ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا بىزنىڭمۇ قولىمىز بار

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنگە كۈندە ئىرقى قىرغىنغا دۇچ كېلىشىدە، تىلدىن، مەدىنىيەتىن مەھرۇم ھالەتتە يوقۇلۇش گىردابىغا قىستىلىشىدا بىزنىڭ، يەنى ماڭا ئوخشاش زىيالىلارنىڭمۇ بىر ئۈلۈشى بار. بىز زىيالىلار يا سىياسەتچىلىك قىلىپ خىتايغا، ئەمەلگە ئالدىنىپ بىخۇتلاشتۇق، خەلقنىمۇ بىخۇتلاشتۇردۇق، ياكى خەلقنىڭ ئالقىشلىرىغا ئالدىنىپ ئۇلارنى كېلىۋاتقان ئاپەتتىن ساقلاپ قالالمىدۇق. ئۇلارنى يېتەكلەپ قۇتۇلۇش تۈگۈل تۇتۇلدۇق.

ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى مۇھاجىرەتتىمۇ نادانلىقنى مىللىيلىك، خۇراپاتنى مىللىي قەدىرىيەت، جاھالەتنى قەتئىيلىك، ياۋايىلىقنى ئەركەكلىك دەپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز. دېمەك، بىلگەننىڭ، ئوقۇغاننىڭ، ھەتتا بەزىلەردىكى جاھان كۆرگەننىڭ ھېچ بىر پايدىسى بولمىدى.

زىيالىلارنىڭ خاتالىقى: بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرىنى ياخشى تەتقىقات قىلىپ خەلقىمىزنى ئاگاھلاندۇرالمىدۇق. ئىككىنچى بىرى، خەلقىمىزنى خۇراپاتتىن ئاگاھلاندۇرالمىدۇق، كىشىلەر قارىغۇلارچە ساختا خەلىپىلىككە چوقۇنۇپ، مىڭلاپ سۈرىيەگە سەپەر قىلغاندا مەردانىلەرچە توسىيالمىدۇق. ئۈچىنچى، خەلقنىڭ نادانلىقىنى، قاششاقلىقىنى مىللى ئەنئەنىمىز دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ تېخىمۇ مۇتىئەسسىپلىككە يول ئاچتۇق. تۆتىنچى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار ئەسەبىيلىكنى بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئامىل دەپ لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ، پروگراممىلارنى ئىشلەپ مىللەتنىڭ تەلۋىلىككە قاراپ چېكىنىشىگە، ئەقىلدىن ئېزىشىغا يول ئاچتۇق.

نەتىجىدە ئەقىلدىن ھالقىغان خىياللار ئالقىشلىنىدىغان بولدى. زامانىۋىيلىققا، تەرەققىياتقا پەنگە بولغان ئۆچمەنلىك يامراپ كەتتى. زىيالىلار ۋەتەندە ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، ئەمما تەرەققىياتىغا، مەۋجۇتلۇقىغا پايدىسىز دەرسلەرنى تارقاتتى. ئۇلار تۈمەنلەپ پۇل ئېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ، تىجارەتچىلەرنىڭ پايدارى بولۇپ سودىگەرلەرگە ئايلانغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بولۇپمۇ 2012-يىللاردا تەبلىغچىلەر، لېكسىيەچىلەر، چەتئەلچىلەر ئۆزىمىز بىخەتەر يەرلەردە تۇرۇپ، جىھات، ھىجرەت، خەلىپىلىك قۇرۇش ھەققىدە ئۈندىدارغا ئۇيغۇرلارنى توپلاپ بەردۇق. دىنى كىتاپلار، سىنلار، نۇتۇقلارنى تارقىتىپ، خىتاينىڭ كىمنى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئۆزىمىز دەپ بەرگەن يىللار بولدى.

خەلقنىڭ چاۋاكلىرى، ئەگىشىپ بېرىشى، ئامىنلىرى كاللىلارنى قىزىتىۋەتتى. شۇ سەۋەپتىن يازارلار، پروفېسورلار، دوكتۇرلار ھەقنى ئەمەس تىجارەتنى، چاۋاكنى، داستىخاننى كۆزلەپ قەلەم تەۋرەتتى، كىتاپ يازدى، دەرس سۆزلىدى. مەنمۇ شۇنداق قىلغانلاردىن بىرى. مانا بۈگۈن يا تېبەت، يا موڭغۇل، ئۇچرىمىغان ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ نەسلىمىز قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

بىز زىيالىلار ئاۋامغا ياقىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، تەبلىغلەرنى قىلىپ ئاۋام ئامراق تۇيۇق يولنى جەننەتكە تۇتاشقان يورۇق يولدەك كۆرسىتىپ خاتالىق ئۆتكۈدۇق. يۇقارقى ساۋاقلار يەكۈنلىنىشى، قايتا سادىر بولماسلىقى كېرەك.

ئەگەر بىز چاۋاكنىڭ چىرىتىشىدىن، پۇلنىڭ سېتىۋېلىشدىن، ھوقۇقنىڭ ئىشتىياقىدىن قۇتۇلمىساق، ئەقىلنى تەشەببۇس قىلمىساق، پەننى تەكىتلىمىسەك، مەنتىقە ئىشلەتمىسەك، خۇراپاتنى مەدەنىيەت، قۇللۇقنى ئىتىقات، تەلۋىلىكنى قەھرىمانلىق دەپ ماختاشنى داۋام قىلساق، ئۇيغۇرنىڭ يوقۇلىشىنى ئۆزىمىز تېزلەتكەن بولۇمىز.

دۇنيادا زىيالى ئاۋامنى يېتەكلەيدۇ، ئاۋامنىڭ چاۋىكى، خېرىدارلىقى، داستىخېنى زىيالىلارنى چۈشەپ قويماسلىقى ئۇلارنى ئەگەشتۈرىۋالماسلىقى كېرەك.

بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بۈگۈنكى قىرغىنچىلىققا تۆھپە قوشمايمەن، پاجىيەدىن ئىبرەت ئالىمەن دەيدىكەن. زۇلمەتكە، خۇراپاتقا قارشى نۇر-زىيا بولىمەن دەيدىكەن. زۇلۇم، قۇللۇق، تاجاۋۇز، قىرغىنچىلىققا قارشى بىر زىيالى بولىمەن دەيدىكەن مۇستەقىل پىكىر قىلىشى كېرەك. ئۇلار يا سىياسەتچى ئەمەس، قوللىغۇچىلارنىڭ ئازلاپ سايلىنالماسلىقتىن قورقۇپ كېتىدىغان، يا تىجارەتچى ئەمەس، خېرىدارىم ئازلاپ زىيان تارتىشتىن ئەنسىرەيدىغان.

ئۇيغۇر زىيالىلار چاۋاكچىلىق، ئالقىشخۇمارلىق، تاماخورلۇق زېھنىيىتىدىن قۇتماي تۇرۇپ نۇر تارقىتالمايدۇ. ئۇلار سىياسەتتىن قورقۇپ، سىياسەتچىلىك قىلىپ، سىياسى كۈچلەرگە كۈچۈكلىنىپ ياكى مەپتۇن بولۇپ مىللەتنى يورۇقلۇققا باشلىيالمايدۇ. ئۇلار پۇلغا، نەپكە دۈم چۈشۈپ مۇستەقىل ئاڭغا ئىگە بولالمايدۇ. نەتىجىدە ئىقتىساد ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى يوقاتماقچى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قارشى يۈرگۈزقۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا تۆھپە قوشۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ختايغا 3 كۈنلۈك زىيارەت قىلدى

شە ئاۋغۇست 31 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئاۋغۇست ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 2 يىلدا ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ختايدىن بەكرەك تىرشچانلىق قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ختاينىڭ ئالدىغا سالامغا بىرىۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتتىق قول سياسەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ختايغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت قىلدى. ئۇ ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى […]
شى جىن پىڭ ۋە سۇلىۋان

You May Like