ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەۋرىنىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالامدۇ؟

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەۋرىنىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالامدۇ؟

 ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەۋرىنىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالامدۇ؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-مارت

«ئەل جەزىرە» تور بېتىدە 16-مارت ئېلان قىلىنغان ئانالىز ماقالىسى

تەرجىمىدە: ئارمان

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇز ئۇرۇشىدا، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان  كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تارقالغان موسكۋانىڭ بېيجىڭدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكىنىڭ بىرقانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتايغا ئەسكەرتىش بېرىپ رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىككە چاقىردى.

گەرچە خىتاي تەرەپ ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يۇمشىتىپ يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئالدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن كەلگۈسى بىر قانچە يىلغىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

بوستون ئىنستىتۇتى سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى Robert Ross ئەل جەزىرە مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ: « بۇ بەلكىم ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

24-فېۋرال رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان خىتاينىڭ سىرتقا ئاشكارىلىغان مەيدانى : ئوتتۇرا يولنى تۇتۇش بولدى. ئۇلار ئۆزىنى سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى دەپ كۆرسەتتى. 

ئەمما دۈشەنبە كۈنىدىكى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ۋاشىنگتون بېيجىڭغا ئەسكەرتىپ، ئەگەر موسكۋاغا ھەربىي ياكى ئىقتىسادى ياردەم قىلسا «ئېغىر» ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى دېدى. ئىلگىرى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتايدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان ئىدى، ئەمما بېيجىڭ تەرەپ بۇ نى ساختا ئۇچۇر دەپ رەت قىلىپ كەلدى.

رۇسىيە ئىزچىل ھالدا ئۇكرائىنادىكى چوڭ كىچىك شەھەرلەردە بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ نۆۋەتتىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر ھالدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. ب د ت نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر 3مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر ئۇكرائىنادىن قېچىپ چىققان.

Robert Rossنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنى قوللاشنى قارار قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىگە چەك قويۇش ياكى ئۆزىنىڭ ھەربىي خىراجەت سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « خىتاي ھازىر رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئەگەر ئۇلار رۇسىيەنى تاللىسا، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارىشىغا ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قايتىدىن باشلىنىشى مۇمكىن.»

يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى

نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەت ئارقىسىدا دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى Jake Sullivan خىتاي تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى ياڭ جىيېچى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىنكى ئامېرىكا تەرەپنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا،  Sullivan سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ۋەكىلىگە ناھايىتى «ئېنىق» ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى  Ned Price سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن : «بىز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پۇتىن باشلىغان بۇ قېتىملىق تاجاۋۇز ئۇرۇشىغا ماددىي ئەشيا، ئىقتىساد، ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردىكى قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقلا بىز بېيجىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ بۇ خىلدىكى قوللاشلارنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.» 

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇسى بولغان «شىنخۇا» ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: « سۆھبەت جەريانىدا ياڭ جىيېچى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: خىتاي تەرەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقان، ياكى خىتاينىڭ مەيدانىنى بۇرمىلايدىغان ۋە رەت قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.»

بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنى ئەيىبلەشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇلغاندا خىتاي بېلەت تاشلاش ئاۋازىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. يېقىندا رۇسىيە تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇكرائىنادا بىئولوگىيەلىك قورال تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنى بايقىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى خىتاي تاراتقۇلىرى قوللاپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شۇنداقلا ئۇكرائىنا تەرەپ ئەمەلدارلىرى بۇنى ساختا ئۇچۇر دەپ رەت قىلدى.

خىتاي رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى، فېۋرالنىڭ باشلىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداش مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى قايتا نامايان قىلدى، شۇنداقلا ناتونىڭ كېڭىيىشىگە ئورتاق ھالدا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ نۇقتىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سىناقلارغا دۇچ كەلدى. چۈنكى سابىق پرېزىدېنت ترامپ يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسىتىدە خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، جو بايدىنمۇ ترامپنىڭ بۇ مەيدانىنى داۋاملاشتۇردى.

بايدىن ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئەنگلىيە بىلەن تۈزىگەن «ئاۋسترالىيەگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەمىنلەش» كېلىشىمى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. شۇنداقلا ھىندىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ شەكىللىنىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈردى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى 2021-يىلى سېنتەبىردە ئاق سارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان قائىدىلەرگە بويسۇنۇپ خەلقئارالىق قانۇنلارنى قوغدايدىغانلىقىنى، تەھدىت ۋە بېسىملاردىن قورقمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۈبھىسىزكى خىتاي مەزكۇر «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ئۇلارنى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ دەپ جار سالدى.

بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى رىقابىتىمۇ كۈنسېرى جىددىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. مەسىلەن تەيۋەن ۋە جەنۇبى خىتاي دېڭىزى مەسىلىلىرىدە رايوندىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ئۆزىنىڭ تۇپرىقى دەپ زومىگەرلىك قىلىدۇ.

777مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ماقۇللاشتا، پانتاگون ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئورتاق ھالدا  خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئامېرىكا ماين شتاتىدىكى بوۋدوين ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى سىياسەت تەتقىقاتچىسى Christopher Heurlin مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: « ئەگەر ئامېرىكا بارلىق دىققىتى ۋە خىراجىتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئەھۋالدا، خىتاي ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ھەربىي جەھەتتىكى دىققىتىنى رۇسىيەگە قارىتىپ خىتاينى ئۇنتۇلۇپ قالسا خىتاي ئەڭ چوڭ پايدىنى ئالغان بولىدۇ.» 

مۇخبىرنىڭ: « ئەگەر خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق دىققەتنى تارتىش بولسا، ئامېرىكا خىتاينىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: « بۇ خىل ئېھتىماللىق ئەلۋەتتە يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ناھايىتى قويۇق. ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سودا شىركەتلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ، بۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقاندا بىزنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىمىز بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ بەدەللەرنى تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» 

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتايغا نىسبەتەن پايدىسىز

ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە غەرب تېز سۈرئەتتە رۇسىيەنىڭ بانكىلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى سەرخىللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە جازا يۈرگۈزدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك جازاغا ئۇچراشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: « خىتاي بۇ كرىزىسقا قاتناشقۇچى تەرەپ ئەمەس، رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولارنىڭ خىتايغا تەسىر قىلىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ.»

بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئۇلار رۇسىيەنى قوللىسا ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئەۋزەل مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى Victoria Nuland ئالدىنقى ھەپتە پارلامېنتتىكى يىغىندا مۇنداق دېدى: « بىزنىڭ خىتاي بىلەن قەرەللىك ھالدا ئالاقە قىلىپ تۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى تونۇتۇش. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئەۋزەل مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىش، ھېچ بولمىغاندا مۇساپىرلارنى قۇتقۇزىدىغان «ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدۇر»لىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.» 

پروفېسسور Ross « ئەل جەزىرە» مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ :« ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى، ئەمما بۇ قېتىمقى ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبىتىدە خىتاي تەرەپ ناھايىتى بىئارام بولدى. چۈنكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەرگە ئوخشاش، خىتايمۇ تەھدىتكە ئۇچراشنى خالىمايدۇ. سۆھبەت ناھايىتى جىددىي بولدى، ئەمما سۆھبەتتىن كېيىنكى باياناتتا ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، ھازىرچە خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەنسىرگىنىدەك رۇسىيەگە ياردەم بېرىدىغان قىلمىشلارنى  تېخى قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۆزبېكىستان رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان

پە مارت 17 , 2022
ئۆزبېكىستان رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان

You May Like