ئۇيغۇرىئان: ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

ئۇيغۇرىئان: ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

 ئۇيغۇرىئان: ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئوبزور

ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ۋان دىر لەيەن خانىم ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا بىر يىلدىن ئاشقان، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى دۈشمەنلىك بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ماكروننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئۇنىڭ مېدىيالارغا ئېيتقان :« خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش»تىن كۆرە، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى 60 كىشىلىك سودا ئۆمىكى ۋە خىتاي بىلەن ئىمزالىغان تۈرلۈك سودا كېلىشملىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.

پولىتكونىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماكروننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى شى جىن پىڭنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى توختىتىشقا قايىل قىلالمىغان.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ماكروننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان بىر دىپلوماتىيە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمىغان. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئىلىشنى تەكىتلىگەن. بۇ بۈگۈنكى دەۋردە،  فىرانسىيەنىڭ ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىدا ياۋروپاغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە گۇمان قوزغايدۇ. 

ماكرون خىتاي رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىشتا خىتاينى فىرانسىيە ۋە ياۋروپاغا پايدىلىق بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى پۇرسەتلەرگە قىستاشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ھالقىلىق ۋە ئاچقۇچلۇق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.

ماكروننىڭ شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيەنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىشى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھام بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت.

ماكروننىڭ ئىچكى ۋە ئىقتىسادى سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلىرى ئىلىپ كەلگەن ئىقتىسادى چېكىنىشنى خىتايغا يېقىنلىشىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى فىرانسىيەنى خىتايغا تېخىمۇ بىقىندە قىلىدۇ.

يادرولۇق پىرىنسپلاردا چىڭ تۇرماسلىق، خىتايغا زىيادە يول قويۇش، يۈز ئاۋايلاش ياۋروپانىڭ ئاجىزلىق يۈزىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ماكرون ھەتتا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىدلىدى ۋە ياۋروپانىڭ خىتايغا ئامېرىكىدىن ئايرىم ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ شى جىنپىڭغا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سەھنىدە بېرىلگەن چوڭ مۇكاپات ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش شۇنداقلا غەربنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە بىردەك مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى.

ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خۇددى ياۋروپالا خىتايغا موھتاجدەك مۇئامىلە قىلىش، خىتاينى تېخىمۇ ھەدىدىن ئاشۇرىدۇ.

ياۋروپا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئۆز كۈچىنى تونۇشى ۋە خىتاينىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى  كېرەك.

ياۋروپا كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسى بولۇشى، دېموكراتىك ۋە ئادىل بولغان  ئەدلىيە سىستېمىسى ،ئىقتىسادى كۈچى ۋە ئىنسانىي ياردەم تۈرلىرى بىلەن  كۈچلۈك دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي نوپۇزغا ئىگە. ختتاي ياۋروپانى يوقاتسا، پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتە ئەمەس بەلكى دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشىدۇ.
خىتاينىڭ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار، بۇلار ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى. ياۋروپا بۇنى ئىشلىتىشنى بىلىشى كېرەك.

ياۋروپانىڭ خىتايغا بېقىنىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياۋروپانىڭ ئاجىزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭغا چارە تاپماستىن تۇرۇپ خىتاي بىلەن نورمال سودا ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا يېشىل چىراغ يېقىشلا ئەمەس،بەلكى پىرىنسىپچان، ‍ئادالەتلىك ياۋروپانىڭ چۈشكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ماكرون ياۋروپانى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

يە ئاپرېل 9 , 2023
ماكرون ياۋروپانى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

You May Like