ئۇكرائىنا -رۇسىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر

ئۇكرائىنا -رۇسىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12-فېۋرال

1-كۈتۈلمە نەتىجە: 

ئۇكرائىنا -رۇسىيە ئۇرۇشى ئېھتىماللىقى ئېغىر، شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتلىرى تېلېفون سۆھبىتى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىنى ئۇكرائىنادىن تولۇق چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى.

2-رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قويغان تەلىپى:

بىزگە ۋەدە بېرىسەن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتوغا ئەزا بولمايسەن، ناتومۇ سېنى ئەزا قىلماسلىققا ۋەدە بېرىشى كېرەك. ئەزا بولساڭ، بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرىسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنى ياسايمىز.

3-تارىخى: 

ئۇكرائىنالىقلار مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە يېقىن كېلىدۇ. رۇسلار بېسىۋالغان ئۇكرائىنا 1991-يىلى دېكابىردا مۇستەقىل بولغان. 2014-يىلى 2-فېۋرالدا قېرىم ئارىلى رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە ئۇكرائىنادىن تارتىپ ئېلىنغان،ئۇكرائىنالىقلار رۇسىيە ۋە پۇتىنغا ئىشەنمەيدۇ.

4-يەردىكى رېئاللىق: 

رۇسىيە يېڭى يىلدىن بىرى ئۇكرائىنا چېگراسى ئەتراپىغا 130مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر توپلىغان. ئامېرىكا ئىستىخباراتى ۋە ئاق ساراي رۇسىيە ئۇكرائىناغا 16-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلىدۇ، 48 سائەت ئىچىدە پايتەخت كىيۋنى ئىشغال قىلالايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلدى.

5-دىپلوماتىك تېرىشچانلىق: 

ياۋروپا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىر ئايدىن بىرى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىدى.

6-ئامېرىكا ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى:

ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە رەسمىي ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرەلمىدى.« پەقەت ماددىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ياردەم قىلىمىز ، رۇسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتە جازالايمىز» دېدى. رۇسىيە بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ناتوغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار، شۇڭا شەرقى  ياۋروپاغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتتۇق دېدى.

7-ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىز رۇسىيەگە باش ئەگمەيمىز دەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

8-خىتاي رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن:

رۇسىيە بولسا « بىزنىڭ ئۈمىدىمىز خىتاي» دەپ جاكارلىدى. رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇرۇشۇشى خىتاي ئۈچۈن بەك پايدىلىق. غەربنىڭ دىققىتى بۇرۇلىدۇ، خىتاي رۇسىيەنى ئۆزىگە ئىقتىسادى جەھەتتە تولۇق باش ئەگكۈزىدۇ. ئافغانىستان مەغلۇبىيىتىدىن كىيىن دۇنيا ئامېرىكىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

‏ جاللات شېڭشىسەينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ماتىرىيال

يە فېۋرال 13 , 2022
تاسادىپى قولغا چۈشۈپ قالغان دوكلات كۆپەيتىلمىسى

You May Like