تۈركىيەدىكى بىر شىركەت خىتاي بىلەن بولغان بارلىق سودىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيەدىكى بىر شىركەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئىنسان قېلپىدىن چىققان زۇلۇمىغا قارشى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق سودىسنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

2019- يىلى 9- فېۋرال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

تۈركىيەدىكى بىر شىركەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئىنسان قېلپىدىن چىققان زۇلۇمىغا قارشى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق سودىسنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 2010- يىلىدا تۈركىيەنىڭ دېڭىزلى ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان ئائىلە شىركىتى DEMAK MAKİNE تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدا تىجارەت قىلش ئارقلىق قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا زور تەرەقىياتلارغا ئېرشكەن بولۇپ ، خىتاي كومىنستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرۋاتقان قىرغىنچلىقىغا قارشى خىتاي بىلەن بولغان پۈتۈن تىجارەتنى توختاتتى. DEMAK MAKİNE مەسئۇلى قادىر ئاكىنجى ئاخبارات ئىلان قىلش يىغىندا مۇنۇلارنى دېدى : « شىركىتىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايتى ياخشى راۋاجلىنىپ مېڭۋاتقان بىر شىركەتتۇر. بۇ ساھەدىكى مۇلازىمىتىمىز بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئانا غايسىسىنىڭ قەغەز پارچىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلدىغان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىدىكى قان ـ قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى مەيدانىمىزنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمىز . موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى يىللىق 50 چوڭ يۈك ماشىنسى ھەجىمىدىكى ئىمپورت سودىمىزنى بۈگۈندىن باشلاپ توختىتىمىز. بۇنىڭدىن كىين خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھىچقانداق سودا مۇناسىۋىتمىز يوق. كەڭ خەلق ئاممىسى ۋاقىپ بولۇپ قالغاي ، ھۆرمەت بىلەن: قادىر ئاكىنجى ».  

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى خۇا ۋېي بىلەن يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى توختىتىدۇ

يە فېۋرال 10 , 2019
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېي بىلەن يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خۇا ۋېيغا قارىتا جىنايى ئىشلار شىكايىتى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بۇ قارارنى چىقارغان.

You May Like