ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن تۈركىيەدىكى «بىر قسم» ئاتا-ئانىلار سەمىگە

يېقىندا ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيە تېلېۋزىيە قاناللىرىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىر قسىم نارەسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز، خەتەرلىك، ئېگىز ئۆگزىلەردە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىنا ئۆيلەرنىڭ دەرىزسدىن چېقىپ، پەسكە چۈشۈپ كېتىش ئىھتىماللىقىغا ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدېئو، خەۋەرلەرنى كۆردۇق.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى، 2020- يىلى 19- ئۆكتەبىر

 

ھۆرمەتلىك، مۆھتىرەم، ئەزىز ئاتا-ئانىلار، ھەممىڭلارغا سالام!

 

يېقىندا ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيە تېلېۋزىيە قاناللىرىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىر قسىم نارەسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز، خەتەرلىك، ئېگىز ئۆگزىلەردە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىنا ئۆيلەرنىڭ دەرىزسدىن چېقىپ، پەسكە چۈشۈپ كېتىش ئىھتىماللىقىغا ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدېئو، خەۋەرلەرنى كۆردۇق.

 

ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ كىچىك بالىلارنى بازارلاردا ئۇنتۇلۇپ تاشلىۋىتىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئ‍الدۇق. ھازىرغىچە بىز خەتەرگە تاشلىۋىتىلگەن، خەۋىرى تۈرلۈك ئورۇنلاردا ئېلان قىلىنغان بالا سانىنىڭ ئاز بولغاندا 6 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

 

بىر بالىمۇ بالا!!!

 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەرزەنتلەر بىز ئۈچۈن بۈيۈك رەببىمىزنىڭ ئامانىتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، ئەقىللىق ۋە ئەركىن چوڭ بولۇشى بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.

 

بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى جان تېكىپ قوغدايدىغان بۇرچىمىز بار. ئەمما مەسئۇلىيەتسز ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى خالىغان جايدا ئۇنتۇپ قېلىشى، خەتەرلىك جايلاردا تاشلىۋىتىشى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئېغىر قايغۇغا سالماقتا.

 

سلەرنىڭ بۇ قىلمىشڭلار ئ‍سلام ئەقىدىسى، رەسۇللاھنىڭ سۈننىتىگىمۇ خىلاپ، دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپ. ئەگەر چەتئەلدە سلەر ئاتا-ئانىلار  سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بىر بالا سلەر تەرەپتىن ئەمەس، بىر خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا، بىز ھەممىمىز ئۇ خىتاينى قىيما-چىيما قىلىۋەتكەن بولاتتۇق.

 

پەرزەنتتىن ئىبارەت گۇناھسز، ئاجىز، مەسۇم، تاتلىق بالىلارنى تاشلىۋەتكەن، ئىگە چىقمىغان، مەسئۇل بولمىغان ئاتا-ئانىلار، سلەرنى بىز قىيما-چىما قىلىۋەتمىسەكمۇ، سلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز.

 

ئەمدى ئەگەر بىر پەرزەنت تاشلىۋىتىلسە، شۇ پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىسنى تاراتقۇمىزدا پۈتۈن خەلقى-ئالەمگە بىلدۈرىمىز. سلەر شۇ پەرزەنتىڭلارنى باقالماي، قايسى ۋەتەن، قايسى مىللەت، قايسى دىننىڭ گېپىنى قىلماقچى؟

 

ئۇنىڭدىن باشقا، سلەرنىڭ بۇ قىلمشىڭلار تۈركىيە جەمئىيتى ۋە تۈرك خەلقى ئارسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسئۇلىيەتچان، مېھرىبان، پەرزەنتگە ئامراق ئوبرازىنى يامانلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

دىققەت قىلىشڭلارنى سورايمىز. پەرزەنتكە ئىگە بولۇڭلار! ئۇنداق قىلمساڭلار، ئۇلارنى  ياكى ئاللاھ ياكى ھۆكۈمەت ياكى ئوغرى ئالىدۇ.

 

غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلىدىن. (2020- يىلى 19- ئۆكتەبىر)

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

رىم پاپاسىغا يېزىلغان پارتىيەلەر ئارا بىرلەشمە خەت

سە ئۆكتەبىر 20 , 2020
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئىندىئانالىق پارلامېنت ئەزاسى تود ياڭ بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋىرگىنىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى تىم كەيىن دۈشەنبە (19- ئۆكتەبىر) كۈنى رىم كاتولىك دىنى پاپاسى فرانسىسقا بىرلەشمە خەت يېزىپ، رىم پاپاسىنى خىتاينىڭ دىنغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

You May Like