ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلاتنى ئىلان قىلدى

مەنبەسى: ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلات بۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىسىتراتېگىيەلىك سىڭىپ كىرىشىنى ئانالىز قىلىنىدۇ. دوكلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئاساسى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرىنىڭ مۇھىم رولىنى تەكشۈرۈشتىن باشلىنىدۇ ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كارىدور سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئانالىز چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، ئىككى تەرەپلىك سودىنى كۈچەيتىش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، دوكلاتتا بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئاقىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە ۋە سودا ئالاقىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ قەرز توزىقىغا باشلاپ كىرىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان بېقىنىشىنى ئاشۇرغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. دوكلات يەنە خىتاينىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ.

دوكلاتنىڭ باشقا تىللاردىكى نۇسخىلىرى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي خەلقئارا سوتقا «بېسۋىلىغان خەلقلەرنىڭ قوراللىق ئۇرۇش قىلىشى تىرورلۇق ئەمەس» دىدى

جۈ فېۋرال 23 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-فېۋرال قاتار ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئەلجەزىرە خەۋەر قانىلىنىڭ نەق مەيدان خەۋەر قىلىشچە، ختاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى خەلقئارا سوتقا مۇنداق دىگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى1973-يىلى ماقۇللىغان 3070 -نۇمۇرلۇق قارارنامىسگە ئ‍اساسلانغاندا، «بىز خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ بېسۋىلىشىغا ۋە ياتلارنىڭ ئېزىشىگە قارشى بارلىق مۇمكىنچلىكى بولغان ۋاستىلەر بىلەن قارشىلىق […]
ختاي پەلەستىننى قوللايمىز

You May Like