ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 22-سېنتەبىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىقبال
سىستىمېلىق كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىنىپ كۈنتەرتىپكە كەلگەن خىتاينىڭ شىنجاك ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا(ش ت) مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى پەرزەنىتلىرىنىڭ دارىلتاملارغا ئەۋەتىۋىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ب د ت كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلان قىلغان ئەڭ يىڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ،خىتايدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركى ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇلۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ لاگىرغا سولانغانلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆيلىرىدىن ئىلىپ مەملىكەت مىقياسىدا كۆپىگەن دارىلتاملارغا ئەۋەتىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)لىق 29 ياشلىق مەرىپەت بالىلىرىدىن ئايرىلغان كىشلەر ئىچىدىكى پەقەت بىرسى خالاس. خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ئاۋارچىلىق تۇغدىرىشىدىن قورقۇپ فامىلىسىنى ئىشلىتىشتىن قورققان مەرىپەت ،تۈركىيەگە سۈرگۈن قىلىنغاندىن كىيىن 4 بالىسىن ئايرىلىپ قاپتۇ.
يىغلىمىغان بىر كۈنۈممۇ يوق
يولدىشى بىلەن تۈركىيەدىكى كىسەل دادىسىنى يوقلاپ كەلگەن مەغپىرەت ،شۇنىڭدىن كىيىن خىتايغا(ش ت ) غا قايتالماپتۇ. سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ،چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ھاكىمىيەتنى يىقىتىشقا مۇناسۋەتلىك جىنايەت ئارتىش بىلەن قولغا ئىلىشقا باشلىغانلىقى ئىكەن. قيىنئانىسىمۇ قولغا ئىلىنىغان مەغپىرەت، يۇرتتا قويۇپ چىققان تۆت بالىسىنىڭ بىر دارىلتامغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. «بۇ خەبەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن راسىتىنلابەك ئازاپلاندىم. چۈنكى بالىلىرىمنى ئۆزۈم چوڭ قىلسام دەيىتتىم.»دىگەن مەغپىرەت يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىرىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «ئۇلارنى ھەر ئويلىغىنىمدا، بىشىمغا كەلگەنلەرنى خىيال قىلغىنىمدا، ئۆزۈمنى تۇتالماي قالىمەن . بۇ كۈنلەردە يىغلىمىغان بىر كۈنۈممۇ يوق.» خىتايدا يۈزلىگەن ئوخشىمىغان شىۋىلەر قوللىنىلىنىدۇ. رەسمى تىل دەپ قارالغان ئورتاق تىل (مەندەرىن- خىتايچە) دە گەپلەشمەيدىغان، چوڭ بىر توپ كىشلەر مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى سىنتەبىر ئىيىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان) باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان 2.94مىليۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق تىلدا (مەندەرىن-خىتايچە)دە ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى تەربىيلەشلەردە بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت 5000 كىچىك بالا سىغىدىغان ، ئەڭ ئاز 45 دانا دارىلتام قۇرۇش ئۈچۈن 30 مىليۇن دوللار مەبلەغ ئايرىدى.
خىتاي بۇ ئىترازلارنى رەت قىلىدۇ
خىتاي ، بۇ دارىلتاملارنىڭ يوقسۇل، نامرات بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلرى سولانغان لاگىرلانى بولسا ئىنكار قىلىدۇ.ھۆكۈمەت كىشلەرنى يوقسۇللۇقتىن ۋە تىرۇرىزىمدىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن ، شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان)رايۇنىدا مائارىپقا مىليۇنلارچە مەبلەغ سالغانلىقى بىلەن ماختىنىدۇ. خىتاي ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى جاۋاپكار دەپ قاراپ كىلىۋاتقان يۈزلەرچە ئۆلۈم ۋەقەسى يۈزبەرگەن شىنجاڭ(شەرقى تۈركستان) رايۇنىدا رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈنمۇ ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ كىملىكلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكلىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا كۆرە بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت دارىلتاملارلا ئىشلىتىلمەيدۇ.ھۆكۈمەت ئازسانلىقلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورتاق تىل(مەندەرىن -يەنى خىتايچە) ئىشلىتىشنىڭ ئوررنىغا ، ئۆز تىللىرىنى ئىشلەتكىنىدە جازالايدۇ، سۆزدە «قوشتىل»مائارىپى بەرپا قىلىدۇ.ۋە بۇ مەكتەپلەرگە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىرىشى مەجبۇرىي قىلىنىدۇ. ئابدۇرىھىم ئىمىن، ئىش ھەركەتلىرى ۋە يازغانلىرى سەۋەپلىك خىتاي دائىرىلىرى ئارام بەرمىگەن بىر شائىر ۋە يازغۇچى .خىتايدىن 2013-يىلى قىچىپ چىققان ئىمىن ،شۇنىڭدىن بىرى بەش بالىسىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان. 2014-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ئىمىن ، ئائىلسىگە زەيتىن يىغى ۋە بەزى يىمەكلىلەرنى ئەۋەتىپتۇ. ساقچىلار چەتئەل بىلەن ئالاقىس بار دىگەن نام بىلەن ئايالىنى 2015-يىلى سىنتەبىردە قولغا ئاپتۇ. ئىمىن كىيىنكى يىللاردا شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىن كەلگەن كىشلەردىن ئىككى بالىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى،قىزنىڭ بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ. ئازسانلىق ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان پەيزىۋاتتا خىلى كۆپ ياتاقلىق مەكتەپلار تىپىلىدۇ.تىكەنلىك سىملار بىلەن ئورالغان مەكتەپلەردە ،كۆزىتىش كامىرالىرى ۋە ماشىنا توسۇقلىرى مەۋجۇت. مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ساقچى مەركىزى بولۇپلا قالماي، قورۇنى يۇقىرىدىن كۆزىتىپ تۇرىدىغان دىجۇرنىلىك مۇنارى بار. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىكى باياناتچىسى گېڭ خۇاڭ، كۈندىلىك ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنلىرىدا شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى سىياسەتلەرنىڭ رايۇننىڭ مۇقىملىقىنى ۋە تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەنبە: http://www.haber7.com/dunya/haber/2717960-uygur-turklerinin-feryadi-aglamadigimiz-gun-yok?wr=1