان باشقا سىياسىي ياكى جۇغراپىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەممەيلەن جىددىي قارايدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەك. بىر تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى قەستەن بۇرمىلىشى ۋە ئۇنى تەتۈر تەشۋىق قىلىشى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇ كىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى ۋە رەت قىلىنىشى كېرەك.

بىز ئوخشاشلا CCN Türkiye نى ئۆزلىرىنىڭ پروگراممىسىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ خىلدىكى تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئىرقچىلىق ھېكايىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشى كېرەك.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئوبزورى: ئامېرىكانىڭ ئەمەس ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى

پە ماي 25 , 2023
ئامېرىكانىڭ ئەمەس ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى

You May Like