(19-مارتتىن 26-مارتقىچە)ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى

(19-مارتتىن 26-مارتقىچە) ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى

 ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى  (19-مارتتىن 26-مارتقىچە)

 ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى. بۇ قېتىمقى پروگراممىمىزدا بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا مىقياسىدا  يۈز بەرگەن مۇھىم خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:

 ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى 

23-مارت كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەر خىل شەكىلدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق شاھىتلىرى بولغان.

ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان 19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ يىغىنغا قاتناشقان كەۋسەر ۋاھىت، 23-مارت كەچتىكى يىغىن ھەققىدە قوبۇل قىلغان زىيارىتىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۈچ سائەتلىك يىغىن جەريانىدا خىتايغا قاراتقان كەسكىن سۆزلىرىدىن، سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن پات ئارىدا قۇتۇلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ قىزى سۈبھى مەمەت، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان سەيپىدىن ھېمتنىڭ ئوغلى دىليار سەيپىدىن ۋە پاسپورتى تارتىلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن بەش ياشلىق قىزىنى بىر قېتىممۇ يۈز-تۇرانە كۆرۈپ باقمىغان ئابلىمىت ئابلىزنىڭ ئايالى ئادالەت سابىت قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلىدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارال ئېلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ بۇ يېڭى قاباھەتنى توختىتىشقا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ ھالنىڭ دۇنياۋى بىرلىك ئېلىشتىن يىراق بولۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى تەرەققىياتلار بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، ھازىر بىر دۇنياۋى مەسىلىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدا يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر شاھىتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۈچ سائەتلىك مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە رامزان ئېيى باشلىنىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار تۇنجى «قۇرئان» ئايەتلىرى نازىل بولغان خاسىيەتلىك ئاينى قۇتلۇقلاۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىكنى تەكىتلەپ: «بۇ كومىتېتتا بىز قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى ئاز دېگەندىمۇ كەلگۈسى 50 يىلدا، يەنى شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىق 21-ئەسىردىكى بىر قاباھەتلىك مىسال تەرىقىسىدە ئەسلەنگەندە، ھېچقانداق بىر سىياسىيون ياكى مەبلەغ سالغۇچى ۋە ياكى بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  باشلىقى پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ‹بىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىمىز بولماپتىكەن› دېمەسلىككە كېپىللىك قىلىش» دېدى. ئارقىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ شاھىتلىرىدىن ئېلى ۋېسېل (Elie Wiesel) نىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېسېل (Elisha Wiesel) نىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئەۋەتكەن ۋىدىيولوق سۆزىنى ئاڭلاتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى «ئامېرىكا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى»دا ئېچىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنلىرى ئىچىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى، يۇقىرى پەن-تېخنىكاغا تايىنىپ تۇرۇپ پۈتكۈل بىر مىللەتنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلارنى ئاڭلىدى. ئۇلار بىردەك ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش «زالىم ۋە ياۋايى» بىر ھاكىمىيەتنى بىتچىت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسگە چېتىلىدىغان ھەل قىلغۇچ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بەس-بەستە تەكىتلەشتى.

3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان گۇۋاھلىق يىغىنى ھازىرغا قەدەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ كۆپ پالاتا ئەزاسى قاتناشقان، شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر. 

ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا خىتايدا ياسالغان ئوق دورىلار بارلىقى دەلىللەندى

ياپونىيە «كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى» (Kyodo News) نىڭ 18-مارت بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر جۈمە كۈنى مۇخبىرغا ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانىدىن خىتايدا ياسالغان ئوق دورىلارنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوق دورىلارنىڭ تەركىبى، ۋە باشقا نۇقتىلارنى تەپسىلىي ئانالىز قىلغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئوق دورىلار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار مەلۇم ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارى بۇ ئوق دورىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن، ئەمما ئەسكەرتىپ: « ئەگەر بېيجىڭ دائىرىلىرى راستتىنلا رۇسىيەگە ئوق دورا تەمىنلىگەن بولسا ۋاشىنگتون چوقۇم مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېگەن. 

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى (20-مارتتىن 22-مارتقىچە) ھارپىسىدا «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى» نىڭ پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشى، شۇنداقلا مەزكۇر خەۋەرنىڭ تارقىلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا 17-مارت «ب ب س »نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ :« ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇش توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۇق، ئەمما ئىشىنىمەنكى خىتاي تېخى رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغان باسقۇچقا كەلمىدى…» دېگەن.

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىرانسۇز سىياسەت ئانالىزچىسى بونداز شى نىڭ رۇسىيە زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ: « ئەگەر شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشسە، خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى روسيە فېدېراتسىيەسى پۇقرالىرى ئۈچۈن 10 يىللىق ۋىزا بىرىش سىياسىتىنى چىقاردى

قازاقىستان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى روسيە فېدېراتسىيەسى پۇقرالىرى ئۈچۈن 10 يىللىق ۋىزا بىرىش سىياسىتىنى چىقارغان بولۇپ، تېخى يولغا قويۇلمىغان.ئەگەر بۇ سىياسەت ئەمىلىلەشسە روسيە پۇقرالىرى قازاقىستانغا بېرىپ 10 يىلغىچە تۇرۇش ،خىزمەت قىلىش،تىجارەت قىلىش قاتارلىق ھەقلەرگە ئىگە بولىدىكەن.ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇنداق سىياسەتلەر ناھايىتى يىراق مەزگىلنى كۆزلەپ يولغا قويۇلدىغان بولۇپ،روسيەنىڭ ئوكرائىنانى ئىشغال قىلىشىنىڭ ئاساسى مەقسىتى 
بۇرۇنقى سوۋىت ئىتىپاقى  ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش بولۇپ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن. قازاقىستاننىڭ بۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋىزا يولغا قويۇشى روسيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا ئىشغالىيتى پىلانىنىڭ باشلانغۇچى بولىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

پىلانلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن: ئۇيغۇر تۆرە
كىلەر ھەپتە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار!

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(13-مارتتىن 19-مارتقىچە)

يە مارت 26 , 2023
ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(13-مارتتىن 19-مارتقىچە)

You May Like