ۋاڭ يى ياۋروپا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ رۇسىيەگە يېتىپ كەلگەن

ۋاڭ يى ياۋروپا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ رۇسىيەگە يېتىپ كەلگەن

ۋاڭ يى ياۋروپا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ رۇسىيەگە يېتىپ كەلگەن

ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-فېۋرال

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان شۇنداقلا «ميۇنخېن تىنچلىق يىغىنى»غا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنى(20-فېۋرال) پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن.

«ۋولت كوچىسى» گېزىتىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ھال خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب بىلەن بولغان دۈشمەنلىشىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ۋەھالەنكى ۋاڭ يى 18-فېۋرال ميۇنخېندا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنانى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچىمىز» دەپ تەرىپلىگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئاگاھلاندۇرۇپ خىتاينى نۆۋەتتە «ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

شەنبە كۈنىدىكى ۋاڭ يى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە بلىنكېن ئوچۇق قىلىپ ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە «ئەجەللىك قوراللار» بىلەن ياردەم قىلسا ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 18-فېۋرال ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس خانىم بايانات بېرىپ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ۋاڭ يىنىڭ رۇسىيەگە زىيارەتكە بېرىشى، شۇنداقلا خىتاي رۇسىيە ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جوۋ بايدىن تۇيۇقسىز ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى

دۈ فېۋرال 20 , 2023
جوۋ بايدىن تۇيۇقسىز ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى

You May Like