تارىختا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ئىمام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

تارىختا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ئىمام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

 

 

تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ئ‍يۇل

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ختاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشش تاللانغان كومېتىتى باشلىقى گاللاگىر ۋە كومېتىت ئەزالىرى ئۇيغۇر، تېبەت، ختاي ۋە باشقا ئامېرىكا دىنى ساھەدىكى لدىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ختاينىڭ دىنلارغا قارشى زىيانكەشلىكى ھەققىدە مەخسۇس يېغىن ئىلىپ باردى.  ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتىتى رەئىسى يەھۇدى موللىسى ئابراھام كۇپىر، كومتىت ئەزاسى ئىمام مۇھەممەد مەغىد،پاستور بوب فو، ۋە باشقا ئونلىغان دىنى لىدىرلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان يېغىندا ئۇيغۇر ئىمام ئەنقەر ھاجىم تارىختا تۇنجى بولۇپ،ئۇيغۇر دىنى ئىماملارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىرستئان، يەھۇدى ،بۇددا، ئ‍سلام دىنى ساھەسدىكى دىنى لىدىرلىرى ئالدىدا، ختاي ھاكىمىيتىنىڭ  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش سياسەتلىرىنى تەپسلى تونۇشتۇرغان.

ئەنقەر ھاجىم ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئالاھىدە پۇرسەت، بۇنداق پۇرسەت مىڭلىغان ئۇستازلىرىم ۋە قىرىنداشلىرىمغا نېسپ بولمىدى. شۇڭا مەن بۇ ۋاقتتا خەلقىمنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن ، تولۇق ئاڭلىتىش ئۇچۇن تىرىشتىم. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشش تاللانغان كومېتىتى تېۋىتتردا ئۇيغۇر ئىمام ئەنقەر ھاجىمنىڭ ئۆز دىنى ۋە خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ختتاينىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسگە كەلتۈرىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە تەۋەككۇل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

 

ختتاي ھاكىمىيتىئ‍نسانىيەت تارىخىدا ھەر قانداق ھۆكۈمەت ساقلىنىدىغان ئەڭ ئىغىر ۋە قەبىھ جىنايەت بولغان ، مۇقەددەس مەسجىدلەرنى چىقىش، قۇرئاننى كۆيدۇرۇشتىن ئىبارەت جىنايەتلەرنى ھىچقانداق ئەيمەنمەستىن سادىر قىلدى، بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىماملار، ئايال ھەمشلىرىمىزنى ئۆلتۈردى. مەن بۇلارنى دەۋاتقاندا تىترەپ،ئۆزۇمنى توختتالماي يېغىلاپ كەتتىم، يېنىمدا ئولتۇرغان يەھۇدى، خىرستئان دىندالىرى تەسرلىنىپ يىغلىدى، دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى ۋە دىندار لىدىرلار ؟ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇن قولىدىن كىلىدىغان ياردەملەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، نىمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بەسبەستە سوراشتى.مەن دۇنيادىكى مەن بىلەن دىنداش بولغان مۇسۇلمان قىرىنداشلرىمىزنىڭ سۇكۇتىنى قاتتىق ئەيىپلىدىم،بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلدىىغان،بىر دىن، بىر كىتاپ، بىر قىبلە، بىر پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغان بىزلەر نىمە ئۈچۈن ئ‍سلامنىڭ دۈشمىنى ختايغا قارشى بىر سەپتە تۇرمايمىز؟

ئەنقەر ھاجىم يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دىنى لىدىرلاردىن ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ئۈزۈلدۈرمەي كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشنى،ختاينى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىششنى، ختايغا قارشى قانۇنلارنى قاتتىق ۋە تولۇق ئىجرا قىلشنى تەلەپ قىلغان.

 

مەزكۇر يېغىندا باشقا ئىماملار،خىرىستئان ۋە يەھۇدى لىدىرلار ۋە بۇددىتسلارمۇ سۆز قىلىپ،ختاينىڭ ھەر قايسى دىنلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى ساناپ ئۆتكەن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى دىنى ساھەنىڭ ھەمكارلىشپ، ختاينىڭ ماھىيتىنى تونۇپ يتېشكە چاقىرغان.ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقى يەنە فوكۇس نۇقتىسغا ئايلانغان.

 

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇر ئىمام ئەنقەر ھاجىمنى مەزكۇر يېغىنغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تەرجىمانلىقىنى ئۆتىگەن.

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

دۇنياۋى سەھنىدە ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

يە ئىيۇل 16 , 2023
دۇنياۋى سەھنىدە ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

You May Like