تۈركىيەدە ئۈنسىز چۇقان ناملىق تارىخىي نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

20 -دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئۈنسىز چۇقان» ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-22

 

ئىزچىمەن

 

تارىخىي نامايىش — ئۈنسىز چۇقان

 

20 -دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئۈنسىز چۇقان» ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

 

تۈركىيەدە نامايىش
خىتتاي زۇلمىغا قارشى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر ھەر قايسى شەھەردىكى چوڭ جامە، مەيدانلارغا توپلۇنۇپ كوللىكتىپ ناماز قىلغاندىن كېيىن شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات كوچىلارنى بويلاپ قوللىرىدا كۆك بايراق، مەشئەل، لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى كۆتۈرگەن ھالدا بەزى شەھەردىكىلەر 500 مېتىر، بەزى شەھەردىكىلەر كىلومېتىردىن ئوشۇق يولنى ئۈنسىز ھالەتتە بېسىپ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ باردى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيە تەۋەسىدە بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئومۇمىي كىشى 100 مىڭدىن ئاشقان بۇلۇپ ھاياجانلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ئىستانبۇلدىن باشقا چوڭ شەھەرلەردە 2، 3 مىڭ، كىچىك شەھەرلەردىمۇ 1000دەك كىشى نامايىشقا قاتناشقان.

 

تۈركىيە ئىستانبولدا نامايىش
ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 15 مىڭ كىشى نامايىشقا قاتناشقان بۇلۇپ ئەڭ ھاياجانلىق كۆرۈنۈش ياراتقان.
ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر جامەلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامەسىگە توپلانغان كىشىلەر بەيازىت مەيدانىغا بارغۇچە كىلومېتىر سەپ ھاسىل قىلىپ يولنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان. نامايىشقا قاتناشقان بەزى كىشىلەر ئىلگىرى بۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان نامايىش كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئى خا خا جەمئىيەت رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم 5 كۈن بۇرۇن توردا ۋېدىئولۇق 3 مىنۇتقا يېقىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، خىتتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش چاقىرىقى قىلغان بۇلۇپ، سۆزىدە خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە چەتئەلدە زۇلۇمغا قارشى سۆز قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن نامايىشنى ئۈنسىز شەكىلدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادالەت تۇيغۇسى بار ئىنسانلارنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولىشىچە 22-دېكابىر يەنە بىر قانچە شەھەردە بىر قانچە پارتىيە ۋە جەمىيەتنىڭ تەشكىللىشىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

يە دېكابىر 22 , 2019
2019 - يىلى 21 - دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like