ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى مالايسيا ۋە ھىندونوزىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى مالايسيا ۋە ھىندونوزىيەدە زىيارەتتە بولۇپ رەھمەت ئىيتتى ۋە مەسلە ئاڭلاتتى . مالايسيا ۋە ھىندوزىيە ئسلام دۇنياسدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان دەسلەپكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى مالايسيا ۋە ھىندونوزىيەدە زىيارەتتە بولۇپ رەھمەت ئىيتتى ۋە مەسلە ئاڭلاتتى . مالايسيا ۋە ھىندوزىيە ئسلام دۇنياسدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان دەسلەپكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،2018-يىلى نويابىر ،دىكابىر ئايلىرىدىن باشلاپ، ھىندوزىيە پايتەختى جاكارتا، مالايسيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇرلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايشلىرى ئىلىپ بىرىلىپ، خىتتاي كومپارتىيەسنىڭ ئىرقى قىرغىنچلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. مۇسۇلمان تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان بۇ نامايىشلار تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ كۇچلۇك تەسر قوزغىغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بىرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقىنڭ رەھمىتنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى بەرگەن. شەرقى تۈركستان مائارىپ تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، شەرقى تۈركستان مىللى مەجلىسى رەئىسى سىيت تومتۈرك باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن قاتارلىقلار بىر ھەيئەت بولۇپ مۇھم ئۇچرىشش ۋە سۆھبەتلەردە بولغان. مالايسيا ۋە ھىندونىزىيەدىكى بىر قسم مەمۇرى تارماقلار ،تەشكىلاتلار ، ۋە شەخسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۇل بۆلگەن بولۇپ ،بۇ زىيارەتلەر تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان .

ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى مالايسيا ۋە ھىندونوزىيەدە زىيارەتتە بولدى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قاباھەتلىك چۈش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپلىق تاللاش

چا يانۋار 16 , 2019
نۇر ياپونىيىدە ئوقۇشنى ئىزچىل ئارزۇلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ توكيو سەپىرىگە ئاتلانغاندا، بۇ ئارزۇلىغان گۈزەل چۈشىنىڭ قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

You May Like