ئۇرۇش باشلاندى، پۇتىن ئۇكرائىناغا ھەربىي يۈرۈش ئېلان قىلدى!
تۇرسۇنجان ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،23-فېۋرال
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پۇتىن سۆزىدە رۇسىيە ئارمىيەسىنى مۇستەقىل دونيستك ۋە لىيۇخانستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەرقى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ : «قارشىلىق قىلغانلار تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى كۆرىدۇ» دېدى.
بۇ ۋاقتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە يېغىن ئىچىۋاتقان ئىدى.
ئالدىنقى كۈنى پۇتىن بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئۇكرائىناغا تەۋە ئىككى رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ئىقتىسادى جازا جاكارلىغانىدى.