زىمىستان تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 23- دىكابىر
خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-23
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى دائىرىلەر ئاتالمىش ‹‹مۇقىملىقنى قوغداش›› نى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، خلمۇ-خىل مۇقىملىقنى قوغداش نەيرەڭلىرىنى قوللانماقتا . خىتاي كومپارتىيىسى قوللىنىۋاتقان نەيرەڭلەرنىڭ بىرى بولسا شۇ جايدىكى كىچىك سودىگەرلەرنى زورلۇق بىلەن ئىزىش بولۇپ، ئۇلارنى قىممەت باھالىق ‹‹ترورىزىمغا قارشى›› تەدبىرلەرنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىمەنە، يولسىز تەلەپلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان. مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ‹‹ترورىزىمغا قارشى›› ھەرىكەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى بىر چەتكە تاشلاپ قۇيۇلغان.
سودىگەرلەر چوقۇم سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تۆمۈر قوزۇقى ئورنىتىشى كېرەك
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ساۋەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەر بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تۆمۈر قوزۇقى ئورنىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تۆمۈر قوزۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر، ئىچى سېمونت قۇم بىلەن تولدۇرۇلغان، يەر ئاستى قىسمى 70 سانتىمېتىر، يەر يۈزىدىن كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قىسمى 80 سانتىمېتىر، يەر يۈزىدىن كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قىسمى سېرىق، ئاق يول-يول سىزىقلار بىلەن سىرلىنىشى، ھەمدە قوزۇقلارنىڭ بىر سىزىقتا بولىشى تەلەپ قىلىنغان.
ساۋەن ناھىيىسىدىكى دۇكان ئالدىغا ئورنىتىلغان سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش تۆمۈر قوزۇقى
بۇ بۇيرۇقنى ئىجارا قىلمىغان دۇكانچىلار ئېغىر جازالاش ۋە ئەيىبلەشكە دۇچ كىلىدىكەن، كېيىن يەنە بۇ قوزۇقلارنى ئورناتمىسا، تەربىيلەش مەركەزلىرىگە سولىنىدىكەن. ساۋەن ناھىيىسىدىكى بىر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ھەر بىر قۇزۇققا 360 يۈەن بەلگىلىگەن بولۇپ، كېيىن دۇكانچىلارنىڭ باھانىڭ قىممەت بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقلىرى سەۋەپلىك، ھەر بىر قوزۇقنىڭ باھاسى 100 يۈەن ئازايتىلغان.
سودىگەرلەر چوقۇم ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن تېلېفون ۋە تېلېفون كارتىسىنى سېتىۋېلىشى كېرەك
بىر سودىگەرنىڭ پاش قىلىشىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى سودىگەرلەرنى تېلېگراف شىركىتىنىڭ تېلېفونى ۋە تېلېفون كارتىسىنى سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان، تېلېفون 24 سائەت ئۇچۇق تۇرۇشى كېرەك بولۇپ، ساقچىلارنىڭ سودىگەرلەرنى چاقىرىشى قۇلاي بولىشى ئۈچۈن ئىكەن، دېمەككى، سودىگەرلەر قاچان چاقىرىلسا دەرھال ئۈنۈپ بۇلۇشى شەرت ئىكەن، ئەگەر سودىگەرلەر كېلەلمەي قالسا قاماققا ئېلىنىدىكەن.
مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانى (يېزا دەرىجىلىك ئورۇن) يەنە مۇنداق بەلگىلىمە چىقارغان: كىمنىڭ تېلېفونى تاقاق بولۇپ ئۇلانماي قالسا، بىۋاستە مائاشى ياكى پېنسىيە پۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە يەنە تۇتۇلۇش خەۋپى بار ئىكەن.
بۇ سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار خالىغان ۋاقىتتا سودىگەرلەرنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تېلېفونىغا يۇشۇرۇن تىڭشاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان. دۇكان خوجايىنلىرى ئادەتتە بىللە پاراڭلىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ، خاتا گەپ قىلىپ قويۇپ تۇتۈلۇشتىن قورقىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، ھۆكۈمەت بارلىق دۇكانلارغا ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى بولغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن ئېلىش ئاپاراتى ئورنىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 2000 يۈەن خەلق پۇلى كىتىدىكەن.
ئۇ يەنە، ‹‹ھازىر كۈن ئالماق تەس بولۇپ كەتتى، خېلى كۆپ دۇكانلار تاقالدى››دېدى.
سودىگەرلەر سودا قىلمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتمايدۇ، ئوقوغۇچىلار دەرس ئوقۇمايدۇ
زىمىستان تورىنىڭ ئىلگىرى خەۋەرلىرىگە كۆرە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى دائىرىلەرنىڭ 10 دوككان بارابەر ساقلىنىش سىياسىتى كۆپلىگەن كىچىك دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سودىگەرلەردىن چوقۇم مۇداپىئە كۆرۈش فورمىسى، كالتاك، قالقان، تۆمۈر قالپاق ۋە بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى سەپلەش تەلەپ قىلىنغان. ئۇلار ھەم پات- پات ‹‹ترورىزىمغا قارشى›› مانېۋېر قىلىشى كېرەك بولۇپ، كىم قاتناشمىسا سودىسى توختىتىلىدىكەن، ھەمدە «تەربىيلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سودىگەرلەر يەنە تولۇق قوراللانغان ھالدا نۆۋەتلىشىپ كوچىلارنى چارلىشى كېرەك ئىكەن. بەزى سودىگەرلەر ئەسلىدە قىشتا تىجارەت قىلمايدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ جەرياندا يەنىلا چوقۇم چارلاشقا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنداق قاتتىق بېسىش سىياسىتى ئاستىدا ، نۇرغۇن سودىگەرلەر تىجارىتىنى داۋمشلاشتۇرۇشقا ئامالسىز دۇكانلىرىنى تاقىغان.
‹ترورىزىمغا قارشى›› مانېۋېردا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە كىيىملەر
سودىگەرلەردىن تاشقىرى، مۇقىملىقنى ساقلاش مانېۋېرلىرى مەكتەپلەردىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى مەلۇم بىڭتۇەندە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ مانىۋېرغا قاتنىشىشى كېرەك بولۇپ، دەرس ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ، رادىيودا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ھامان، ئۇقۇتقۇچىلار كىتاپنى قۇيۇپ، دەرھال سىنىپتىن چىقىپ مانېۋېرغا قاتنىشىدىكەن. مانېۋېر جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار يەنە مۇقىملىقنى ساقلاش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشى كېرەك بولۇپ، جاۋاب بېرەلمىسە ئۆيگە قايتىپ تاماق يىيىشكە روخسەت قىلىنمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا، ئوقوغۇچىلارمۇ سىرتىدا قالمىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ «مۇقىملىقنى قوغداش» قا قاتنىشىدىكەن، ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بېڭۇەن دائىرىسىدە سەھەر سائەت بىرگىچە چارلايدىكەن. ھەر قايسى يول ئېغىزى، تاللا بازارلىرىدا ئۆتكەل قۇرۇلغان بولۇپ، كەيپىيات كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ.
مەكتەپ مۇدىرى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدا مۇنداق دېگەن: ‹‹ ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەمەس. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) نىڭ ئاسالىق خىزمىتى، دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئادەم تەربىيلىمىسىمۇ بولىدۇ، ھەممەيلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىش كېرەك.››
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.