ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەشكىلاتلار خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھەققىدە

ئۇيغۇر مىللىتىنىىڭ ھۆرلۈكى ۋە شەرقىي تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-06

 

ئۇيغۇر مىللىتىنىىڭ ھۆرلۈكى ۋە شەرقىي تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا:

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى – ئ‍ۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتىنى يادرولۇق پرىنسپ قىلغان، توغرا، ئىشەنچىلىك، مۇستەقىل ئاخبارات قۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان مېدىيا ئورگىنى.

 

ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى – ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تاراتقۇ ۋاستىسى بولۇپ، 2018-يىلى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلى، ئىنگىلىز تىلى،  ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، گېرمان تىلى،  خىتاي تىلى، ياپون تىلى،  روس تىلى قاتارلىق سەككىز خىل تىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ كەلدى. 100 گە يېقىن ئۇيغۇر پىدائىي ژۇرنالستلىرى ۋە تېخنىكلارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ئەسەر تەييارلىنىدۇ.

 

مۇددىئا:

 

ئاخبارات ئاگېنتلىقىمىز – ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى سەھىپىسگە ھەر قايسى تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتىنى بىتەرەپ ۋە ئەينەن خەۋەر قىلىشنى، ھەرىكەت ۋە نەتىجىسنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشپ، خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، ئۇلارغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېرىش، ھەم شۇنداقلا ئۈنۈمگە يېتەكلەش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەشكىلات، ئ‍ورگانلار ۋە شەخسلەرگە مۇناسۋەتلىك خەۋەرلەرنى، خۇددى بۇرۇن يەتكۈزۈپ كەلگىنىمىزگە ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جامائەتكە تېخىمۇ كۆپرەك يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ سەۋەب بىلەن ھەر قايسى تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ مۇناسۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىشنى، سىياسى ئانالىز، ئوبزور قاتارلىق ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەرنى  ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيتى نامىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 6-ئۆكتەبىر، ۋاشنگىتون

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈركىيە ب د ت دا ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى

چا ئۆكتەبىر 7 , 2020
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

You May Like