تۈركىيەدىكى ساختا ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋە زەھەرلىنىش

بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز يەنە بىر «يۇقۇم». بۇ يۇقۇممۇ ئەجەللىك. ئالدىنقى جۈمەدىن بۇيانقى ئالتە كۈندە ، 51 ئادەم قازا قىلدى ، ئون نەچچە كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئوندىن ئارتۇق شەھرىگە تارقالدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-10-18

 

بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز يەنە بىر «يۇقۇم». بۇ يۇقۇممۇ ئەجەللىك. ئالدىنقى جۈمەدىن بۇيانقى ئالتە كۈندە ، 51 ئادەم قازا قىلدى ، ئون نەچچە كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئوندىن ئارتۇق شەھرىگە تارقالدى.

 

تۇنجى ۋەقە ئالدىنقى جۈمە كۈنى كىرىككالېدا  7 ئادەم قازا قىلغان.

 

ئىستانبۇلدا بولسا  ئالدىنقى شەنبە كۈنى كارتال رايونىدا پەيدا بولدى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ، خۇددى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇمىغا ئوخشاش ، ھەر قايسى جايلارغا تارالدى  ،  قىسقىغىنا 6 كۈندە ئىنتايىن ئېغىر ۋەقەلەر ئوتتۇرغا چىقتى .

 

ئادۋوكات خاك 36 ياشتا بولۇپ ، 6 ياشلىق بالىسى بار، شۇ كۈنى ، ئۇ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى TEKEL( ھاراقخانىدىن ) دىن بىر بوتۇلكا راكىنى سېتىۋېلىپ ئۆيىدە ئىچتى ، ئۇ شۇكۈنى زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان.

 

ئوخشاش كۈندە ، بىر كىشى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدا ساختا ھاراق ئىچىپ قازا قىلغان.

 

تۈركىيە  ھاراق  مەدەنىيىتى

 

تۈركىيە بىر مۇسۇلمان دۆلەتى ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران ۋە ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇ دۇنياۋى ، دېموكراتىك ۋە ئوچۇق دۆلەت. ھاراق ئىچىشتىن باشقا ، ھەتتا قانۇنلۇق باشقا ئ‍ىشلارمۇ بار.

 

راكى ( Rakı )  نىڭ خام ئەشياسى ئاساسلىقى ئۈزۈم ۋە ئانانىس . ئۇ بوتۇلكىدىكى ھالىتىدە ئاق بولىدۇ. ئۇنى ئىچكەندە ، ئادەتتە ھاراقنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىستاكانغا تۆكۈپ ، ئاندىن سۇ ۋە مۇز پارچىسىنى قوشىسىز. ھەمدە شىر سۈتىگە ئوخشاش رەڭگە ئايلىنىدۇ ، شۇڭا بەزى كىشىلەر ئۇنى شىر سۈت ھارىقى دەپمۇ ئاتايدۇ . ئىسپىرت مىقدارىى  كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى 45 گرادۇس بولىدۇ.

 

ئەردوغان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تۈركىيەدىكى راكى ھاراق ماركىلىرىدىن پەقەت ئىككى ياكى ئۈچتاللام بار ئىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن يېڭى ماركىلار كۆپەيدى ، ئەلۋەتتە ، باھامۇ ئىزچىل ئۆسىۋاتىدۇ . راكى دىن باشقا ، تۈركىيەدە يەنە پىۋا ۋە ئۈزۈم ھارىقى بار .

 

تۈركىيەدە رېستوران ۋە قاۋاقخانىلارنىڭ ئىسپىرت مۇلازىمىتى بىرىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشى كېرەك. نەتىجىدە ، تۈركىيەدىكى رېستوران ۋە قاۋاقخانىلارئىسپىرت ئىچىملىكنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئاساسەن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

 

تاماكا سېتىش ئۇچۈنمۇ  رۇخسەت تەلەپ قىلىنىدۇ ، شۇڭا كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسىدە تاماكا ۋە ئىسپىرت بولمايدۇ. كىچىك دۇكانلار ئادەتتە باققال دەپ ئاتىلىدۇ ، ئاساسلىقى تاماكا ۋە ئىسپىرت ساتىدىغان كىچىك دۇكانلار TEKEL دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل TEKEL دۇكىنىدا  پەقەت قۇرامىغا توشقانلار كىرىپ سىتىۋالالايدۇ ، كەچ سائەت ئوندىن كېيىن تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ ، بولمىسا زور جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 

گەرچە تۈركىيەدە ھاراق ئىچىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ،  نېمىلا دېگەن بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى بار دۆلەت . ھاراق ئىچىش يۇزىنى تۆكىۋالدىغان ھەمدە گۇناھ بىر ئىش  ، ھەمدە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىغان ئىش . شۇڭلاشقا ، ھېچكىم سىزنى ھاراق ئىچىشكە زورلىمايدۇ  ؛ ( خوشە سىڭسۇن ) دىگەندەك سۆز ئىبارمۇ يوق .  شۇڭا بۇلار ھاراق ئىچىكەندە  ، «سالامەتلىكىڭىزنى تىلەيمەن» ياكى «دوستلۇق ئۈچۈن» دېگەندەك ياخشى سۆزلەر بىلەن لوڭقا سوقاشتۇرىدۇ . ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە ھاراق ئىچىپ ماشىن ھەيدىگەنلەرنى تەكشۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ ، بۇ سەۋەبتىن ، تۈركىيەدە ماشىنا ھەيدەپ بىرىش مۇلازىمىتى يوق.

 

ئەردوغان ھۆكۈمىتى تاماكا ۋە ئىسپىرتتىن ئېلىنىدىغان باجنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۆتكەن 20 يىلدا ، تاماكا ۋە ھاراقنىڭ باھاسى قايتا-قايتا ئۆسۈپ ، بىر قاتلاندى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئوخشاش ، تۈركىيەدىكى تاماكا ۋە ھاراق باھاسىنىڭ كۆپ قىسمى باج ، شۇڭا ساختا ھاراق غايەت زور پايدا ئېلىش كەسپىگە ئايلانغان.

 

ساختا ھاراقنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار ، بىرى پەقەت ساختا ماركا ۋە ئىجازەتنامە ،بۇلار ئىچىدە ساختا راكى ھارىقى يەنىلا ئېغىر ، مەسىلەن ساختا ھاراقنى  داڭلىق بىر ھاراق بوتۇلكىسىغا قۇيۇپ سېتش. 

 

بۇ خىل تىپتىكى  ساختا ھاراق  كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدۇ.

 

ئىككىنچى خىل تىپ پۈتۈنلەي ۋىجدانسىز.  ھەمدە سانائەتتىكى ئىسپىرتنى ئىشلىتىىدۇ ،بۇنداق ھاراقنى ئىشكەندە  كىچىك  بولغاندا دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئېغىر بولغاندا  ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ھازىر تۈركىيىدىكى  ساختا ھاراق  ۋەقەسى دەل مۇشۇ تىپتىكى ھاراق كەلتۈرۇپ چىقارغان .

 

قىسقىغىنا ئالتە كۈندە ، تۈركىيە ساقچىلىرى 18 شەھەردە ھەرىكەت قوللىنىپ ، 227 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى ۋە 60 ئادەمنى رەسمىي قولغا ئالدى. قانۇنسىز تەشكىلاتنى ۋەيران قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى قارا زاۋۇتلارنى پەچەتلىدى.

 

قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا ئۈزۈم ھارىقى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ ، ئىستانبۇلدا ئاللىبۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان 7 توننا ساختا ھاراق  ۋە  قۇرۇق  ھاراق  بوتۇلكىسى ۋە تاماكا ۋە ئىسپىرت  قاتارلىق خام ئەشيالارنى قولغا چۇشۇرگەن.

 

ساختا ھاراقنىڭ يەنە بىر مەنبەسى:  ئۆيدە ھاراق ياساش

 

 مەن بۇ ماقالىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇچۇر توپلىغىنىمدا ، تۈركىيەدىكى مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۆيدىلا ھاراق ياسايدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم .  بۇ ھاراقلار  ئەلۋەتتە ساختا ھاراق ، چۈنكى  قانۇنسىز ھەم ئىجازەتنامىسى يوق.

 

يۇتۇبىدا تۈرۈكچى ئ‍ۆيدە ھاراق ياساشنىڭ رېتسېپلىرى ۋە جەريان تونۇشتۇرۇشلىرى بىلەن تولغان مەزمۇنلار جىق ئىكەن.  ئۇلارنىڭ بىرىنى  ئىككى يىلدا 150 مىڭغا يېقىن كىشى كۆرگەن.

 

بۇ قېتىم ساختا ھاراق  ۋەقەسى سەۋەبىدىن ، قانچەكىشى ئۆيدە ياسىغان ھاراقنى ئىچىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان ، قانچىسى ساختا ھاراق سېتىۋېلشىتىن قازاقىلغان ، بۇ نىڭغا قارتا خەۋەرلەردە ئايرىم خەۋەر يوق ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيدە ھاراق ئىچىپ قازا قىلغانلىقى ئېنىق. ئاشخانىلاردا ياكى قاۋاقخانىلاردا ھاراق ئىچىپ قازا قىلغان كىشىلەر يوق .

 

نۇرغۇن كىشىلەر سورىشى مۇمكىن:  ئۆيدە ئۆزى ياسىغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئىشەنچلىك ماتىريال بىلەن ياسىلىشى كېرەكقۇ شۇنداق تۇرۇپ  نىمىشقا  ئۆلۇپ قالىدۇ ؟

 

ئاساسلىق مەسىلە ئىسپىرت. مېتانول ئىسپىرت سانائەتتىكى ئىسپىرت . ئەمما ئۇ يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان ئېتانول ئىسپىرت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ ئوخشاش.

 

نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە ، نۇرغۇن كىشىلەر سانائەتتىكى ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلەتكەن ، بەزى كىشىلەر پۈتۈنلەي نادان ، قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ سانائەت ئىسپىرتلىرىنى يېيىشلىك ئىسپىرت قىلىپ  كۆرسىتىپ ساتقان .

 

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ساختا ئىسپىرت زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، داۋالاش ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ ، زىيىنى چوڭ بولىدۇ ، بەلكىم قارىغۇ بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۆپكە ، يۈرەك ۋە باشقا قىسىملارنىڭ زەخمىسنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

 

ھەقىقەتەن ناچار خەۋەر شۇكى ، ھاراق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆلۈمنى تېزلىتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇلتۇرقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ھاراق ئىچىش خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش ، جىگەر قېتىشىش ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ، زوراۋانلىق ۋە تاسادىپىي يارىلىنىش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئىسپىرت يەنە ئاياللاردىكى ئېغىز بوشلۇقى راكى ، بۇرۇن راكى ، كېكىردەك راكى ، قىزىلئۆڭگەچ راكى ، ئۈچەي راكى ، جىگەر راكى ۋە سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن . مۇقەددەس دىنىمىزدىمۇ ھاراق قاتتىق چەكلەنگەن .

 

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى بىئاراملىق 24 سائەت ئىچىدە ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسا ، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرنال، ماقالە ۋە قوليازمىلار ئامبىرى ئېچىۋېتىلدى

دۈ ئۆكتەبىر 19 , 2020
ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى رەسمىي پۈتۈپ، ئۇيغۇر كىتاب تورى ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلار ئامبىرى تورىدا ئېچىۋېتىلدى.

You May Like