ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى

تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان

ئېىنىقىلىما:

ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگىكى نۆۋەتتە ختاي ھۆكۈمىتى ھامان بىر كۈنى تەلتۆكۈس يوقتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كىين جسمىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش ئۈچۈن يولغا قويغان سياسىتى بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۆپ تىلغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت سياسى تېمىدۇر.

ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ رولى:

مەجبۇرى (قۇل)ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ياكى چەكلەش-بىرلا ۋاقىتتا ھەم ختايغا ئېقتسادى زىيان ئىلىپ كىلەلەيدۇ، شۇنداقلا ختاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلشىتا ، دۇنياۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ختاي شركەتلىرىگە ئېقتسادى بېسم ئىلىپ كىلەلەيدۇ.بىر قسم ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلالايدۇ.

ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل)ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى:

ئامېرىكا ماقۇللىغان مەزكۇر قانۇن-ئامېرىكا تارىخىدىكى ئېقتسادى ۋە سياسى ئاقىۋىتى زور بولغان، خەلقئارا مۇناسۋەتلەردىكى تەسىرى ئەڭ زور بولغان كۈچلۈك قانۇنلارنىڭ بىرى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 5 منسترلىك ئورگىنى كۆزىتىش ۋە ئىجراغا مەسئۇل.

500 دىن ئارتۇق سودا مەسلىھەتى ۋە قانۇنى ۋاكالەت شركەتلىرى ئامېرىكا ۋە ختايغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ۋە شركەت ئورۇنلىرىغا مەزكۇر قانۇنغا ئالاقىدار نازارەتچىلىك ، مەسلىھەتچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.

مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئ‍شلەتكەن بارلىق مەھسۇلاتلار ۋە چېتشلىق شركەتلەرنى چەكلەش ۋە جازالاشنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگىكىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بايقىغان قۇل ئەمگىكىگە چېتشلىق مەھسۇلات، زاۋۇت،ماركىلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە پاش قىلسا بولىدۇ، ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلمىغان بولسا، ھۆكۈمەت ئۈستىدىن قانۇنى شكايەت قىلسا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار چەتئەلدە تۇرۇپ قىلالايدىغان ھەرىكەت تۈرلىرى:

1-ختاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ھەققىدە سۆزلەش، يېزىش؛

2-مەجبۇرى ئەمگەككە چېتشلىق مەھسۇلات، شركەت، ماركىلارنى مەلۇم قىلىش؛تەتقىق قىلىش ۋە ئ‍سپات توپلاپ ھۈججەتلەشتۈرۈش؛

3-مەجبۇرى ئەمگەككە چتېشلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان تور دۇكانلىرى، ئەپ دىتاللىرى، شركەت ۋە شەخسلەرنى تاراتقۇ، ھۆكۈمەت ۋە ئاممىغا پاش قىلىش؛

4-مەجبۇرى ئەمگەككە چتېشلىق شركەت ۋە كارخانىلار ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بىلدۈرۈش

5-مەجبۇرى ئەمگەككە چتېشلىق شركەت ۋە كارخانىلارنى رەسمى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغاش

مېسالى:

1-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئ‍ۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى.. قاتارلىق تەشكىلاتلار مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى ھەققىدە كۆپ قېتىم لوببيچىلىق پائالىيەتلىرى ئىلىپ باردى. كۆپ قېتىم ئ‍اممېۋى لېسكيە ئۇيۇشتۇرۇپ، ختاينىڭ مەزكۇر ساھەدىكى جىنايەتلىرىنى تونۇتتى.

2-ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى -بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئىلان قىلدى.

3-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى كۆپ تىل قاناللىرىدا، بۇ ھەقتە ماقالە ۋە ۋىدىئولۇق ئ‍سپاتلارنى ئىلان قىلدى.

4-ۋول سچرىت ژۇرنىلى باش بەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ئالى بابا بىلەن ھەمكارلىشپ، ئىلان چىقارغاندا، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان نارازىلىق باياناتى ئىلان قىلىپ،«ۋل سچرىت-نوپۇزلۇق ئامېرىكا تاراتقۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلىبابادەك قىرغىنچىلىققا شرىك شركەت بىلەن ھەمكارلىششنى توختىتىشى كىرەك.»دىگەندىن كىين،ۋول سچرىت دەرھال مەزكۇر ئىلاننى ئۆچۈردى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىران ئ‍سرائىلىيەگە رەسمى ھۇجۇم باشلىدى، ھىزبۇللا ئ‍سرائىلىيەگە جەنۇبتىن ھۇجۇم باشلىدى

شە ئاپرېل 13 , 2024
ئىران ئارمىيسى بۈگۈن رويتىرىسقا مۇنداق دىدى: ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلاندى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئىلان قىلغان خەۋەردە، ئىران جۇمھۇريەت مۇھاپىزەتچى ئارمىيسى شەنبە كۈنى كەچتە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە 100 دىن ئارتۇق دىرون (ئۇچقۇچسز ھۇجۇمچى ئايرۇپىلان) ئەۋەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە يېتىپ بارىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. بۇ ئىراننىڭ […]

You May Like