ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارى «قايتا تەربىيلەش» لاگىرىدىكىلەر بارغانسېرى ئازىيىدۇ دېگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ، بىر قىسىم تاراتقۇلارغا خىتاي ئەمەلدارلىرى باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى «قايتا تەربىيلەش لاگىرى» غا كىرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارغا لاگىردىكى بەزى ئەھۋاللارنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا لاگىردىكىلەرنىڭ بارغانسىرى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى6 – يانۋار

 

خىتايچىدىن تەرجىمىدە:  نەفىسە

 


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 


2019- يىلى6 – يانۋار

 


[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ، بىر قىسىم تاراتقۇلارغا خىتاي ئەمەلدارلىرى باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى «قايتا تەربىيلەش لاگىرى» غا كىرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارغا لاگىردىكى بەزى ئەھۋاللارنى كۆرسەتتى،  شۇنداقلا لاگىردىكىلەرنىڭ بارغانسىرى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

رېيتىر ئاگىنتلىقى خەۋىرىگە كۆرە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە رېيتىر ئاگىنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز بىر تۈركۈم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۈچ «قايتا تەربىيىلەش لاگىرى» دا ئىكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇردى.

 

بۇ ئۈچ لاگىر ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى زىچ قەشقەر، خوتەن ۋە قارىقاش ناھىيىسىگە جايلاشقان، بۇ يەردە ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا دائىم زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنمىش.  مۇخبىرنىڭ كۆرۈشىگە يول قويۇلغان بىر دەرسخانىدا، بىر مۇئەللىم تويدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا يول قويماسلىق ياكى ئۆلۈمدە يېغلاشقا يول قويماسلىق ئەسەبىي ئىدىيەدۇر دېگەننى خىتايچە چۈشەندۈرگەن. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلدار ۋە مۇخبىرلار سىنىپقا كىرگەندە، بەزىلىرىنىڭ چېھرىدە گاڭگىراش ئارىلاش كۆلۈمسىرەش ئەكىس ئەتسە، يەنە بەزىلىرى كىتابتىن باش كۆتۈرمىگەن..

 

مۇخبىرنىڭ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان باشقا سىنىپتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان.  بەزىلىرى ئېنگىلىزچە «ئەگەر بەخىتنى ھېس قىلساڭ، چاۋاك چال» دەپ ناخشا ئېيتىۋاتقانىكەن.  بۇ خۇددى مۇخبىرنىڭ زىيارىتى ئۈچۈنلا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك تۇراتتى.

 

   بەزى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلدارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇخبىر بىلەن قىسقىغىنە سۆزلىشىشكە قوشۇلغان.  زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن «قايتا تەربىيىلەش » لاگىرىنىڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ ئۆزلىكىدىن قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى، ئىلگىرى «ئاياللار چوقۇم يۈزىنى يېپىش لازىم» دېگەنگە ئوخشاش ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.  ئۇلارنىڭ جاۋابى بەئەينى ئەمەلدار ئېيتىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاشكەن.  مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالدى. لېكىن ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ بۇ زىيارىتىدىن ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

 

    لاگىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتايچە سەۋىيەسى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە قانۇن بىلىملىرى سەۋىيىسى مەلۇم دەرىجىگە يەتسە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. ئۇلار ئۆيدىكىلىرى بىلەن تېلفۇنلىشالايدىكەن، ئەمما لاگىردا تېلفۇن ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدىكەن،  لاگىردا ئىسلامچە يېمەكلىك يېسە بولىدىكەن.

 

مۇخبىرلار لاگىردىكى چاغدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلاردىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمىگەن.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر مەسىلىسىدە ئەركىن پائالىيەتچىلەر، ئالىملار، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىشەنچىلىك خەۋەر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇ لاگىرلاردا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى لاگىردا تۇتۇلغانلارغا كەسپىي تەربىيە بېرىلمەيدىغانلىقىنى، لاگىر شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ دائىم خورلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

    ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى خەلق ھۆكۈمىتى رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئەمەلدارلار بۇ سۆزلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شۆھرەت زاكىر لاگىرلاردا زادى قانچىلىك ئادەم بارلىقىنى ئېنىق  دېيەلمىگەن.  لېكىن ئۇ بىر مىليۇن دېگەن بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئېغۋا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

 

ئۇ بۇ لاگىرلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ، لېكىن لاگىردىكىلەرنىڭ بارغانچە ئازىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان..

 

ئۆتكەن يىلى،  غەربتىكى 15 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ » نىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، پارتىكوم سېكىرتارى چىن چۈەنگوغا «شىنجاڭ» مەسىلىسىنى يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەت يازغانىدى.

 

خەۋەرچىلەر رېيتىر ئاگىنتلىقىغا بۇ تەلەپكە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ئامېرىكا چېن چۈەنگو،لاگىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرنى جازاغا تارتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەنبە:
https://www.voachinese.com/a/Xinjiang-officials-indicates-fewer-people-in-reeducation-camps-in-the-future-20190106/4730821.html

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى داۋاملىق ئالدىيالماسلىقى كىرەك!

سە يانۋار 8 , 2019
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرى قاتلام، ئىجتىمائى سىنىپلار، ئائىلىلەرگىچە قەدەر تەكشى قانات يايغان بۇ ئەنئەنىسى، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە مەلۇمات ساختىلىقى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا دائىر ساختا مەلۇماتلار، خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى كۆپتۈرمە ۋە ئويدۇرمىلار، نوپۇس ستاتېستىكىسى ساختىلىقى، ۋەقە-ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەر ۋە كېلىپ چىققان زىيانلارنىڭ ساختا مەلۇماتىغا قەدەر ئشەنچىسىز بولۇپ، بۇ ئشەنچىسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.

You May Like