تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (2)

(بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-16

(بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈركىيە ۋە خىتاي ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئورتاق بىر تونۇشقا كەلگۈچە كۆز قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ مەسىلە ئۈستەل يۈزىگە كىلىدۇ ۋە تېخىمۇ  ئىچكىرلىگىلى بولىدۇ. تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە ھەمىشە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەرەپتىن ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق  ئېغىر ئەيىبلىشى بولسا خىتاينىڭ 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقى تۈركىستان .ت) نامايىشنى ( ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى . ت) باستۇرغىنىدىن كىيىن ، جۇمھۇرىيەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ شۇ قېتىملىق باستۇرۇشنى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى بولغانىدى. شۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قىسقا ۋاقىتلىق جىددىيلىككە سەۋەبچى بولغان بولۇپ،  ئارقىدىنلا  ئۆزئارا زىيارەت قىلىشقا ئوخشاش كۆپ قېتىملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەر نورماللىشىشقا  قايتقانىدى. ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھازىرقى مەسىلە بولسا ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۆز پۇقراسى بولغان ئاز سانلىق مىللەتكە قوللانغان كەمسىتىش پوزىتسىيىسى ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىدى.  21- ئەسىردە يۈزبەرمەسلىكى كېرەك بولغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرى سىياسىي ئىدىلوگيىە سىڭدۈرۈشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى دۇنياغا سىر ئەمەس. مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار، شۇ لاگېرلاردا بەرداشلىق بېرىش قىيىن بولغان  ئېچىنىشلىق شارائىتقا مەجبۇرلانغان بولۇپ ، بۇ لاگېرلار تاقىلىشى ۋە كىشىلەر قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. تۈركىيە تەربىيىلەش  لاگېرى مەسىلىسىنى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى  ۋە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان. ت) ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى  ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت دەپ ئەيىبلىدى . بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي تۈركىيەنىڭ تەنقىدلىرىنى ئاساسسىز دەپ رەددىيە بەردى.  

مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن  تىرىشچانلىقلار

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرۋاقت ئۈستەلدە بولسىمۇ ئەمما خىتاي ۋە تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مۇناسىۋىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى.  ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قەدەر سىڭىپ كەتكەن بۇ مەسىلىدىن ھەرئىككى دۆلەت بولدى  دېگۈچە زېرىككەنىدى. جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەردوغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە(كومپارتىيىنىڭ زۇۋانى)  بىرىنچى ئىيۇل ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى»  تۈركىيە بارلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قاتتىق بەل باغلىدى »  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى پاراللېل غايىسى ھېسابلىنىدىغان يەرشارى تىنچلىقى، كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە ئاۋانگارت بولۇش قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا شىجىنپىڭمۇ ئوخشاش ئۇچۇر تارقىتىپ،  تۈركىيە خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ  دۇنيا سىياسىتى ئۈچۈن  مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.  يەنى تۈركىيە بىلەن خىتاي «جەزمەن خەلقئارا قانۇنغا تايانغان ھالدا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك دۇنيا تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ خىتايغا قىلغان ئاخىرقى زىيارىتى بولسا بۇيىل ئىيۇلدا ياپونىيەنىڭ ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 يىغىندىن كىيىن بولدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەردوغان يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ » تۈركىيەنىڭ باشقا بىر دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىماستىن ھىسياتقا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ؛ بۇ مەسىلىدىن پايدىلانغانلار،  بۇ مەسىلىدىن بىرەر مەنپەئەت چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلار  ناھايىتى ئەپسۇسكى ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ۋە ئۆز قېرىندىشىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ» دىدى. مەنبە: https://www.dailysabah.com/op-ed/2019/08/16/turkey-china-relations-and-beyond

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (3)

شە ئاۋغۇست 17 , 2019
2019-08-16 (بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

You May Like