ۋاشنگىتوندا «ئۇيغۇر ئويغىنىش كۈنى»مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

8-دىكابىر ئەتتىگەن سائەت 9:00دا ۋاشىنگىتون مېترو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئسلامىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان «ئامېرىكا دىيانەت مەركىزى»دە «ئۇيغۇر ئويغىنىش كۈنى» پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.بىر كۈن داۋاملاشقان پائالىيەت ئاساسلىقى ئىككى تۈردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولسا، چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەت تەپسلى تونۇشتۇرۇلدى.

تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-8

 

8-دىكابىر ئەتتىگەن سائەت 9:00دا ۋاشىنگىتون مېترو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئسلامىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان «ئامېرىكا دىيانەت مەركىزى»دە «ئۇيغۇر ئويغىنىش كۈنى» پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.بىر كۈن داۋاملاشقان پائالىيەت ئاساسلىقى ئىككى تۈردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولسا، چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەت تەپسلى تونۇشتۇرۇلدى.

چۇشتىن بۇرۇنقى پائالىيەت -ئۇيغۇرلارنىڭ كىيم-كېچەك، ئۆي -تۇرالغۇ مەدەنىيىتى، مۇزىكا سەنئىتى، تارىخى شەخسلىرى ۋە مۇھىم ئەدەبى ئەسەرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسى  تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان  ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەت بويۇملىرى كۆرگەزمە قىلىپ تىزىلغان بولۇپ، كىشىگە نەق تىرىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇزىىيىنى ئەسلىتىدۇ. مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئەتراپتىكى يەرلىك ئامېرىكىلىقلار، مۇسۇلمانلار يىغىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۇئاللارنى سوراشتى، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى قايىتىدىن تونۇغانلىقىنى، بۇنداق بىر بۆيۈك مەدەنىيەت ئىگىسىنىڭ قەدرىنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇيغۇر ئايۋان-سۇپىسى

رەڭگارەڭ باش كىيم-دوپپا

ئۇيغۇر چالغۇلىرى

ئۇيغۇر دوپپا كېيىملىرى

ئەتلەس رەختلەر

چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئاساسى تېما قىلىنغان مۇھاكىمە مۇنبىرىدە، كالىفورنىيە شىتاتىدىن كەلگەن، ئ‍امېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئوپتىك ئىنجىنېرى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزى تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۇنكى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەپسلى دوكلاتىنى تەقدىم ئەتتى، دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سېلىشتۇرما پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى ئايدىن ئەنۋەر «ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دېگەن تېمىدا لېكسيە بەردى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان :«خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنى قانداق ۋەيران قىلماقتا؟»دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

بىرما خىزمىتى دېرىكتورى، بۈگۇنكى پائالىيەتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بىرى، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈممەت ئىتتپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى خاننا زۇبەيرە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغىنىشى، ھەرىكەتكە كېلىشى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئافرىقا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ۋەكىلى زەينەپ ئابدۇللا خانىم ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى ئاڭلتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈمۈتۋار بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەتنىچوقۇم ئۈستۈن قىلىدىغانلىقىغا ئشىنىشنى تەۋسيە قىلىپ، ناھايىتى تەسرلىك ۋە جانلىق نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى دىكلاماتسيە قىلدى، كۆپچىلىك ئالقىش ياڭراتتى.

پائالىيەتنى ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى، تەتقىقاتچى ياش ئەسەدۇللا پائالىيەت ئاخىرىدا ئېنگىلىز تىلىدا ئىنتايىن تەسىرلىك دۇئا قىلىپ، قاتناشقۇچى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالدى.

پائالىيەتكە ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر پىدائى خانىم-قىزلار كۆپلەپ كۈچ چىقارغان بولۇپ، پىلانلاش، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى تەييارلاش، جامائەت چاقىرىش، ئورۇن راسلاش، تاماق ھازىرلاش، كۈتۈۋېلىش، تازىلىق جەھەتلەردە ئارقا سەپتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ياخشى ۋە ئەستايىدىل ئىشلەندى.

پائالىيەت كىشلەرگە ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى بىلدۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقارنىڭ ئەنقەرە سەپىرىدىن ئويلىغانلىرىم

سە دېكابىر 11 , 2018
مەلۇم بولغىنىدەك دېكابىرنىڭ بېشىدىلا ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى ۋە قىسمەن ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتى شەرقى تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇمنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يولغا چىققان ئەرشىدىن ئەركىن ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىگە مەركەزلەشتى.

You May Like