تۈركىيەدە ئىچكى ئ‍شلار منسترلىكىگە ھۇجۇم قىلغان تېرورچىلارنىڭ كۇرد ئ‍شچىلار پارتىيسى ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ئۆكتەبىر

تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرى يەرلىكايا ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ئىچكى ئ‍شلار منسترلىكى بىناسى ئالدىدىكى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسنىڭ «تىرورلۇق ۋەقەسى»ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەھەر سائەت  9:00 لاردا، ئەنقەرەگە جايلاشقان ئىچكى ئ‍شلار منسترلىكى ئالدىدا ئىككى تىرورچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى مۇھاپىزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن بېتچىت قىلىنغان.بىر تېرورچى ئۆزىنى پارتىلاتقان، يەنە بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان.

ۋەقەدە ئىككى تۈرك ساقچى يېنىك يارىلانغان.

خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ ئەنقەرەدە 2016-يىلدىن بىرىقى تۇنجى تېرورلۇق ۋەقەسى ئىكەن.

بۈگۈن تۈركىيە پارلامنتى ئۈچ ئايلىق يازلىق ئارامدىن كېيىن خىزمەت باشلىغان كۈن بولۇپ، ئەردوغان باشلاش سۆزىدە،« خەلقىمىزنىڭ تىچلىقى ۋە بېخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغۇچىلار نشانىغا يتەلمىدى ۋە يتەلمەيدۇ.» دىگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە كۇرد ئ‍شچىلار پارتىيسى ئەزالىرىنىڭ چتېشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت

دۈ ئۆكتەبىر 2 , 2023
مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت. بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە دىنىمىزنىلا چىڭ تۇتۇپ، ئۆيىدە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بالا تەربىيەلىسە، تۇڭگان تەربىيەلىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.بىزنىڭ بىرلا مىللىي كىملىكىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلۇق، مۇھاجىرەتتە بىرلا ماكانىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئۆيىدۇر.مۇھاجىرەتتە بىر ئۇيغۇر ئۆيىمىز بولسا دەپ قىلىنغان تىرىشچانلىقلار كۆپ بولدى. بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئۆيى ئېلىش ئۈچۈن […]
uyghur-muhajirette

You May Like