ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ!

2015-يىلى باشلانغان شمالى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكا شتاتلىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە كانادادىن

كەلگەن بىر كوماندا بىلەن چىمپونلۇقنى تاشلىدىغان بىر پۇتبول مۇسابىقىسى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2015-يىلى باشلانغان شمالى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى  ئامېرىكا شتاتلىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە كانادادىن

كەلگەن بىر كوماندا بىلەن چىمپونلۇقنى تاشلىدىغان بىر پۇتبول مۇسابىقىسى.

2018-يىلى ۋېرگىنىيە شتاتى سپرىڭفىلدتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملاشتى،

كوماندىلار نىيۇرك -بوستون ئۇيغۇر بىرلەشمىسى،سان فىرانسسكو ئۇيغۇر كوماندىسى،لوس ئانجىلىس كوماندىسى،

مارىلاند ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى،ۋىرگىنىيە تەكلىماكان كوماندىسى،ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى،ئاتىلار كوماندىسى

ۋە كانادا بۇغدا كوماندىسى قاتارلىقلار بولۇپ،يەتتە كوماندا ئارىسدا ئىلىپ بىرىلدى.

ئونغا يېقىن شتاتتىن ئۇيغۇر تاماششبنلار ،ماھىرلار قاتناشتى. رود ئايلاند ئارىلىدىنمۇ تاماششبىنلار كەلدى.

3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا باشلاندى. بۇ مەيدانغا تاللانغان «تەكلىماكان» كوماندىسى بىلەن «لوس-ئانژېلىس ئۇيغۇر كوماندىسى» ئىككى مەيدان ئېلىشتى. ئاخىرى «تەكلىماكان» كوماندىسى ئۈچتە بىر نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى… چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋېرگىنىيە ئۇيغۇر يۇنايتىد«ئۇيغۇر بىرلىكى» بىلەن كانادادىن كەلگەن «ئۇيغۇر بوغدا» كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئىلىپ بىرىلدى ۋە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.   ئۇيغۇر يۇنايتىد كوماندىسى ئۇدا تۆت يىل چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە، بۇ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى،كەسپى ماھارىتى،يتەكچىلىرىنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مۇسابىقە يېپىلىش خاتىرە سۈرىتى

ئاتىلار كوماندىسى 47ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان چوڭلار كوماندىسىنىڭ جاسارىتى ۋە قىزغىنلىقى مەيدان ئەھلىنى

ھاياجانغا سالدى.

شۇنداقلا بالىلار كوماندىسى ۋە ئۇلارنىڭ كەسپى ماھارىتى پۈتۈن ئاتا-ئانىلارنى،ياشلارنى،بالىلارنى ئىلھاملاندۇردى.

كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۇرشىچە،مۇسابىقە داۋاملاشقان بەش كۈن جەريانىدا.مۇسابىقىنى كۆرۈشكە ۋىرگىنىيە ئالاھىدە

رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئالدى-كەينى بولۇپ 2000ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى.

ۋېرگىنيە ئۇيغۇرلىرى خىزمەت،ئۆگىنىش ،تۇرمۇش ئشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولغانلىقى ۋە نسبەتەن تارقاق

مەھەللىلەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن دائىم جەم بولۇش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس.

شۇڭا بۇ قېتىملىق مۇسابىقە-ئۇيغۇرلارنىڭ جەم بولۇش،تونۇشۇش ۋە ئالاقە ئورنىتىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى .

كۆرۈرمەنلەر ئىچىدە بوۋاي-مومايلار،ئوتتۇرا ياشلىقلار،ياشلار ۋە كىچىك بالىلارمۇ كىلىپ كۆردى.

خانىم-قىز تاماششبىنلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىدى،كۆرۈرمەنلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كوماندىلار

ئۈچۈن مەدەت بەردى ،توۋلىدى.

چىمپىيون كوماندا-ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى

 

 

 

 

 

 

 

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا بولسمۇ جۇشقۇن ۋە كۆتۇرەڭگۇ روھى،كەسپى

ماھارىتى،رىقابەت ئەۋزەللىكى نۇرغۇنلار ئۇچۇن ئىلھام ،مەدەت بولدى.

تاراتقۇلاردىن ئامېرىكا ئاۋازى ئىنىگىلىزچە قانىلى ۋە ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۇمى مەخسۇس خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى نەق مەيدانغا كىلىپ،مەخسۇس فىلىم ئ‍شلىدى،ئۇزۇن بولغان<<پۇتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى  بىرلەشتۈرىدۇ>>نامىدا سۈرەتلىك،ئاۋازلىق ۋە يازمىلىق خەۋەر تارقاتتى.فىلىم ۋە ئاۋازدا جاۋاپ بەرگەن ئۇيغۇرلار ناھايتى مۇھىم بولغان نۇقتىلارنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن ،خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلغان.

مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ،مۇسابىقە يوۋ تىيۇب قانىلىدا نەق مەيدان تارقىتىلدى.

مۇسابىقە جەريانىدا ،چۈشەندۇرگۇچى ئۇيغۇرچە جانلىق ،قىزىزىقارلىق مەزمۇنلار نەق مەيدانغا كۈچ قوشتى ۋە جانلاندۇردى،

مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيتىنى چۇشەندۇردى،ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئشەنچ،ھەمكارلىق ۋە بىرلىشش روھىنى گەۋدىلەندۇرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.شۇنداقلا دىئاسفورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەنتەربىيە،مەدەنىيەت،مائارىپ ئارقىلىق كۈچىيشنىڭ ئەھمىيتىنى تونۇشتۇردى.

رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ،بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان

«ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسى تارقىتىلدى. بۇ مۇكاپات مەرھۇم ياش پۇتبولچى، «ئۇيغۇر بىرلىكى»

كوماندىسىنىڭ سابىق ۋارتارى ئېرپان مالىكنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ،

ئېرپاننىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى كەلگەن.

ئۈچىنچى بولغان كوماندا-تەكلىماكان كوماندىسى

 

 

 

 

 

 

 

بۇ يىلقى «ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسىنى ئېرپاننىڭ دادىسى پەرھات مالىك ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن بۇ يىلقى مۇسابىقىدە

«ئەڭ ياخشى ۋارتار» نامىغا ئېرىشكەن ئېلزاتقا تاپشۇرۇپ بەردى.

بۇ يىللىق «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىنى بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى (جەمئى ئالتە توپ كىرگۈزگەن )

ئارافات دىلشاتقا بېرىلدى.

بۇ يىلقى مۇكاپات ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى «بوغدا» كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى

دىلاۋۇرغا بېرىلدى.

ۋىرجىنىيە شتاتى فايىر فاكس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر  ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرەييە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 2-بولغان «بوغدا» كوماندىسىغا مۇكاپات لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

3-بولغان «تەكلىماكان» كوماندىسى ياخشى كوماندا مۇكاپاتىنى ئالدى.

 

 

 

 

 

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىغا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تەقدىم قىلىندى.

«ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى خۇشاللىقىدا قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ، مەشقاۋۇل جۈرئەت زاھىرنى كۆتۈرگەندە، پۈتۈن مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

مەن ماھىرلار ۋە تاماششبىنلار ئارسىدا ئۈمۈتۋار،كۆتۈرەڭگۇ ياشلارنى كۆردۇم…ئۇلار يەنىلا ئۇيغۇرلۇقتىن سۆيۈنىدۇ،

ۋەتەننى ،مىللەتنى يەنىلا يۈرىكىنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيشىچە،

بۇ مۇسابىقە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ،ئۇلارنىڭ تونۇشۇش،ھەمكارلىشش ئۇچۇن رول ئوينايدىكەن،

شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرى يىللاردىن بىرى،  ئۆزلىرى قىزىزقىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن

ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن تۇرۇشقا يتەكلەنمىگەن،ئورتاق مىللى كىملىككە توغرا بولغان ،زامانغا لايىق بولغان ،

ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا يتەكلەنمىگەن ،ئۇلار تاشلىۋىتىلگەن ياكى سەل قارالغان.

ئۇلار مەدەنىيەت،تەنتەربىيە،سەنئەت،مائارىپ ساھەلىرىدە تىرىشۋاتقان ،ئارتۇقچىلىقى بار ياشلار بولۇپ،

شەخسى تەرەققياتى ئۈچۈن، مىللى كىملىكىنى ساقلاش،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا

تېخىمۇ كۆپ مىللى مۇھىتقا مۇھتاج.

كانادا بۇغدا كوماندىسى

 

 

 

 

 

 

ئوتتۇرىچە يېشى بىر قەدەر كىچىك بولغان كانادا بۇغدا كوماندىسى ئەزالىرى يىراقتىن كىلىپ ،

ياخشى رولىنى جارى قىلدۇردى،

ئۇلار مۇسابىقە ئەخلاقىنى نامايان قىلمايلا قالماستىن بەلكى كەسپى ماھارىتىنمۇ نامايان قىلدى.

تۆت قېتىملىق  مۇسابىقىنى چۈشەندۇرگۇچى مەزكۇر ماقالە ئاپتورى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان.

ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى چۈشەندۇرگۇچى شرئەلى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر :

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرى:

Soccer Tournament Unites Uyghurs in America

https://learningenglish.voanews.com/a/soccer-tournament-unites-uyghurs-in-america/4476746.html

ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خەۋىرى:

4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى تەنتەنىلىك ئاياغلاشتى

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-putbol-07022018173212.html

يوۋ تىيۇن قانىلى كۆرۈش ئادرسى:

Uyghur american Cup 2018

https://www.youtube.com/watch?v=BXU780PuJTM&t=8084s

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تېبەت پائالىيەتچىنىڭ ۋاشنگىتون ئۇيغۇر نامايېشدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

سە ئىيۇل 17 , 2018
(تەنچو گېياتسونىڭ بۇ نۇتۇقى ئۇنىڭ رۇخستى بىلەن تەرجىمە قىلىندى .تەرجىمە قىلغۇچى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

You May Like