Untitled Reusable Block

بىكار قالغان چاغدا كىم يولغا سالغان، كىملەر تەشۋىق قىلغان، بۇ ئىشنىڭ پايدا زىيىنى، دېگەنلەر توغرىلۇق گەپ قىلغىلى ئەدەم چىقمايدۇ. ئەمدى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تاقىشىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە باھانە ئىزدەپ تۈگۈلىۋېلىشنى، ياردەم، چارە ئۈستىدە سۆز قىغانلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئەيىپلەشنى توختاتمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە دىنى، مەزھىپى، ئېدىلوگىيىسى نېمە بولسۇن خىتتايغا قارشىلام يول تۇتقان بىر ئۇيغۇر بولىدىكەن، قانداقلا جاينىڭ ئەسىرى بوپ قالسا، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا، يەنە كەپ بۇ خەۋپنىڭ بارار يىرى يالماۋۇز خىتتايلام بولىدىكەن، ئەڭ ئاۋال شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەمىنلىكى ھەممىدىن مۇھىم. قارشى ئىدىلوگىيەدە بولسىمۇ، مىللىتىدىن چىققان بىر ئەسىر جانغا تەھدىت كېلىۋاتقان ۋاقىتتا «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ياردەمگە چاقىرسا، تەھدىتنىڭ خىتايغا بىرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نۇمۇس قىمماي «سىزنى مەن ئاپىرىپ قويغانمىتىم، نېمىشقا بارغانتىڭىز، ئاقتى كۆكتى» دەپ ۋەز ئوقۇپ نەسىھەت قىغۇسى كەپ كېتىدىغانلار كۆپىيپ قالىدىكەن. تامام، بۇنداق گەپ قىلدىغانلا ئۇيغۇرچىلىقتا چىقىپ تۇرىدۇ دىسەكمۇ، خىلى مۆتىۋەر دەپ قارالغان تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى، تەشۋىقاتچى، مۇخپىر يازارمەنلىرىمۇ يۇقىرىقىدەك نۇمۇس قىلىشمايدىغانلار بىلەن تەڭ سەۋىيەدە پىكىر قىلدىغان بوپ قاپتۇ. مەسىلەن، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇمغا ئارىلاشتۇرىۋېتلگەن ئەقلى» دىگەن يازمىدا، ئاپتۇرنىڭ ئۆزى ئۇزۇن يىل داۋا قىلىۋاتقان ئىلىم ئەھلىدىن تۇرۇپ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى قىلغۇچىلارنى، تەشكىلاتلارغا مۇراجەت قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ باشنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىقى ھەققىدە ئاۋاز ئاچقانلارنى «ھېسىياتلىق شۇئار» قىلغۇچىلار دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەمشىرىلەرگە ئىگە چىقىشىنى «ئىنتايىن مۇھىمدەك كۆرۈنىدىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولۇشى ياكى ئۇنداق ھەل بولىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا توپا- توزاڭ چىقىرىش»قا ئۇرۇنۇۋاتقانلار دەپ ئەيىبلەپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ھەتتا ئۇلارنى «ناجىنىس» دەپ ھاقارەتلەپتۇ. ھەمشىرىلەرنى قۇتقۇزايلى، قۇتقۇزالمىساق ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن قاندامۇ ئىغىز ئاچقىلى بولىدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ ئىيتقان گەپلىرىنى بۇرمىلاپ «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئالغان بوپ توردا تەشكىلاتلاغا قارشى قۇيۇن چىقارماقچى بولغان» دەپ قالپاق ياساپ بوپتۇ. چۈنكى بۇ يازغۇچىنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش مۇمكىن بولماس ئىشكەن، چۈنكى دائىشچى تۇتقانلار مەسىلىسى خەلقارالىق مەسىلە بولۇپ يىقىن كەلسىمۇ تەشكىلاتلار قىلالمايمىش.

ئاۋال شۇنى ئېنىق قىلىۋالايلى، بۇ ئىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكى مەزكۇر يازغۇچىغا قانداق مەلۇم بولدى؟ تەشكىلاتلار يول ماڭماي تۇرۇپ، ئۇلار بىرەر ئوچۇقلىما چىقارماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا ھىچ ئىش قىلاممايدىغانلىقى مەزكۇر يازغۇچىغا قانداق ئايان بولدى؟ ياكى بۇنى تەشكىلاتلار «شۇنداق دەپ يېزىپ تارقىتىپ قويۇڭلار، ھەمشىرىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىشىدا ھىچكىم بىزنىڭ بىشىمىزنى ئاغرىتمىسۇن» دەپ تەۋسىيەلىك قىپ يازدۇردىمۇ بۇ تېمىنى؟؟؟

ئىككىنچىدىن بۇ يازغۇچى ئەسىر قىلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ۋە خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى ياشاۋاتقان خانىم قىزلارنى «دائىش تۇتقۇنلىرى» دەپ ئاتاپتۇ. ھە، ئاشۇ مەزلۇم ئاياللارنى يىتەكلەپ ئۇلارنى ئۆز ئىدىيىسىگە قانائەت قىلدۇرۇپ ئېلىپ چىققان ئەرلىرىگە بۇنداق قوپال پوزىتسىيە تۇتۇلسىمۇ بىرگەپ. لېكىن بۇ مەزلۇم ئاياللاردا، شۇيەردە قىقاس يىغا زارە قىلىشىۋاتقان بىچارە سەبىي بالىلاردا نىمە گۇناھ؟ ئۇلارنى ئوخشاش تېرورچى ھېساپلاپ خىتتاي ئەيىپلىسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنىڭ ئائىلە ۋەزىيىتى، ئايال ۋە بالىلارنىڭ بۇ ئىشتىكى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئاتالمىش خەلقارا شۇنداق بىر تاياقتا ھەيدەپ مۇئامىلە قىلسىمۇ بىر گەپ. ئەرلىرىگە ۋاپادار، ئېرىنىڭ تۇتقان يولىدا ئۇنى خاتا يولغا باشلىمايدىغانلىقىغا چىن پۈتىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەزكۇر يازغۇچى بىلمەمدىغاندۇ؟ بىلسە، بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «دائىش تۇتقۇنى» دىگەن قالپاق بىلەن يەكلىنىشىگە، تەرك ئېتىلىشىگە، ئەسىر بولۇپ سېتىلىشىغا، ھەتتا خىتتايغا قايتۇرۇلىشىغا ھاق ئەتكۈدەك گۇناھكارلامىدۇ؟ بۇنى قولىنى ۋىجدانىغا قويۇپ ئويلاپ باققانمىدۇ بۇ يازغۇچى ئەجىبا؟

ماقۇل، ئايال ھەمشېرىلەرنىغۇ شۇنداق قالپاق بىلەن خەلقاراغا ماسلىشىپ بېرىڭ، ئەمسە سەبى بالىلارچۇ؟ ئانىلىرىغا قانداق قىسمەت كەلسە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى سەبىيلەرگىمۇ يېتىپ كەلمەسمۇ؟ بۇ سەبىيلەرنىڭ «دائىش تۇتقۇنى» دىيىلىۋاتقان ھەمشېرىلەر بىلەن بىر قاتاردا سانىلىدىغان قانداق جىنايىتى بار؟

ئۈچىنچىدىن ھەمشېرىلەر ۋە بالا چاقىلارنىڭ ئىشىنى خەلقارانىڭ ئىشى، تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، دەپلا تۈگىتىدىغان ئىشمۇ؟ بۇ قانداق ئاق بايراق چىقىرىش بولدى؟ خەلقارانىڭ ئىشى بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە دەرنەكلە بۇ خەلقارانىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر پىلانىتنىڭ ئادەملىرىمۇ؟ ئۇلار بۇ ھەمشىرىلەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا، ئاتالمىش «دائىش» قالپىقى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ مۇسىبەتنىڭ ئەسلى جاۋابكارنىڭ نۆۋەتتە ئۇلارنى يالماپ يۈتۈۋالماقچى بولغان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزمىدۇ؟ ياكى ئۇلار بۇ يازغۇچىغا بىز ئارلاشمايمىز، نىمە بولسا بولسۇن دەپ ۋەھىي قىلىشتىمۇ؟

تۆتىنچىدىن بۇ يازغۇچى ئېنىشتېيىندىن نەقىل قىلىپ سۆزلەپ كېتىپتۇ. توغرا، ئىنىشتىن دېگەندەك «ئوخشاش ئىشنى قايتا-قايتا قىلىپ، ئوخشىمىغان نەتىجىنى كۈتۈش ساراڭنىڭ ئىشى». ئەجىبا بۇ ئىشتا تەشكىلاتلار كونىلىقنى بۇزۇپ دادىل بۇ ھەمشىرىلەرگە ئىگە چىقىپ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بۇ مەزلۇملارنىڭ بۇ كۈنگە كېلىشىگە خىتتاي سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتسا، شۇ ئاساستا بۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنسا، ئالدانغاق قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئىگە چىقسا نىمە بوپتۇ؟

ئېنىشتېيىننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئالغان بۇ دىندار يازغۇچىمىز ئاللاھنىڭمۇ قۇرئاندىكى «ئەگەر مۇشرىك ئەمىنلىك سوراپ كەلسە، ئەمىنلىك بىرىڭلار» دىگەن ئايىتىنى ئەسلەپ قويىشى كېرەكمۇ قانداق؟ ھازىر بىر مۇسۇلمان ھەمشىرىمىز، يەنە كېلىپ ئۆز ئىتىقادىدا مەيلى قانداق خاتا ئىدىيە قوبۇل قىۋالغان بولسۇن، خۇلاسىسىدە ئىمانىغا بولغان بۇرچ، زۇلۇمغا قارشى تەييارلىقنىڭ مۇشۇ يولدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭ بەدىلىنى ھاياتى ۋە ماماتى بىلەن ئۆتەشكە ئاتاپ بۇ يولدا يەنە شۇ كومىنىستلارنىڭ ئەزىيىتىگە دۇچار بولۇپ تۇرۇپتۇ. مانا شۇ ھەمشېرىلىمىز تەشكىلاتلارغا ۋە قولىدىن ياردەم كېلىدىغانكى ھەر بىر ئۇيغۇرغا نىدا قىپتۇ. مۇشرىكقا باشقا بىر دىن ياكى دۈشمەن تەرىپىدىن خەۋپ كېلىپ ئەگەر ئۇ مۇسۇلماندىن ئەمىنلىك سورىسا ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىمماسلىققا بۇيرىغان بىردىننىڭ ئىتىقاتمىنى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ھەمشىرىلىرىنى ئاتالمىش خەلقاراچە كاللا بىلەن «دائىش تۇتقۇنى»دەپ تامغا ئۇرۇپ ئۇنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ئالدىن ئىسپاتلىماقچى بولۇش قانداق گەپ ئۆزى؟ ھالبۇكى بۇ ھەمشىرىلەر دىنىنى، ئەقىدىسىنى، ئىپپەت نۇمۇسىنى خىتتايدىن كېلىدىغان تاجاۋۇزلۇقلاردىن ساقلاش ئۈچۈن، توغرا دەپ كۆرسىتىلگەننى، توغرا دەپ بىلگەننىڭ بەدىلىنى تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق مۈشكۈلگە، يەنە كەپ خىتتايغا قايتۇرۇلۇشتەك ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتمامدۇ؟ مۇشۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتسا، تەشكىلاتلار بىرنەرسە دېمەستىن ئالدىنئالا مەخسۇس يازما يېزىپ «ئۇلارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار» دەپ سەكرەپ قوپۇش ئاشۇ ئالدانغان، ئاجىز مەزلۇم ھەمشىرىلىرىمىز ئۈچۈن رەھىمسىزلىك، قارابىسلىق بولامدۇ قانداق؟ شۇنداقلا بۇ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشنىڭ شەرئەن ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى دەلىللىك ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلىي ئىجراسىنى بۇرمىلاش ۋە ئاشۇ ئېنىشتېيىننىڭ بىر جۈملە توغرا گىپى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تەشكىلاتلىنىڭ ئاپپاقلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش دەل ھېلىقى ۋېلىسپىت ئەتكەسچىسىنىڭ ئىشنى قىلغانلىق بولامدۇ قانداق؟ بۇنداق بولغاندا، زادى كىم ئەقلىنى قۇمغا كۆمگەن بولىدۇ؟  

 ھەمشىرىلەر ئىشىدا جىددى ۋەزىيەتكە جىددىيچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك تۇرسا، گەپنى باشقىلانىڭ نېيىتىنى ئوقۇپ ئۇلارنى ھەمشېرىلەرنىڭ ئىشىنى دەپ «تەشكىلاتلارغا ئۇنداق غۇمىنى چىقارماقچى، بۇنداق دەدىنى ئامماقچى بولغان، بۇنداق قىمماقچى بولغان» دېگەندەك پال سېلىش تىپىدىكى ئادۇكاتلىقلارنى قىلىشتىنمۇ مۇھىم بولغان «ھەمشىرىلەرنى ئازات قىلىش، سەبىيلەرنى قۇتقۇزۇش»قا سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى قىلىش مۇھىم بولىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ تەشكىلاتلار ھېچقانداق بايانات ياكى بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىگەن تۇرۇقلۇق ئۆزىچە ئۇلارنىڭ ئادۇكاتلىقىنى قىلىش نۆۋەتتىكى ئەسىر قۇتقۇزۇشتەك شەرئى ئىشتىنمۇ، مەزلۇم قېرىنداشلىرىغا ئېگە چىقالمىسىمۇ يولىنى مېڭىپ بېقىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشتىنمۇ مۇھىممۇ؟ شەرئى پەتىۋامۇ بىرىلگەن، ئاللاھنىڭ دىنىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق ئىشتا ئېنىشتېيىننىڭ سۆزىنى، نەدىكى ئاقماس بىر ھىكايىنى شىپى كەلتۈرۈپ ھەمشىرىلەرنىڭ مەسىلىسىنىڭ مۇمكىن بولماس ئىشلار ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش مۇسۇلمان دىندارنىڭ، دىيانەتلىك يازغۇچىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟

ئاخىرىدا شۇنىمۇ دېگۈم كىلدۇ. بىر ئۇيغۇر مەيلى ئۇنىڭ ئىدىيىسى نېمە بولسۇن، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىمانى بولىدىكەن، ئۇنىڭ جىنى، قېنى ھەدىستە ئىيىتىلغاندەك كەئبىدىن ئۇلۇغ. ئۇنىڭ بەدمەزھەپ بولۇشى، خاۋارىج بولۇشى، ياكى مۇرجىئى بولىشى جان ئامانلىقى كاپالەتكە ئىگەن بولغاندىن كېيىنكى دېيىشىۋالىغى بولىدىغان، مۇنازىرلىشىۋالغىلى، ھەل قىلىشىۋالغىلى بولىدىغان مەسىلە. «سەن بۇرۇن بىزنى كاپىر دەيتىڭ، ئەمدى مۇنداق بوپسەن] دەپ ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ھەمشېرىلىرىگە ياردەم ئورنىغا تىل-دەشنەم بېرىش ھېچقانداق مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا توغرا كېلدىغان ئىش ئەمەس. ئەينى زاماندا قارىشى ئوخشىمىغانلارنى كاپىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىجلاغىمۇ ئۇلار باشقا بىر مۇسۇلماننىڭ جېنىغا مېلىغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمىسىلا ئۇلارغا مۇسۇلمانچە ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توختىغان ئىش يۈزبەرمىگەنكەن. ئىمام بۇخارىمۇ يۇرتمۇ يۇرت كېزىپ، ئىزدەپ سوراپ ھەدىس خاتىرلىگەندە نەچچىلىگەن خاۋارىجلادىن بېرىپ ھەدىس ئۈگەنگەن ياكى ئۇلاردىن ھەدىس خاتىرلىگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى خاتا بولسىمۇ، يالغانچىلىقتەك بىر ئەمەل كىشىنى كاپىرغا چىقىردىغان ئەقىدىسى بولغاچقا ئۇلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىنى قوبۇل قىلىپ ئالغان. بىزنىڭ بۈگۈنكى باشقا ئىدىيىدىكى قېرىنداشلارمۇ باشقا يوللارغا كېتىپ قالغان، توسقانلارنى ئىمانىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئەھۋاللا بولسىمۇ بۇ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلار ئەمەس. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ياكى كاتىۋاشلىرىدىكى غەرەزلىك ئىشلار ئىدى. ھەمشېرىلىرىمىز ۋە باشقا سەبىيلىرىمىزنى بۇنداق بىر ئۆلچەمگە چۈشۈرگىلى بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ خىتتايدىن ئىبارەت يالماۋۇزلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى، بىزنىڭ ھېلىمۇ مۇسۇلمان قېرىنىشىمىز، ئۇيغۇر ھەمشېرىلىرىمىزلىكىدە شەك يوق. تۇتقۇندىكى سەبىيلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ پاك، بىغۇبار ئەۋلاتلىرىمىز ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق. ئىدىيە پەرقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىغان ئەتكەنلىرىنىڭ توغرا خاتاسىنىڭ ھېساپ كىتاپ مەسىلىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ جېنىنىڭ كېپىللىككە ئېرىشكىنىدىن كېيىنكى، خىتتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئامان قالغاندىن كېيىنكى مەسىلە. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئەقلىمىز مۇسۇلمانلىقىمىزغا قارايۈزلۈك قىلمىغان، ئۇيغۇرلۇق زېھنىيەتنى تەرەپپازلىق ياكى قارابىسلىققا تېگەشتۈرۈپ سېسىتمىغانلا بولساق خەۋپتە قالغان ئاشۇ ئەسىرلىرىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشتىن يالتايمايلى. ئۇلارنىڭ يالماۋۇزلانىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى ساقلاۋاتقاندەك ھىچقانداق ئۇرۇنۇشمۇ قىلماي، كېيىن بىر ئىش بولغاندا كونا قائىدە بويىچە «ئاپلا، پالانچى باقان بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان، پوكونچى گېنىرال بىلەن دېيشىۋاتقاندا پوككىدە پالاكەت يۈز بېرىپ قالدى، ئۈلگۈرەممىدۇق» دېسەك تۈگەيدىغان ئىشلار دەپلا تۈگىتىشكە قازان ئاسقاندەك يول تۇتمايلى. ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدىغانلىقى تەجىربە. بۇ ئىشتا بىرەر نەتىجە چىقىمىغان تەقدىردىمۇ ئۇرۇنۇپ باققان ياكى باقمىغانلىقنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسەك، ئاشۇ ۋىدىيولاردا يىغا زارە قىلىۋاتقان سەبىيلىرىمىزنى، قورال ياراقلار بىلەن ھەيۋە قىلىنىپ قۇل مۇئامىلىسى كۆرۈۋاتقان خانىم-قىز ھەمشىرىلىرىمىزنى كەلگۈسى خەۋپتىن ئەمىنلىككە چىقىرىدىغان يول ئۈستىدە ئىزدىنىش، رەسمى ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىمكانىيىتى بار تەشكىلات، دەرنەكلەر ئۇ بويىچە يولىنى قىلسا، ئاۋانگارت پىداكارلامۇ ماددىي ياكى مەنىۋى ياردىمىنى ئايىمىسا، ھېچ بولمىسا مىللىتىگە ئىگە چىقىشقا تىرىشقانلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالىساقمۇ بىر ئۇتۇق. ئۇنتۇمايلى، زامان نەپرەت زامانى ئەمەس. ھازىرقى ۋەزىيەت ئىدىلوگىيلىك پەرق، تەرەپبازلىق دېگەنلەرنى بىر ياققا قايرىۋېتىپ، ئۆز ئارا تاپا-تەنىنى تاشلاپ ئىرقىمىزنى قوغداش ۋە قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىش ۋەزىيىتىدۇر.

تەخەللۇستا: ئۇيغۇر ئوغلى سەرۋان

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدا تەنقىتلەنگەن ئاپتور بىلەن ھىچقانداق شەخسى ئىشى بولمىغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يازمىدا پەقەت ئاپتۇرنىڭ زېھنىيىتىلا تەنقىتلەندى. شەخىس بىلەن شەخىس مەسىلىسى بولمىغانلىقى، ئاپتۇرنىڭ قارشى پىكىر قىلغۇچىلارنى پەقەتلا تونۇشمىغانلىقى ئۈچۈن يازمىسىدا ئېيتقاندەك «ناجىنىس» دىگەن ھاقارىتىنى تەكرارلىماسلىقى ئۈچۈن زېھنىيىتىدىن نېمە ئىپادىلەنسە شۇ بويىچە تەنقىتلەندى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

دەۋاچىلىقتىكى قارايۈز ئەقىل

جۈ ئىيۇن 12 , 2020
بىكار قالغان چاغدا كىم يولغا سالغان، كىملەر تەشۋىق قىلغان، بۇ ئىشنىڭ پايدا زىيىنى، دېگەنلەر توغرىلۇق گەپ قىلغىلى ئەدەم چىقمايدۇ. ئەمدى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تاقىشىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە باھانە ئىزدەپ تۈگۈلىۋېلىشنى، ياردەم، چارە ئۈستىدە سۆز قىغانلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئەيىپلەشنى توختاتمايدىكەن

You May Like