تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-05-16
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.
بۇ يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتنىڭ ھەمكارلىقىدا بولۇپ، يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ھەل قىلىش چارىللىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تىمىلار مۇھاكىمە قىلىندىكەن. ھەر ساھەدىن مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىندىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مۇھاكىمە يىغىندىن بۇرۇن مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىنىڭ 11-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن «كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىلى» خاتىرىلىنىش بىلەن بىرگە، «3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭەش يىغىنى» قاتارلىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىنلار ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.