مەتبۇئاتلاردا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك دېلوسى

رېيتېر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك دىلوسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 8-ئۆكتەبىر

 

مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى

 

 

يېقىندا رېيتېر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ئامېرىكىنىڭ تىزگىنەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» (UEI) بىلەن «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈپ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجۇ شەھىرىگە يۆتكىگەن. بۇ ۋەقە ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى جەزملەشتۈرۈلگەن دېلو بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: 2019-يىلى مايدا «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتى ئۈچىنچى تەرەپ ۋاسىتىچىسى ئارقىلىق «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دائىرىلىرى بىلەن «ئىشچى يۆتكەش پىلانى» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بۇ كېلىشىم بويىچە 2020-يىلى 2 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا 6تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تەخمىنەن 400 ئىشچى گۇاڭشى ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چىنجۇ ۋە خوتەن شەھىرىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم 100 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گۇاڭشىغا ئۇچقانلىقى مەلۇم بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە بۇ ئىشچىلارنى يول بويى ساقچىلار بىللە ئېلىپ ماڭغان. 

خىتاي تاراتقۇسى «ئىقتىساد گېزىتى» ۋە چىنجۇ شەھىرىدىكى خىزمەت ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقارغان رەسىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: 2020-يىلى 28- فېۋرال ئۇيغۇر ئىشچىلار تاڭ سەھەردە خوتەن شەھىرىدىن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئايروپىلانغا چىققان. چىنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ توردىكى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدىكى رەسىملەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئىشچىلار نەننىڭ ئايروپورتىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوندىن ئارتۇق فورما كىيگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقىلغان ۋە ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنجۇ شەھىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان.

بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار ۋاسىتىچى شىركەت تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئوپچە توختام تۈزۈلۈپ شۇلار تەرىپىدىن مائاش بېرىلگەن بولۇپ،  «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون»  شىركىتى بىلەن بىۋاسىتە ئايرىم توختام تۈزىمىگەنلىكى مەلۇم بولغان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان  «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇيغۇر ئىشچىلار مائاشىنىڭ زاۋۇتتىكى باشقا ئىشچىلار بىلەن ئوخشاشلىقىنى شۇنداقلا چىنجۇ شەھىرىدىكى يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ھازىر چىنجۇدىكى زاۋۇتتا 365 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ بارلىقىنى، شىركەت ئۇلارنىڭ پەقەت گۇاڭشىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئايروپورت ۋە پويىز ئىستانىسىلىرىدىن چىنجۇغا كېلىشىدىكى ھەقلىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ» دا قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاللىنىپ كىملەرنىڭ مەبلىغى بىلەن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرنى بىلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ پەقەت «شىنجاڭ» ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاسىتىچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئەمما  مەزكۇر ۋاسىتىچى شىركەت توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبلىك رېيتېر ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى مۇستەقىل بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلمىگەن.

 «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئۇيغۇر ئىشچىلارغا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىشچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلمىغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىرلار قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ خىزمەت شارائىتلىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى نۇقتىلارنى بايقىغان. مەسىلەن سىرتتىن ئايرىۋېتىلگەن ھالدا يالغۇز ئىشلەش، ساقچىلارنىڭ كۈزەتچىلىكى ئاستىدا ئىشلەش شۇنداقلا ئەركىنلىكىگە چەك قويۇش قاتارلىقلار.
 
 چىنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرى ۋە يەرلىك دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ تەپسىلىي دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياش ئۇيغۇر ئىشچىلار يۇرتىدىن بۇ گۇاڭشىغا ئېلىپ كېلىش سەپەرلىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپلا قالماي، زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمۇ «شىنجاڭ» دىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ يۈكسەك نازارىتى ئاستىدا بولغان. ئۇلار ئايرىم ياتاقلاردا ئۇخلىغان، ئايرىم زالدا غىزالانغان. ئەمما زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر بولمىغان ئىشچىلار بۇنداق نازارەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار مەزكۇر زاۋۇت ۋە چىنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «مائارىپ پائالىيەتلىرى» گە قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن. چىنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى مائارىپ پائالىيەتلىرى شىركەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى  پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېنىقلىيالمىغان. ئەمما ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قارىتىلغان ئىكەن. 
 
 خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «شىنجاڭ»دىن كەلگەن «باشقۇرغۇچىلار» ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئۇلاردىن ئايرىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئايرىم زالدا ئاشخانا تەسىس قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بولغان ئىكەن. ئەمما قانۇنىي تەربىيە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مۇھىم بىر تۈر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
 
 نەق مەيدان زىيارىتى
 
 بۇ يىل 4- ئايدىكى بىر دەم ئېلىش كۈنىدە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى مەزكۇر زاۋۇتنى زىيارەت قىلغىلى بارغان بولۇپ ئۇلار بارغان كۈنى زاۋۇت دەم ئالغان، ئەمما ئۇلار زاۋۇت ئىچىدە ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۆرگەن. مۇخبىرلار كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا 6 نەپەر ساقچى بىلەن يەرلىك تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىمۇ زاۋۇتقا  يېتىپ كەلگەن، ۋە ئۇلارغا زاۋۇتتىكى ئۇيغۇرلارنى رەسىم تارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكا « ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارماق زاۋۇتىنى Gemstar Technology شىركىتى باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇلار 2019-يىلى 5- ئايدا باشلامچى بولۇپ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلغان ئىكەن.
 
 خەۋەردە دېيىلىشىچە، گۇاڭشىنىڭ چىنجۇ شەھىرىدە خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى قورۇلۇپ بولغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا 2018-يىلى 6- ئايدا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى 4مىليون 300مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالغان ئىكەن. شۇ چاغدىكى ئىشلىتىش مەقسىتىگە «خەتەرلىك» كىشىلەر قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، بولۇپمۇ «تېررورچىلار، شىنجاڭلىقلار ۋە روھىي كېسەل بىمارلىرى» نى كونترول قىلىش ئۈچۈن دەپ ئەسكەرتىلگەن ئىكەن. ھۆججەتتە يەنە «ئاپتوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش» سىستېمىسىغا قا ئائىت كونكرېت مەزمۇنلار يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا «شىنجاڭ»دىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بايقالغان ھامان كومپيۇتېر ئىچكى ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ساقچى تورىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بېرىدىكەن. چىنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تورىنىڭ2020-يىلى 3- ئايدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتى ساقچىلارنى ئىشچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوكلات بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان ئىكەن.
 
 رېيتېر ئاگېنتلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتى توغرىسىدا سوئال قويغان بولسىمۇ ئۇلار بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ :« بۇ ھەقتىكى باياناتلارنىڭ ھەممىسى يالغان ۋە توقۇلما، شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلار خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدىن كەلگەن ئىشچىلار بىلەن ئوخشاش قانۇن بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققى ئېلىش، ئەمگەك توختامى تۈزۈش شۇنداقلا دەم ئېلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ.» دەپ جاۋاب بەرگەن. «شىنجاڭ» يەرلىك دائىرىلىرى بۇ ھەقتە جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلغان.
 
 سىستېمىلاشقان مەجبۇرىي ئەمگەك
 
 رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە بۇ قېتىمقى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ مەسىلىسى خىتايدىكى ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ  پەقەتلا ئاز بىر قىسمى بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا بېيجىڭ تەرەپ 2000 يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى پىلانلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىكەن. مەلۇم «شىنجاڭ» نىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە 2016-يىلىدىكى كەك كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ باشلىنىشى ئارقىسىدا بۇ پىلان تېخىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغان ئىكەن. 
 خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ۋە بۇرۇن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىلانلارنىڭ ھازىرغىچە سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئېيتىلىشىچە بۇ خىلدىكى پىلانلار مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
 
 «شىنجاڭ»نىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 7- ئايدا بېيجىڭدىكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىشى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ھادىسە، شۇنداقلا ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ ئىشلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق ئىشچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى خالايدۇ. بۇ مۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

 ئەمما خەلقئارادىكى ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باياناتى بىلەن زىت بولۇپ، مەركىزى ئاۋسترالىيەدىكى «ئاۋسترالىيە ئىستىراتىگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، ۋە خەلقئارالىق مېدىئالارنىڭ خەۋەرلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 2020-يىلى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا خەلقئارادىكى 83 ماركىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلانغان «خىتاي ۋىرۇسى»نىڭ دۇنيا مىقياسىدا جۈملىدىن خىتايدا تارقىلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بولغان ئىشلەپچىقىرىش- ياساش كەسپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. دەل مۇشۇ مەزگىللەردە خوتەن رايونىدىن 1300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى بولغان « ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2020- يىلى2- ئايدىكى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مەزكۇر ئۇيغۇر ئىشچىلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلىپ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان شۇنداقلا زاۋۇتلارنىڭ قايتا ئېچىلىپ تىجارەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
 
 خوتەن ۋە قەشقەردىكى ئۈچ ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ نىشانى ھەر يىلى 20مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىركەتلەردە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن. ئۇلار مۇخبىرغا بۇ يىل تاماملانغان ئۈچ يۈرۈش توختامنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىياۋگەن شەھىرىگە جايلاشقان ماشىنا زاپچاسلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا بۇ يىل 1-ئايدا 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆججەتلەر بار ئىكەن. توختامدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىچكىرىگە يۆتكىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم «سىياسىي تەكشۈرۈش» تە لاياقەتلىك بولۇشى شەرت ئىكەن.  
 
 ۋاسىتىچى شىركەتلەرنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە ، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى يۆتكەشتە مۇھىم دەپ قارىلىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە، يەنى: ئۇلارنى مۇستەقىل، يالغۇز ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ چوقۇم ساقچى تەرەپ بىرلىكتە مەنزىلگە ئېلىپ بېرىش؛ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ نازارىتى ئاستىدا پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكۈچى شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئەڭ قۇلايلىق ئەمگەك كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن باشقۇرۇپ بېرىدىكەن.
 
 ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىنكاسى
 
 «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىنىڭ باش شتابى ئارىزونا شتاتىنىڭ سكوتىسدال دېگەن يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكىدا بىرمۇ زاۋۇتى يوق ئىكەن. ئۇلار يىراقتىن كونترول قىلىدىغان تىزگىنەك ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندىن سىرت Ecolink ماركىسىدىكى ئائىلە بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى 30دىن ئارتۇق دۆلەتتە 3800 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار ئىكەن. ئومۇمىي بازار قىممىتى 670 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى SONY, SUMSUNG, LG, MICROSOFT قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرگە سېتىلىدىكەن. مەزكۇر شىركەتلەر ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت باياناتىدا ئېنىق قىلىپ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ھەمدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە يۇقىرىدىكى تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئىستىگەن.
 
 SONY شىركىتى تەمىنلەش شىركەتلىرى توغرىسىدا كونكرېت باھا بېرىشنى رەت قىلغان، ئەمما رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن، «ئەگەر ھەرقانداق تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ھەرىكەت مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى بايقىسا شۇ زامان مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.»
 
 MICROSOFT باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «بىز بارلىق ھەرىكەت مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەمكارلىقنى ئۈزىمىز. «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئۈزۈلگەن. بىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلار تەمىنلىگەن قاتتىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ باقمىدۇق. شۇڭا ئۇلارنىڭ زاۋۇتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق.»
 
 SUMSUNG شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: « شىركىتىمىز تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ ۋە بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەركىن تاللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.» ئەمما ئۇ «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون»  شىركىتىنىڭ مەسىلىسىدە مۇخبىرغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. LG شىركىتى بولسا رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.
 
 
 ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى؟
 
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا شۇنداقلا شىنجاڭ سىرتىدا دۆلەت تەرىپىدىن قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارنى بايقىدى» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئىش توغرىسىدا باھا بېرىشنى رەت قىلغان، ئەمما ئۇ «ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى» غا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىدا مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىدىن نەپ ئېلىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « مەزكۇر قانۇندا شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ئاساستا بۇ خىلدىكى قىلمىشلارغا پەرۋا قىلمىغان، ياكى شۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. گەرچە مەجبۇرىي ھەرىكەت قىلمىشلىرى باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئەھۋال تەقدىردىمۇ ئامېرىكىدىكى شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بۇ ئىش توغرىسىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ باھالارنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن بۇ توغرىسىدا جاۋاب كەلمىگەن.

1930-يىلى ماقۇللانغان «تاموژنا بېجى قانۇنى» نىڭ 307-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، ئامېرىكىغا مەجبۇرىي ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىسىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون» شىركىتىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە ، خىتايدىكى چىنجۇ  زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت «ناھايىتى ئاز بىر قىسىم» لىرى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان ، ئەمما كىمنىڭ بۇ مالنى سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ، ئىمپورت قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرەلەيدىكەن. تاموژنا بۇ ھەقتە  ئىپادە بىلدۈرۈپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەلۇم ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىدىن باھا بەرمەيدىغانلىقىنى دېگەن.

قانۇن مۇتەخەسسىسى David McKean رېيتېر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: « ھازىرقى بار بولغان قانۇنلارغا ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى ئامېرىكىدىن سىرت رايونلاردا شىركەت قۇرۇپ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىغا ئوخشاش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى « ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇنىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى بۇ يىل كېڭەش پالاتاسىدىن ماقۇللانغان، ئەمما تېخى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانمىغان. 

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

 
 
 
 
 
  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەسجىد قانغا بويالدى: ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان قۇندۇز شەھىرىدىكى 50 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن پارتىلىتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

جۈ ئۆكتەبىر 8 , 2021
مەسجىد قانغا بويالدى: ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان قۇندۇز شەھىرىدىكى 50 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن پارتىلىتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

You May Like