ۋاشىنگىتون ئۇيغۇرلىرى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى

5- فېۋرال كۈنى، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا،1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

2019-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگىتون

 ئۆز مۇخبىرىمىز ئافراسياپ خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-06

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

5– فېۋرال كۈنى، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا،1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

سۈرەت مەنبەسى:ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى

شۇ كۈنى يەنە «شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى»نىڭ  ئۇيۇشتۇرۇشى، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا تۇرىدىغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ  قاتنىشىشى بىلەن ئاق ساراي لافايەت باغچىسى ئالدىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى يەردىكى نامايىشقا تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر يىلى قايغۇ ئىچىدە خاتىرىلىنىدىغان بىرنەچچە خاتىرە كۈن بار. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىش مەزمۇنىدىكى نارازىلىق نامايىشىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا بېغىشلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ كۈنى نارازىلىق نامايىشى ۋە باشقا شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلغان ئوت يۈرەك يىگىت-قىزلارنى، شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىگۇناھ ئەزىمەتلەرنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئۆتكۈزدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

يانفۇن بىخەتەرلىكى توغىرسدا مۇھىم چۈشەنچىلەر

چا فېۋرال 6 , 2019
سايبىر بوشلۇقى بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى. بۇ يۇمشاق دېتاللار ئىنسانلارغا بىر تەرەپتىن ھاياتىغا ئاسانلىق ئېلىپ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

You May Like