مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

 

دوكلات رەيچېل ھاررىس ۋە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرىپىدىن تەييارلانغان

  

𝐓𝐡𝐞 𝐂𝐨𝐦𝐩𝐥𝐢𝐜𝐢𝐭𝐲 𝐨𝐟 𝐇𝐞𝐫𝐢𝐭𝐚𝐠𝐞: 𝐂𝐮𝐥𝐭𝐮𝐫𝐚𝐥 𝐇𝐞𝐫𝐢𝐭𝐚𝐠𝐞 𝐚𝐧𝐝 𝐆𝐞𝐧𝐨𝐜𝐢𝐝𝐞 𝐢𝐧 𝐭𝐡e 𝐔𝐲𝐠𝐡𝐮𝐫 𝐑𝐞𝐠𝐢𝐨𝐧 

 

by Rachel Harris and Aziz Isa Elkun

Uyghur Human Rights Project Report 

 دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 

 

مەزكۇر دوكلات پروفېسسور رەيچېل ھاررىس بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئورتاق ئاپتورلىقىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نامىدىن  ئېنگلىزچە تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتىدۇر. دوكلاتتا ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيىلىك مىراسلاردىن مەشرەپ، مۇقام، تەڭرىتاغ، كارىز ۋە ماناس قاتارلىق بەش چوڭ غەيرى رەسمىي تۈرلەرنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا ب د ت پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە (UNSCO) ئىلتىماس قىلغان ۋە «خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى» سالاھىيىتى ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ب د ت تەرىپىدىن رەسمى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت مۈلكى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ھەم ب د ت نىڭ مەزكۇر مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى  ھەم شۇنداقلا خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاق، قىرغىز  قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى، دۆلەتنىڭ  قوغدىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ،  ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈرلەرنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەمەس ئەكسىچە ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى پەقەت سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىپ، دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ئىزدىنىش، شۇنداقلا  ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى بۇ رېئاللىقتىن خەۋەردار بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ئاساسىدا تەييارلانغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ب د ت پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى (UNSCO) قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆلچەم ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قانداق قوغداپ قېلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەكلىپ ۋە چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ب د ت پەن- مەدەنىيەت مەھكىمىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئەھۋالنى ئىگىلەپ چىقىشىنىڭ تەلەپ قىلغان. ب د ت پەن- مەدەنىيەت مەھكىمىسىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى شۇنداقلا  خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگىدارلىق سالاھىيەت ۋە ئىمتىياز ھوقۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەۋسىيە قىلغان. مەزكۇر دوكلات ئالدىمىزدىكى ھەپتە ب د ت پەن- مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

جۈ فېۋرال 10 , 2023
ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

You May Like