ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەردوغانغا ئوچۇق مەكتۇپ!

قىزغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھەرىدە چاقىرىلغان تۈرك كەڭەشىدە «پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر» دەيىش ئارقالىق ئىزچىل تەقىپچىلىكىنى ئۈستىڭىزگە ئالغان پەلەستىن داۋاسىنى تۈرك كەڭەشىگە سۆرەپ ئەكىردىڭىز…

ئەردوغانغا ئۇيغۇرلار توغرسىدا ئوچۇق مەكتۇپ! ! Sayın Erdoğan»a açık mektup

كاشىغەر تۈركچەسىگە ئۆرىگۈچى:  كاشىغەرلىك كۈرشاد

ئۇيۇشتۇرغان: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ھۈرمەتلىك جۇمھۇر باشقانىم:

قىزغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھەرىدە  چاقىرىلغان تۈرك كەڭەشىدە  «پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر» دەيىش ئارقالىق ئىزچىل تەقىپچىلىكىنى ئۈستىڭىزگە ئالغان پەلەستىن داۋاسىنى تۈرك كەڭەشىگە سۆرەپ ئەكىردىڭىز

ھۈرمەتلىك ئەردوغان سىزگە سۇئال قويىمەن:

كەڭەشتە ئىسمىنى ئاغزىڭىزغا ئالىپ باقماغان شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچىدىمۇ ياكى سىرتىدامۇ؟ قەيەردەدۇر؟

شۇئاندا خىتتاي زۇلىمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچىدە، مەركەزىدە ۋە بولۇپمۇ يۈرەكىدە بولغان قەدىمىي تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدەكى يەرى قەيەردەدۇر؟

 شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىنسان ئەمەسمىدۇر؟

شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈرك ئەمەسمىدۇر؟

شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان ئەمەسمىدۇر؟

بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۈمكىن، مەن سىزگە ئېيتاي.

تۈرك تارىخىدە ھۇن ۋە كۆك تۈرك دۆلەتلەرىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈچۈنجى تۈرك دۆلەتى ئۇيغۇر دۆلەتىدۇر.

جۇمھۇرباشقانلىقى گرىبىدە يەر ئالغان 16 يۇلتۇزدىن بىرى بولسا تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلەتىنى تەمسىل قىلماقتادۇر.

تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلەتى بولغان قاراخانىيلار دۆلەتى شەرقىي تۈركىستان توپراقلارىدا قۇرۇلغان ۋە تۈركىستاندا ئىسلامىيەتنىڭ يايىلىشىدا موھىم رول ئويناغان.

تۈركلەرنىڭ يازما تۇنجى ئېنسىكلوپەدىك لۇغەتى كاشىغەردە يەنى كۈنىمىزدەكى شەرقىي تۈركىستاندا مەھمۇد كاشىغەرى تەرەپىدىن يازىلغاندۇر.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى پەلسەپە ۋە قانۇن كىتابى بولغان قۇتادغۇ بىلىگ كاشىغەردە يازىلغان. كىتابنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرەسى كاشىغەردەدۇر.

1863 يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان (كاشىغەرىيە) دۆلەتىنىڭ ھۈكۈمدارى ياقۇپ خان ئوسمانلى دۆلەتىگە بەيئەت قىلىپ سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىدا خۇتبە ئوقۇتقان، پۇل باستۇرغان ئىدى.

ھۈرمەتلىك ئەردوغان،

شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 35 مىليون ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلەرى ئاسسىمىلە بولماسلىق، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلەرىنى قوغداپ قالىش ئۈچۈن «بەدەل تۆلەش» بەدەلىگە تىركەشمەكتەدۇر.

مىليونلاغان قانداشلارىمىز ناتسىست لاگىرلارىغا ئوخشاش خىتتاينىڭ «ئىدىئولوگىيەلىك تەربىيە» نامىداكى لاگىرلاردا پسىخولوگىيەلىك ۋە پىزىئولوگىيەلىك «ئىشكەنجە» كۆرمەكتەدۇر.

شەرقىي تۈركىستانلىق قارىنداشلارىمىز دىنى ئىبادەتلەرىنى ئادا قىلالمايۋاتىدۇ.

روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە باشقا مۇراسىملارىنى ئادا قىلىشى چەكلەندى.

بۇنىڭغا قارشى چىققانلار «تېرورىست» ئىلان قىلىنىپ ئۆلدۈرۈلمەكتە.

ئەرلەرى يىغىپ ئالىش لاگىرلارىغا سولانغان ئائىلەلەرنىڭ ئۆيلەرىگە مەجبۇرىي ھالدا خىتتاي ئەرلەر يەرلەشتۈرۈلۈپ قانداشلارىمىزنىڭ ئائىلەسى بۇلار بىلەن مەجبۇرىي ھالدا بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلارى خىتتاي ئەرلەرى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئۆيلەندۈرۈلمەكتە.

ئاتا-ئاناسى لاگىرلارغا ئەۋەرتىلگەن ئۇيغۇر، قازاق بالالارى «مەلەكلەر لاگىرى» نامىدا قۇرۇلغان لاگىرلارغا توپلانىپ خىتتايلاشىشقا مەجبۇرلانماقتا.

خىتتايلارنىڭ 3. پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان، پەقەت بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بۇ ھەق بەرىلمەگەن. بۇنىڭغا رۇئايە قىلماغانلار ئېغىر جازا بىلەن جازالاندۇرۇلغان.

بۇ خۇسۇسلاردا ئۆرنەكلەرنى كۆپەيتىش مۈمكىن.

 

ھۈرمەتلىك  ئەردوغان:

سىز ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلەرىنىڭ رەھبەرلەرى، سىلەر خىتتاي بىلەن زىتلاشماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانداكى قارىنداشلارىمىز دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇملارنى  كۆرمەسكە سالىپ ئۈچ مايمۇن ئويۇنى ئويناماڭلار.

خۇسۇسەن سىز، پەلەستىن داۋاسىغا كۆرسەتكەن ياقىنلىقىڭىزنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىنمۇ ئايىماغايسىز.

ئۇنۇتماغايسىزكى، سىز بەش مىڭ يىللىق ئۆتمۈشى بولغان ۋە بىر دۆلەت ئەنئەنەسى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلەتىنىڭ جۇمھۇرباشقانىسىز.

ئورخان شەن.

مەنبە: http://www.ortakses.com/sayin-erdogana-acik-mektup-2090yy.htm  

ئ‍ەسكەرتىش:ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرجىمانلارنىڭ كاشغەر تۈركچىسى ئ‍شلىتىش تاللىشنى ھۈرمەت قىلىپ ،ئۆزگەرتمەي ،ئەينەن بىرىلدى،چۈشنىشڭلارنى سورايمىز .

 

 ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۈركچە خەۋەرلەرنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ تۈركچە تور بېكىتىدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن: www.haberuygur.com

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسلىسى تۈركىيە مەجلىسدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

جۈ سېنتەبىر 7 , 2018
(ئىزاھات :تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مۇساپىر ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى،دىنى قىرىنداشلىرىنىڭ يۇرتى،ئەمما ئۇيغۇر خەلقى تارىخى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن،دۇنيا جامائەتچىلىكى ،جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ،غەرپ سياسەتچىلىرى،تاراتقۇلار،ئالىملار ھەتتا خىرىستىئانلار ۋە ختتاي قاتارلىق مىللەتلەرگىچە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەرىكەتكە كەلگەن بۇگۇنكىدەك پەيتتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ھاكىمىيتى ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ھەق تەرەپتە تۇرماقتا يوق،ختتاي بىلەن خەلقئارا بىرلىكسەپ ياساپ،ئۇيغۇر مىللىتى تەلتۆكۈس يوقىلىشقا دۇچ كىلىۋاتقان پەيتتە ،بىلىپ تۇرۇپ ختتايغ

You May Like