ۋاشىنگىتون پوچتىسى:جۇڭگونىڭ بىر مىللەت(ئۇيغۇر)نى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق،تەسىرى ئەڭ زور ،شۇنداقلا كۆپ ئوقۇلىدىغان سياسى تاراتقۇلاردىن بىرى،« ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتىسى » 20-ماي تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ،ناھايىتى ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. بۇئۇيغۇرلار ئۈچۈن تاراتقۇ ساھەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خوش خەۋەر بولۇپ،

تەھرىرات ئوبزور ماقالىسى ،2018-يىلى ،20-ماي

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق،تەسىرى ئەڭ زور ،شۇنداقلا كۆپ ئوقۇلىدىغان سياسى تاراتقۇلاردىن بىرى،« ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتىسى » 20-ماي تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ،ناھايىتى ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. بۇئۇيغۇرلار ئۈچۈن تاراتقۇ ساھەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خوش خەۋەر بولۇپ،سياسى ساھەنىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان مەسلىلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.مەزكۇر باياناتتا ئاساسلىقى بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمى ماقالىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، غەرب دۇنياسىدا ئىلمى ماقالە ،ئاخبارات سىياسەتكە كۆرستىدىغان ئاساسى ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. خەلقىمىز ئۇچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈچ چېقىرىپ مىنىڭ ۋەتەندە قامالغان ئاجىز تۇققانلىرىم،ئىگىسىز قالغان نارەسدە قېزىم ئۈچۈن رامىزانلىق دۇئا قىلىپ قويۇشۇڭلارنى  سورايمەن .

جۇڭگو (خىتاي ) يىراق غەربى شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت -ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر ئاپەت خاراكتىرلىك ھەرىكەتنى ئىلىپ بارماقتا.خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا رايوندىكى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىدا ئىسلامچى ئاشقۇنلارنى ئەيىپلەپ ،ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنى باستۇرۇش ۋە جازالاش ئوبېكتى قىلدى.بىراق پاكىتلار خىتاينىڭ مەخپى يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا سستىمىلىق مەدەنىيەت تازىلاش مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ قويدى.«ناتسىستلارنىڭ يوقتىش لاگىرلىرى ۋە ستالىننىڭ جازا لاگىرلىرىنىڭ » قاباھىتىگە قايتا يۈز بەرمىسۇن دېگەن پىرىنسپقا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەر خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش ۋە ئازاپلاش رولىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمە ۋە قورقۇنچلۇق لاگىرلىرىغا قارشى سۆزلىشى كىرەك. خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تېبەتتىكى ئېتنىك سياسىتى ساھەسىدە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىيان زەنزى جامىس تاۋىن تەتقىقات فوندى ئۈچۈن يازغان ماقالىسدە،شۇنداق دەيدۇ، «يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان جىمىقتۇرۇش تەدبىرلىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاياقلاشقاندىن بۇيان مەجبۇرى ئىجتىمائىي تەڭشەش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ئەڭ جىددى ھەرىكىتىدىن ئىبارەتتۇر، ماۋ ئىلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتتە مىلىيونلىغان كىشىلەر جازالانغان ۋە بىر مىليون ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى». زەنزە ئەپەندىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا،ھەممە يەرگە تارالغان «قايتا تەربىيىلەش»لاگىرلىرى نەچچە يۈز مىڭ بىلەن بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن ئىكەن. جۇڭگودا 21 مىليون مۇسۇلمان بولۇپ،شنجاڭدا 11 مىليون مۇسۇلمان بار. زەنزە ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ستىمىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادى قوغلىشىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى ۋە شۇنداقلا قازاق مىللىتىنى مەجبۇرى بويسۇندۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنستىك پارتىيەگە ئىتائەت قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى قۇرۇشنى باشلىغان . ۋاشنگتون پوچتا گېزىتىدىن سمون دەنيەر ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى بىر يۈرۈش زىيارەتلىرىدە ،مەزكۇر لاگىرلاردا يېتىپ چىققان بۇرۇنقى مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىنى ئارقىدا قالغانلىق دەپ ئەيىپلەشكە ،مۇسۇلمان ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە ،ئۇزۇن كيىم كىيگەنلىكى ،ناماز ئوقۇغانلىقى ،بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ياكى ئىماملارنى بالىلىرىغا ئسىم قويۇشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇرلانغان . بۇ لاگىرلاردىكى مەھبۇسلار يەنە بۆلگۈنچىلىك،ئېكسترىمىزم ۋە تىرورىزىمدىن ئىبارەت « ئۈچ خىل كۈچ»نى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ،پارتىيەنى مەدھىيىلەيدىغان شۇئارنى توۋلاش،ناخشىلارنى ئېيتىشقا زورلانغان. گەرچە بۇ مەركەزلەر دەسلىۋىدە «قايتا تەربىيىلەش»ئۈچۈن قۇرۇلغاندەك كۆرۈلسىمۇ،بۇ يەردە زوراۋانلىق ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغان ،سابىق مەھبۇسلار ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغاندا،ئېغىر ئازاپقا دۇچ كەلگەنلىكى ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ بىرىدۇ.يېغىپ ئىيتقاندا،زەنزە ئەپەندىنىڭ دېيىشچە،بۇ سستېما خىتاينىڭ 2013-يىلى رەسمى بىكار قىلىنغان ئىلگىرىكى «ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش» (ختتايچە لاۋجىياۋ-ت ) سېتىمىسىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىتاينىڭ مەقسىدىنى ئىپادىلەيدىغان بىردىنبىر بەلگە ئەمەس.پۈتۈن رايون 21-ئەسىردىكى نازارەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ،ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارمۇكەممەل يۈزنى پەرقلەندۈرۈش سستېمىسى تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەممە يەرگە ئومۇملىشىپ كەتكەن نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇشقا دۇچ كەلگەن. دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ توردىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تىلفۇنلىرىغا جاسوسلۇق يۇمشاق دىتاللىرىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلانغان.ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشچە،ناھايىتى كۆپ ساندىكى خىتايلار ئەمەلدالىرى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بۆسۈپ كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىرىدە نەچچە كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ،ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە،ئۇلارغا سياسى تەربىيە ئىلىپ بىرىشقا ئەۋەتىلگەن. پەقەت مۇسۇلمان رەھبەرلەرلا ئەمەس ، ھەممە يەردىكى ئىنسانى ھوقۇق قوللىغۇچىلىرى خىتاينىڭ بىر ئۆز تۇپراق مىللەتنىڭ مەدەنىيتى ۋە دنىي -ئېتىقادىنى يوقتېۋىتىشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇشى ،غەزەپلىنىشى كىرەك.

ئەسكەرتىش:

  • مەزكۇر بايانات ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتى ۋە ھاۋالىسى بىلەن تەرجىمىگە تەييارلاۋاتقان يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قسىمى بولۇپ،ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش،ئېلېكتىرونلۇق ياكى باسما كىتاب قىلىش،ئاۋازلىق قىلىپ ئوقۇشى بىرەك سۇرۇشتۇرۇلىدۇ.
  • ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى تور بېكىتىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىنغان ھۆكۈمەت باياناتى،دىپلوماتىك ھۇججەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھۇججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلىۋاتىمىز ،بۇلارنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ئۆز مەسلىسنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاڭلىنىۋاتقانلىقى  ،چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانداق ھادىسلەرگە بەك دىققەت قىلىدىغانلىقى ،نىمىگە ئ‍شنىدىغانلىقى،ئ‍سپات توپلاش ئۇسۇلى ، دۆلەتلەر بىلەن ختتاي ئارسىدىكى مۇناسۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ،ئۇيغۇر خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت سۈپىتى ۋە  تەسىرى قاتارلىقلارنى  ئۆز ئەقلى بىلەن  بىۋاستە چۈشنىشگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر،بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۇججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قانداق تەدبىر ياكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئىمكانى بارلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ ،شۇنداقلا بۇلار بىزنىڭ ئ‍شەنچىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر پارچە ھۇججەت ياكى باياناتنى ھەرگىزمۇ تۇيۇقسز ياكى ئاددىيلاش شەكىلدە ئىلان قىلمايدۇ،تاراتقۇ خەۋەرلىرى ۋە ئاخبارات،ئىلمى دوكلات ،ۋەزىيەت ۋە پاكىت ،جامائەت پىكرىنى تەكشۇرۇش ۋە باھالاش ،مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئىلان قىلىدۇ ،ئىلان قىلىنغان باياناتلارمۇ بىر ئىككى قېتىم ئوقۇلۇپ،قىممىتى تۈگەيدىغان،ئۇنتۇلىدىغان ياكى ۋاقتى ئۆتىدىغان ئادەتتىكى خەۋەر ياكى ئوبزور ماقالىسغا ئوخشمايدۇ ،چۇنكى بۇ بايانات دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ،ھەر قانداق خەلقئارالىق قائىدە ۋە سورۇنلاردا ،دىپلوماتىيە ئالاقىلىرىدا ،ئنسانى ھوقۇق مۇنبەرلىرىدە ،تەتقىقات ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىدە ،مۇھىمى خىتاينىڭ ئالدىدا تېنىۋىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھۇججەتكە ئايلىنىدۇ ! ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ھۈججەتلەر   خىتاينىڭ  ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتچى ئىكەنلىكى توغىرسدا كىينكىلەر ئۇچۇن قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئسپات بولۇپ قالىدۇ .ئۇيغۇرلار ئۆز داۋاسىغا ،ھەق -ھوقۇقىغا قانچە ھەقلىق بولسا ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇ ھەق-ھوقۇقىنى بىلدۇرۇش مەسئۇلىيتى بار .

قىرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشكىلاتلارغىلا تاشلاپ قويۇش بىلەن بولدى قىلماي ،ئۆز ئاۋازىنى ھۆكۇمەت ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق بىلدۇرۇپ ،ختتاينىڭ ئىرقى ۋە مىللى ،مەدەنى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھىچبولمىسا ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەش بىلەن قارشى تۇرۇشنى ئۇمىد قىلىمىز !

تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ كۆرۇپ پايدىلىنىشى ،ئويغىنىشى،ھەقىقەتنى ئاشكارلىشى ئۇچۇن تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ؛ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى .

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى تېكستى (1)

شە ماي 26 , 2018
دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1)[/caption] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1) تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇھىم ئەسكەرتىش :

You May Like