«ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئانچە كارى يوق»

بۇ يىل 8- ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى خىتاينى لاگىر مەسىلىسىدە سوراقلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارادا رەسمىي تۈردە ئىتراپقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار بۇ ھەقتە ئەڭ كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتلارنى تەمىنلەپ، خىتاينى رەتمۇ-رەت مات قىلسىمۇ، خىتاي يەنىلا نۇمۇسسىزلىق بىلەن ئىنكار قىلدى.

 تەييارلىغۇچى: تۇنيۇقۇق

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-6

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

بۇ يىل 8- ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى خىتاينى لاگىر مەسىلىسىدە سوراقلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارادا رەسمىي تۈردە ئىتراپقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.  كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار بۇ ھەقتە ئەڭ كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتلارنى تەمىنلەپ، خىتاينى رەتمۇ-رەت مات قىلسىمۇ، خىتاي يەنىلا نۇمۇسسىزلىق بىلەن ئىنكار قىلدى. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ نۇمۇسسىزلىقى ھەممىگە ئايان. بىراق، لاگىر مەسىلىسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. خىتاينى مۇسۇلمان ئەللىرىلا ئەمەس، يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان يەھۇدىلار دۆلىتى ئىسرائىلىيەمۇ قوللىدى. بەزىلەر خەلقئارادىكى بۇ سوغۇققانلىقنى دىنىي، ئېرقىي كىملكىمىز ۋە ياكى ئاللىقانداق ئىللەتلىك مىللەت، ناچار مۇسۇلمانلىقىمىزدىن كۆرۈپ،  ئۆزلىرىنى ئەيىبلىمەكتە. مىنىڭچە، خەلقئارا ئاۋاز چىقارسىمۇ، چاڭ چىقارماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. خىتاينىڭ قولىدا لاگىرلارغا سولانغان مەيلى خىتاي، مەيلى تىبەت، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن نەتىجە ئوخشاش. چۈنكى «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق»، شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋال يەنە نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنى قويۇپ تۇرايلى، خىتاينىڭ يېقىنقى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر نەچچە قانلىق ۋەقەلەر مىسال بولالايدۇ.   1989-يىلى 4- ئاي بېيجىڭدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكى، دىموكراتىيە، ئەركىنلىك، تەشكىلات قۇرۇش ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئاچلىق ئېلان قىلىدۇ. قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە بۇ نامايىش مىلىيونلىغان خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، يىراق-يېقىندىن فۇجىيەن، خۇبىي، ئۈرۈمچى شەھەر-رايونلاردا ئوقۇغۇچى، ئىشچى- دىھقان، كادىر، پارتىيە ئەزاسى، ساقچى، ھەربىي، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، نەچچە مىلىيون قوللىغۇچى ئاممىلار نامايىشقا ئاۋاز قوشىدۇ. چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ نامايىشنى تۇشمۇ-تۇشتىن خەۋەر قىلىپ، خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ. 5- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھرىنى 300مىڭ ئەسكەر بىلەن تولۇق قامال قىلىدۇ. 6- ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق، ئاچلىق ئېلان قىلىش بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر دىموكراتىك نامايىشچىلارنى «تىرورچىلار، ئەكسىنئىنقىلاپچىلار»، «بۇرژۇئازىيە، لىبىرالىزىمنىڭ زەھەرلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان»، «خىتاي كومپارتىيىسىنى ئۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان لالمىلار» دەپ ئاتاپ، تىنچلىق نامايىشىنى قۇراللىق باستۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس سالىدۇ. 6- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچ سائەت 10دىن باشلاپ ھەربىي قىسىم تىيەنئەنمىن ئەتراپىغا نىختاپ كىرىپ، نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقىرىشقا باشلايدۇ، سەھەر سائەت 4:30دا تىيەنئەنمىن مەيدانى قەھرىمانلار مۇنارى ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قىرىپ ئۆلتۈرىدۇ. ھەربىي قىسىم ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان خەلق ئاممىسىنى باستۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپلا قالماي، نامايىشتىن قېچىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ھويلىسىغىچە ئىزدەپ كىرىپ ئوققا تۇتىدۇ، نامايىش مەيدانىدا ئۆلگەن ئادەمدىن مەيدان سىرتىدا ئۆلگەن ئادەملەر كۆپ بولىدۇ. 10 يىلدىن كىيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى قۇربان بولغانلارنىڭ سانىنى ئىگەللەش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئارانلا 202 ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى جەزىملەشتۈرەلىگەن. قۇربانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللەش، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ئەمەلدار، ھەربىيلەرنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىنى تۇرغۇزۇش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، بۇ قىتىمقى نامايىشتا جەمئىي 10،454 ئادەم ئۆلۈپ، 40 مىڭ ئادەم يارىلانغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگەللىشىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.   بۇ قانلىق قىرغىنچىلىق خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. خەلقئارا مۇخبىرلار، سەنئەتكارلار، ناخشىچى، رىجژىسسورلار مەزكۇر قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئەسەرلەر ئىشلەپ تارقاتقان.  ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە بىر قىسىم غەربى ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى خىتاينى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن.  دۇنيا سودا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا قەرىز بېرىش، مەبلەغ سېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ئامېرىكا ۋە ياۋورپا خىتاي بىلەن قورال-ياراق سودىسى قىلىشنى چەكلىگەن، بۇ چەكلىمە ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە.  ب د ت خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتكەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى بىكار قىلىپ، تەيۋەننى ئورنىغا دەسسىتىشنى ئويلاشقان، بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىر يىلغىچە خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ يەنىلا بولدى قىلغان. ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرى نامايىش داۋامىدا سۈكۈتتە تۇرغان، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن سىياسىي مەۋقەسى ئوخشاش بېرما، ۋىتنام، چاۋشىيەن، پاكىستان، ئالبانىيە، كۇبا، رومىنىيە، چىخوسلاۋىيە ۋە شەرقىي گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغان.  ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بىر تەرەپتىن دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا نامايىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىشنى چەكلىسە، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا ھىسداشلىق بىلدۈرگەن.   فالۈن گۇمپىسى مۇرىتلىرى چەتئەللەردە خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تىنچ تەشۋىقاتنى ئەڭ كۈچلۈك ئېلىپ بارالىغان ئاۋانگارت كوللىكتىپ ھىسابلىنىدۇ. فالۈن گۇمپىسى يەل گۇمپىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، لى خۇڭجى ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئەخلاق چىركىنلەشكەن خىتاي جەمىيىتىدە ئالىيجاناپلىقنى تەشۋىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان. كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ ئەتىگەنلىك گىمناستىكىسىغا ئايلىنىپ، 70 مىلىيوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچى توپلىغان. 1997- يىلى خۇڭجى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش بۇيرۇقىنى رەت قىلغاندىن كىيىن زىددىيەت كەسكىنلەشكەن. تىيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، 1999- يىلىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار نامايىشنى قانلىق باستۇرغان جىياڭ زېمىن يەنە فالۈن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 25-ئاپرىل كۈنى تۈمەنلىگەن مۇرىتلار بېيجىڭغا ئەرىز قىلىپ بارغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە كۆرۈشۈپ يولغا سالغاندىن كىيىن، يۇرت-يۇرتلاردا 30 مىڭ مۇرىتنى مەخپى قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى فالۈن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنى جازالاشتا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش، ئىدىيىسىنى ئىسلاھ قىلىش، قايتا تەربىيەلەش، قانۇنسىز تۇتۇش، جازالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «جاھىل مۇرىتلار»نى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق ئۇلارنى «ئىسلاھ» قىلماقچى بولغان. كۆپ قىسىم ئۇزاق مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغان مۇرىتلار قانۇنىي تەرتىپتىن خالىي ھالدا مەمۇرىي سېستىما بىلەنلا سولاپ قويۇلغان. ئەمگەك لاگىرلىرىنىڭ سولاق مۇددىتى خالىغانچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، مۇرىتلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» مۇددىتى توشقاندا ئېتىقاتىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىسە ئۆلكىلىل ھۆكۈمەت قۇرغان «قانۇنىي تەربىيە مەركىزى»گە  «ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن قامىلىپ، ماركىسىزىم، ماتىرىيالىزىم كۇرسلىرىغا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان. فالۈن گۇمپىسى تەشۋىقات بويۇملىرى بىردەك قەتئىي مەنئى قىلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلار ماركىسىزىم، سوتسىيالىزىم ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان.  6- ئايدا جاڭ زېمىن فالۈن گۇمپىسىنى شەيتان دىنى دەپ ئاتاپ، قاتتىق زەربە بەرگەن. خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ چوڭ بولۇپ، جاۋ زىياڭ، لى پىڭ، جۇرۇڭجى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار قاتتىق باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان، بىراق جاڭ زېمىن پەرۋايىغا ئالمىغان. ئۇ يەنە«610 ئىشخانىسى» ناملىق فالۈن گۇمپىسىنى باستۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، ھىچقانداق ۋاستە تاللىماستىن بارلىق دىنىي ئورۇن، تەشۋىقات، ئەسەرلەرنى قەتئىي چەكلەشكە بۇيرىغان.   «610 ئ‍ىشخانىسى» مۇرىتلارنى كىشەنلەپ، سەزگۈر ئەزالارغا توك سوقتۇرۇپ، يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، جىنسىي ئەزالىرىغا ئىنتايىن پەسكەشلەرچە شۇملۇقلارنى قىلغان، ئىچكى ئەزالىرى سېتىلغان. ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇش، پۈكلەپ باغلاش، روھىي ئازاپلاش، تەھدىت سېلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، خىزمىتى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش، جىسمانىي جازا، ئېغىر ئەمگەك، كۆيدۈرۈش، توڭلىتىش، تېنىق ئالدۇرماسلىق، تىرناق يۇلۇش، يىڭنە سانجىش، ئاچ قويۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھاجەت قىلغىلى قويماسلىق، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىينىغان.   2001-يىلى يانۋاردا، فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەندىن كىيىن، فالۈن گۇمپىسى مەسىلىسى تېخىمۇ خەلقئارالىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان. 2008- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دوكلاتىدا خىتاي ئەمگەك لاگىرلىرىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك كىشى فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى دىيىلگەن. 2009- يىلى تەتقىقاتچىلار  خىتايدىكى ئومومىي فالۇىن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنىڭ %15-%20 قىسمى ئەمگەك لاگىرلىرىدا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغان. ئەنگىلىيە «گاردىيان گىزىتى»: «گەرچە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قارشىلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، 10 يىلدىن بۇيان بىردىنبىر ئۆزگەرگەن نەرسە خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇن مۇرىتلىرىنى قەسىتلەشتە تېخىمۇ مەخپى ئۇسۇل قوللىنىشقا باشلىدى» دېگەن. بۇ دەلىللەنگەن ماتىرىياللار بولۇپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ شەخسىي ماتىرىيالى، يېشى، كەسپى، تۇرۇشلۇق ئورنى، خورلانغان ۋاقتى، دەرىجىسى خورلىغان تۈرمە، ئورنى، رايون، يىزا، كەنت، ئورگان، ساقچىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار تەپسىلىي ئارخىپلاشتۇرۇلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ب د ت ۋە چەتئەل ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى خالىمىغاچ، تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارغا ئېرىشىش تولىمۇ تەسكە توختىغان. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى چەتئەلدىكى گۇۋاھچىلار، دوختۇرلار، بىمارلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە ئاساسەن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، دوكلات تەييارلىغان. چەتئەلدىكى فالۈن گۇمپىسى مۇرىتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرىتلارنى باستۇرۇش، نازارەت قىلىش جىنايەتلىرىگە تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنى سېتىپ بەرگەن شىركەتلەرنى ئەرىز قىلغان. جاڭ زېمىن، لوگەن، بوشىلەي قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى دىگەن گۇناھى بىلەن ئەرىز قىلىپ، نەچچە ئون خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق  ئورگانلىرىغا دەۋا قىلغان. 2009- يىلى ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىسى رەسمىي ھالدا جاڭ زېمىن قاتارلىقلار ئۈستىدىن دىلو تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ ھۆكۈملەر پەقەت سىموۋوللۇق رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئەمەلىلىشىشى ناتايىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈن گۇمپىسى مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش قارا پەردىسى ئېچىپ تاشلانغاندىن كىيىن، 2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ياۋروپا كومىتېتى، ئاۋىستىرالىيە، ئىتالىيە، ئىرلاندىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا سېتىش، مەجبۇرى سۇغۇرۇپ ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش قارارنامىسى ئېلان قىلغان.   نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر مەسىلىسى خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، لاگىرلارغا قارشى كەسكىن تەدبىر يۈرگۈزۈلمىدى. ئىمزالار توپلانماقتا، گۇۋاھلىقلار بېرىلمەكتە، مۇخبىرلار نەق مەيداندىن خەۋەر قىلماقتا، ساناقلىق دۆلەتلەر ئەيىبلىمەكتە، تەنقىدىي باياناتلار ئېلان قىلىنماقتا، خىتاي  ئىنكار قىلماقتا. ۋەھالەنكى، بىرمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىلمىدى. ئىقتىسادىي ئىمبارگو، ماگىنىسكى قانۇنى، سوت ھۆكۈمى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. سەۋەبى نېمە؟ سەۋەبى بىزنىڭ دىنىي، ئىرقىي، مىللىي كىملىكىمىزمۇ؟ كىملىكىمىز سەۋەبنىڭ جۈزئى قىسمى بولۇشى مۈمكىن، ھەرگىزمۇ ئاساسىي قىسمى ئەمەس. دىققەت قىلساق، خىتايدىكى 70 مىليون فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىدىن كەم دىگەندە %15 لاگىرلارغا سولانغان دىسەكمۇ، 10 مىليون بولىدۇ. ئەمما بۇ 10 مىليون ئادەمنىڭ ھاياتى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەن 10 مىڭ ئادەمچىلىك تەسىر قوزغىيالمىغان. سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى تىيەنئەنمىندا ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارا قىرغىن قىلغان بولسا، فالۇن گۇمپىچىلىرىنى مەخپى قىرغىن قىلغان. ھەتتا بىزمۇ فالۇن گۇمپىچىلارنىڭ پاجىئەلىرى بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىلا يۈز بەرگەن، ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئۇچراۋاتقان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھىچقانچە خەۋىرىمىز يوق. 2017- يىلدا بىرمانىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى بىلىمىزيۇ، شىمالىي كورىيەدىكى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا ھىلىھەم 154 مىڭ ئادەمنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. كەيىت كىرونىن –فۇرمەن ئېيتقاندەك  «بۇ بىزنىڭ نېمىشقا پاجىئەلىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا، مەخپى باستۇرۇشلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمىزدىكى سەۋەب»نى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا سېستىمىلىق قىرغىنچىلىق قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىلا، ئۈزلۈكسىز  زوراۋانلىق پەقەتلا خەلقئارانىڭ چەكلىك دائىرىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، خىتاي ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بۇ  قانلىق قىرغىنچلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئاقىۋەتتىن كۆپ ياخشى.  نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىغاندا، خىتاينىڭ نېمىشقا شەرقىي تۈركىستاندا ئىتنىك قىرغىنچىلىق قىلماي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىشىدىكى مەقسەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەگەر رىئاللىق بۇنىڭ تولىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، خىتاي ھەرگىزمۇ مەقسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئەكسىنچە تېخىمۇ ئاسان ئۇسۇل- قانلىق قىرغىنچىلىقنى تاللاپ، پاجىئەلىك نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پايدىلانغان مەنبەلەر: https://zh.wikipedia.org/zh/%E5%85%AD%E5%9B%9B%E4%BA%8B%E4%BB%B6 https://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%B3%95%E8%BD%AE%E5%8A%9F https://foreignpolicy.com/2018/09/19/china-has-chosen-cultural-genocide-in-xinjiang-for-now     2018- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى  

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

پارىژدا توپىلاڭ: رومانتىك پايتەختىدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر ۋە ماكرونغا بولغان غەزەپ

شە دېكابىر 8 , 2018
پارىژ، زەپەر دەرۋازىسى، ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسى رومانتىكلىققا سىمۋول قىلىنغان ، ئىللىقلىقنىڭ ئوبرازى، ھەشەمەتلىكنىڭ نامايەندىسى ئىدى . لېكىن ئۆتكەن بۇ بىر نەچچە ھەپتە ئاخىرىدا ، رومانتىك پايتەختى تۇمانلار بىلەن قاپلانغان جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى.

You May Like