بىر ساغلام ئۇيغۇرنىڭ جىگىرى قاراڭغۇ بازاردا 160 مىڭ دوللاردىن سېتىلماقتا

ئۇيغۇر تايمىز ئىنگلىزچە قانىلى: بىر ساغلام ئۇيغۇرنىڭ جىگىرى قاراڭغۇ بازاردا 160 مىڭ دوللاردىن سېتىلماقتا

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 02-نويابىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگلىزچە قانىلى  uyghurtimes نىڭ ماقالىسى، ئاپتورى: Anne Kader

29-ئۆكتەبىر باش شتابى مېلبورندىكى «The Herald Sun» گېزىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىچكى ئەزا سودىسى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى غايەت زور يەر ئاستى سودا تورى ئىدى. ماقالىدە دېيىلىشىچە، ساغلام بولغان بىر ئادام جىگىرىنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى 160مىڭ دوللار بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى، ئەزا ئالماشتۇرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ساغلام ئەزالارغا ئىگە بولۇشى ئىكەن.

يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايدىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرى توغرىسىدا ئەندىشىدە بولۇپ كەلدى. خىتاي بولسا ئۆزلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورگان يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى خىتاي دۇنيادىكى ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئىنسان ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى  «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. 

خىتاي تەشۋىقاتىدا دېيىلىپ كېلىۋاتقان «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلار» نىڭ سانى بىلەن ھەقىقىي ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيە قىلىنغان سان جەھەتتىمۇ غايەت زور پەرقلەر بار. تەتقىقاتچىلاردىن David Matas、David Kilgour ۋە Ethan Gutmann لارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ يىلىغا 60مىڭدىن 100مىڭغا يېقىن ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ دوكلاتىدا بولسا بۇ سان 10مىڭ ئەتراپىدا بولغان.    

2021-يىلى 6-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش توغرىسىدىكى ۋەقەلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى ۋە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئىنسان ئورگانلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

يېقىنقى ۋاقىتلاردا Netflix فىلىم تورىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كورېيە كۆپ قىسىملىق فىلىمى «سىياھ بېلىق ئويۇنى» دىكى بەزى كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بىر قىسمىدا ئىنسان ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىۋېلىشنىڭ تەپسىلاتلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ۋەھالەنكى بۇ فىلىم بېيجىڭ تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن. ئەمەلىيەتكە قارىساق  كوممۇنىست پارتىيەنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇش بىلەنلا قانائەت قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنى، روھىيىتىنىمۇ بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ يىغىۋېلىپ رەزىل ھاكىمىيەتنىڭ پايدا مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە قاراپ يولغا چىقتى

سە نويابىر 2 , 2021
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە قاراپ يولغا چىقتى

You May Like