ئۇكرائىنا كرىزىسىدا خىتاي قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن؟

ئۇكرائىنا كرىزىسىدا خىتاي قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن؟

 ئۇكرائىنا كرىزىسىدا خىتاي قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن؟

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-فېۋرال

21-فېۋرال ۋىلادىمېر پۇتىن بايانات ئېلان قىلىپ ئۇكرائىناغا تەۋە بولغان دونېسك ۋە لۇخانىسك ۋىلايەتلىرىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە ھەربىي قىسمىنىڭ «تىنچلىقنى ساقلاش» نامىدا بۇ رايونلارغا كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ھالەتكە ئېلىپ كىردى. ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى تۇتقان مەيدانى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي رۇسىيە بىلەن يېقىن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن، ئەمما ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى خىتاينىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي قالغان. تەيۋەن دەنجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ قۇرۇقلۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جاۋ چۇنشىيەن بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: « خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلە، ئوخشاش مىللەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ يېڭى دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا خىتاي ئەلۋەتتە پۇتىننى قوللاپ بۇ كىچىك دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ.» ئۇ يەنە خىتاي سىياسىي كومىتېتىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاچقان يىغىنىنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:« گەرچە يىغىننىڭ ئېلان قىلىنغان قىسىملىرىدىن ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئازراق بۇرۇلۇشلارنىڭ بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. يەنى بۇ قېتىم ئۇلار «ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىمىز» دەپ بايانات بەرگەن، بۇ ئىلگىرى ئېلان قىلغان رۇسىيەنى مۇتلەق قوللاش پرىنسىپلىرىغا نىسبەتەن قارىمۇ- قارشى بولۇپ چىققان.» 

ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاي ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى ئۇكرائىنا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ئۇكرائىنادىن ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىپ كەلگەن. 

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى داۋاملىق ھالدا جىددىيلەشسە ئۇ چاغدا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن. «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىز ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: « گەرچە خىتاي رۇسىيە بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق باياناتىدا ئېلان قىلغىنىدەك رۇسىيەنى مۇتلەق قوللاش شۇنداقلا ناتونىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش تەرەپدارى بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى ئۇكرائىنا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە خېلى بۇرۇنلا ئىمزا قويغان بىر دۆلەت، خىتاينىڭ ياۋروپاغا كىرىشىدىكى «ئىشىك» ى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق  مەبلەغ سالغان. خىتاي يەنە ئۇكرائىنادىن زور مىقداردا يېمەكلىك مېيى، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ.

ۋەھالەنكى، خىتاي يېقىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئاشلىق ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنادىن زور مىقداردا ئاشلىق ئىمپورت قىلغان. ياپونىيە تاراتقۇسى Nikkei Asia نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنادا تېرىلغان قوناقنىڭ 30%تى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن، خىتاي بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قوناق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئەگەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ئامالسىزلىقتىن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئامېرىكا Johns Hopkins خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا رۇسىيەنى قوللاپ ناتونىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللاش بىلەن باراۋەر ئەمەس. چۈنكى خىتاي ئالدىنقى يولنى تاللىغاندا ھېچقانداق ئىقتىسادىي چىقىمغا دۇچ كەلمەيدۇ، ئەمما كېيىنكىسىنى تاللىسا ئىقتىسادىي ئىمبارگۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن. 

ئەنگلىيەBBC ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەگەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا بېيجىڭغا نىسبەتەن قىسقا مۇددەتلىك پايدا ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما خەلقئارادىكى دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتور تۈزۈمىنى تۇتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلماقتا، بۇ خىل شارائىتتا بېيجىڭ ئەلۋەتتە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا كىرىشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا رايون خارەكتىرىلىك توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىشىنى خالىمايدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دونالد ترامپ: رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن خىتاي مۇتلەق ھالدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغايدۇ

چا فېۋرال 23 , 2022
دونالد ترامپ: رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن خىتاي مۇتلەق ھالدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغايدۇ

You May Like