ئۇيغۇردا سياسەت ۋە مۇھەببەت

سياسى پائالىيەتچى بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى—خەلق ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىش روھىدۇر.

ئۇيغۇردا سياسەت ۋە مۇھەببەت

تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

سياسى پائالىيەتچى بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى—خەلق ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىش روھىدۇر.

خەلق ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىش روھى نەدىن كىلىدۇ ؟ شۇ خەلقكە بولغان مىھرى-مۇھەببەت ،ھۇرمەت،ئۇلارنى قەدىرلەشتىن كىلىدۇ.چۈنكى خەلقنى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم ئۇ خەلقكە جاپا چېكىپ ،پىداكارلىق قىلىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدۇ.

ئۆز خەلقىنى ياخشى كۆرمەي ،مىھرى-مۇھەببەت بەرمەي ،قەدىرلىمەي تۇرۇپ قانداقسگە ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان <<قەھرىمان>>،<<جەڭچى>><<ئىنقىلاپچى>>،<<سياسئون>>،<<داھى>>،<<باشلامچى>> بولغىلى بولىدۇ؟

ئنساننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى تۇغما ئالاھىدىلىكتۇر،ئەمما خەلقىنى ياخشى كۆرۈش -قەلىب پاكىزلىقىنى ۋە بەدەل بىرەلەيدىغان جاسارەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

خەلق سۆيگۈسى بىز تۇغۇلغاندا ،بىزگە  تۇنجى مىھىر-مۇھەببەتنى بەرگۈچى ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇققانلاردىن باشلىنىدۇ،بىز بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ،بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار،ئىلىم بەرگەن ئۇستازلار،بىللە ئشلىگەن خىزمەتداشلار بىزگە ئىجتىمائى ھاياتتىكى ئۆزىمىزگە مەنسۇپ خەلقنىڭ خاسلىقىنى بىلدۇرىدۇ ،بىزنىڭ ھايات شەكلىمىزنى ،تۇرمۇشىمىزنى ئۆزىگە باغلايدۇ.بىز كېيىنكى  ھاياتىمىزنى شۇلار بىلەن باغلاپ چۈشىنىمىز ،ئۇلار بىزگە يەنە تەۋەلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ، بىز قۇرغان ئائىلە ،ئايالىمىز ياكى يولدىشىمىز ،پەرزەنتىمىز بولسا بىزگە ئنسانلىقنىڭ ۋە ئۆزىمىز تەۋە بولغان خەلقتىن بىۋاستە كىلىدىغان ،ئۆزىمىزگىلا مەنسۇپ بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى بىرىدۇ .

سياسەت رىئال مەنپەئەتكە باغلانغان بولسا،مۇھەببەت ئنسانلىقنىڭ ئەسلى خاراكتىرىدۇر. سياسەت باشقۇرۇشقا ئائىت بولسا،مۇھەببەت بىغىشلاشقا مەنسۇپتۇر.

مۇھەببەتسز سياسەت-رەزىل سياسەت بولىدۇ.ماكياۋىللى ۋە ئورۋىللىيانچىلار،كوممۇنىزىمچىلار دەل مۇشۇنداق  پەقەت مەنپەئەتنىلا ئاساس قىلغان رەھمسزلىك ۋە مۇھەببەتسزلىكنى مەنبە قىلغان سياسەتنىڭ ۋەكىلىدۇر.

سياسەت رەزىللەر ئۈچۈن رەزىل ۋاستىدۇر ،مسالى ختتاي كومپارتىيەسنىڭ سياسەتلىرى.

ئەمما سياسەت ياخشلار ئۈچۈن ،دۇرۇس ئنسانلار ئۈچۈن تاكتىكا ۋە پاراسەتتۇر.دىموكراتىك دۆلەتلەر بۇنىڭ مسالى.

ئۇيغۇرنىڭ سياسى خىزمىتى -دۆلەت خىزمىتى ئەمەس،رەھبەرلىك خىزمىتى ئەمەس،مۇستەقىل دۆلەتلەردەك قانۇن ئىجرا قىلىدىغان سياسەت ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئازاتلىقى ،ھوقۇقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان قۇربانلىق بىرىدىغان ئازاپلىق سياسەت خىزمىتى .شۇڭا بۇ خىل سياسى خىزمەت بىزدىن ئۇيغۇرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.چۇنكى ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرۇش -جاپالىق سياسى ھەرىكەتلەرنىڭ بىردىنبىر روھى  ئوزۇقىدۇر،باشقا بىزنى قىزىزىقتۇرىدىغان ھىچقانداق خۇشاللىق يوق ، ،خائىنلارنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئش-ئۇيغۇرنى خۇنۇكلەشتۇرۇش،سستىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇچۇن ئويلاش،ھەرىكەت قىلىش قىزغىنلىقىنى يوقتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۇيغۇرلار سۆيۈشكە ،سۆيۈلۈشكە ھەقلىق ئنسانلاردۇر.كۆزەتكۈچىلەر بۇ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۇچۇنلا،ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى تاشقى ئنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات باسقۇچلىرىدا يۈكسەك خسلەتلىرى ، تەبىئەت ۋە مۇھىت، تۇرمۇش ۋە سەنئەت ،ئنسانلىق ۋە دىپلوماتىيە ساھەسدىمۇ پەرقلىق ئەۋزەللىكىمىز بارلىقىنى بىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى پاراسەتلىك، ئەقىللىق ، تىرىشچان بىر خەلقتۇر، ئۇيغۇر مىللىتى -ھاياتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر مىللەتتۇر.ئۇيغۇر مىللىتى تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ ھەممە قاتلىمىدا ئىجادىيلىقى كۈچلۈك بىر خەلقتۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىشەلمەسلىكى ئەڭ چوڭ ئەيىۋى ، ئەمما باشقا مىللەتلەردىن ھىچبىر ئنسانى خسلەتلەردە كەم قالىدىغان يىرى يوق،ئەكسچە تۇرمۇش ، سەنئەت، ماددى ھايات، يىمەك-ئىچمەك، ،دىپلوماتىيە ھەممە قاتلامدا ئۆزلىرى، شۇنداقلا ئنسانىيەت تىچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك،ئەھمىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكى ئسپاتلىنىپ ھەم كۆرۇنۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرنىڭ سياسى خىزمىتى-ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەتنى مەنبە قىلىدۇ.ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرغا قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى تۇرىۋاتىمىز.ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ ئازابىدا ئورتاق ئازاپلىنىۋاتىمىز.ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشنى خالاۋاتىمىز .

ۋەھالەنكى،بىز بىر قسم پائالىيەتچىلەردە مىللەتكە بولغان مۇھەببەتنى كۆرمەيۋاتىمىز،ئەكسچە،تۈگىمەس ئىچكى-ئاداۋەت،ھاقارەتلىشش،بۆلۈنۈشنى كۆرۈۋاتىمىز.

بىر سۇئال : ئەڭ زور بەدەل تۆلەش كىرەك بولغان بىر خىزمەت يولىدا بەدەل تۆلىمەي ،ئەكسچە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھاقارەت ،ئۆچمەنلىك ياغدۇرىۋاتقان كىشلەردە مۇھەببەت يوقما ؟

ئىككىنچى سۇئال :ئەگەر ئۇلاردا مۇھەببەت بولمىسا،نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت بولمايدۇ ؟

جاۋاپ ،چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى نەتىجىلىرى،مەدەنىيەت تۆھپلىرىنى بىلمەيدۇ،مۇھىمى ئۇلار بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تۇرمۇشدىكى ئىجادى ئشلارنىڭ سەلبى ئشلاردىن ،ياخشى كىشلەرنىڭ يامان كشلەردىن كۆپلۈكىنى بىلمەيدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچ قويۇش،تاش قويۇن بولۇپ ئارىلاشمىغان،ئائىلە تەربىيسى ياخشى بولمىغان،ئۇيغۇرلار ئارسىدا سۆيگۇ ،مىھرى-مۇھەببەت كۆرمىگەن كىشلەردۇر.

يەنە بىر سەۋەبى ،ئۇيغۇرلارغا قارشى تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن

بىزنىڭ مىللەت ئەزالىرىنى ھاقارەت قىلىشمىز،ئۆز-ئارا ئۇرۇششىمىز ئىنقىلاپ ھسابلىنامدۇ ؟

بىز ئۆزىمىز تىللاپ تۇرغان ، ياخشى كۆرمىگەن خەلق ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىمىز؟

ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى كۆرۈش كشىدىن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ،چۈنكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئورتاق قىممەت قاراشنىڭ ئاجىز بولۇشى ، مەنپەئەت ئاساس قىلغان سنىپلارنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ،مائارىپ سەۋىيەسنىڭ تۆۋەن بولۇشى -بۇ خىل مۇھەببەتكە بەك كۆپ سناق ئىلىپ كىلىدۇ.سز ھەر قانچە بەدەل تۆلسڭىزمۇ يىللاردىن كىين تۆھمەتكە قىلىشڭىز مۇمكىن،كىچچىككىنە خاتالىقىڭىز پىتىنىخورلار تەرىپىدىن گۇناھى كەبىر ھسابلىنىپ ئىنتىرنىتتا دارغا ئېسلىشڭىز مۇمكىن.سز تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز ئۈچۈن مۇكاپات ئەمەس،غەيۋەت ۋە ھاقارەتكە قىلىشڭىز مۇمكىن،سز غېمىنى يەۋاتقان مىللەتداشلىرىڭىز سزنى دۇشمەن ختتايغا قارشى يالغۇز قويۇشى مۇمكىن.ختتاينى تاشلاپ سزنى ئىنقلاۋى دۇشمەن قىلىشى مۇمكىن.بۇ يامان تەرىپى بولۇپ،بۇنىڭ سەۋەبى ختتاينىڭ سۇيقەستىدىن باشقا،ھەسەتخورلۇق ۋە نادانلىقتىن بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەمما ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كىرەك ،بۇ بەدەل سۆيگۇدىن باشلىنىدۇ :

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،خەلقىڭىزگە ئشنىسز !

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن سۆيۈنىسز !

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىسز !

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭ كەمچىللىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلىسز ،مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشسز!

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭدىن سۆيۇنۇشنى،پەخىرلىنىشنى بىلىسز!

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭغا ئشنىسز ۋە ئۇنىڭغا ئۈمىد ۋە ئشەنچ بىرىسز !

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،سەمىمى مەسلىھەت، توغرا پىكىرلەرگە قۇلاق سالىسز ،سەمىمى مەسلىھەتلەرنى بىرىسز !

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئىچكى بۆلۇنۇش،جىدەلدىن كۆرە ،ھەمكارلىققا ،بىرلىككە كۈچ چېقىرىسز!

ئەگەر سز خەلقىڭىزنى ياخشى كۆرسڭىز،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلى بەدەل تۆلەيسز !

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىچكى دۈشمەن بايقاش،ئۇرۇشۇش،ۋەزىپە -ھوقۇق تەقسملەش باسقۇچىدا ئەمەس،تەقسملىگۇدەك ھوقۇق ۋە بايلىقمۇ يوق .ئىچكى جەھەتتە ھەر قانچە ئىچكى سەزگۈرلۈك ئىشپ دۈشمەن تېپىش خۇمارى قوزغىلىپ كەتسمۇ،دىققەتنى ختتاينىڭ ئىپلاسلىىقىغا ،قىرغىنچىلىقىغا قارىتىش،ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈش بىردىنبىر سياسى خىزمەتكە ئايلانغاندىلا كەلگۈسدىن ئۈمىد بار بولىدۇ.بۇ سياسەتنىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ ئورتاق تەلىۋىدۇر.بولمىسا،بىز ئۇرۇشۇپ قىلىۋىرىمىز،خەلق قىرغىن قىلىنىپ تۈگەيدۇ.ئۇيغۇرنى ھەقىقى مەنىسدىن سۆيمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئۈچۈن سياسەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس .

2018-26-ئىيۇن

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ!

جۈ ئىيۇل 13 , 2018
2015-يىلى باشلانغان شمالى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكا شتاتلىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە كانادادىن كەلگەن بىر كوماندا بىلەن چىمپونلۇقنى تاشلىدىغان بىر پۇتبول مۇسابىقىسى.

You May Like