تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولغان ۋە يارىدار بولغانلار سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولغان ۋە يارىدار بولغانلار سانى كۆپەيمەكتە

 تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولغان ۋە يارىدار بولغانلار سانى كۆپەيمەكتە 

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-فېۋرال

6-فېۋرال سەھەر سائەت 4دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراش، ئادانا، خاتاي ، شانلى ئۇرفا، ئوسمانىيە، مالاتيا، كىلىس، دىياباكىر، ئادى يامان، گازى ئانتەپ قاتارلىق جايلاردا 7.7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئوخشاش بىر كۈندە يەنە 13دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە 7.6 بال يەر تەۋرىدى.

ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن  ئىككى قېتىملىق ئېغىر  يەر تەۋرەشتە يۇقىرىقى جايلاردا 3419 كىشى ۋاپات بولۇپ، 20534 كىشى يارىلاندى.  يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنا سانى 6217 ۋە يەر تەۋرەش تەسىرگە ئۇچرىغان بىنا سانى 11302 دەپ ئېلان قىلىندى. ( تۈركىيە ۋاقتى 19: 12 دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ).

بۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 100يىللىق تارىخىدا  1925- يىلى ئافيوندا يۈز بەرگەن 7.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى 2-چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

نۆۋەتتە يەر تەۋرىگەن جايلاردا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئاپەت رايونىنىڭ تارقاقلىقى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى بىر قىسىم  تاش يول ۋە تىز سۈرئەتلىك يوللاردا كۆرۈنگەن يول چۆكۈش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش قۇلايسىزلىقى سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوزۇق-تۈلۈك ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى ، دورا  يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا. 

ئاپەت سەۋەبىدىن مەكتەپلەر قىشلىق تەتىلنى يەنە بىر ھەپتە كەينىگە سۈردى . تۈركىيە ھۆكۈمىتى 7 كۈن ھازا تۇتۇشنى ئېلان قىلدى.

 

مەنبە son dakika haber

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرىكەتتە

سە فېۋرال 7 , 2023
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرىكەتتە

You May Like