تۈركىيە ئۈلكۈ ئوجاكلارى رەئىسى، مىللىيەتچى ھەركەت پارتىيسى مەرسىن مىللەت ۋەكىلى ئولجاي كىلاۋۇز: ئۇيغۇر تۈركلىرى يالغۇز ئەمەس، ياشسۇن شەرقىي تۈركستان داۋايىمىز!

تۈركىيە ئۈلكۈ ئوجاكلارى رەئىسى ، مىللىيەتچى ھەركەت پارتىيسى مەرسىن مىللەت ۋەكىلى ئولجاي كىلاۋۇز 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلسى سەھنىسىدىن چاقىرىق قىلدى : ياشسۇن ھەقلىق شەرقىي تۈركستان داۋايىمىز .

2018-يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى

ھازىرلىغۇچى: كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

تۈركىيە ئۈلكۈ ئوجاكلارى رەئىسى ، مىللىيەتچى ھەركەت پارتىيسى مەرسىن مىللەت ۋەكىلى ئولجاي كىلاۋۇز 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلسى سەھنىسىدىن چاقىرىق قىلدى : ياشسۇن ھەقلىق شەرقىي تۈركستان داۋايىمىز .

ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ كۈندىن ـ كۈنىگە ئېشىپ بېرۋاتقان ، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە كۆز بويامچىلىق قىلۋاتقان شۇنداقلا خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش » باسقۇچىغا كىرگەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيلەر خىتايغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 15-چىسلا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسدە شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى توغرۇلۇق خىتايغا چاقىرىق قىلغان مىللىيەتچى ھەركەت پارتيسى مەرسىن مىللەت ۋەكىلى ، ئۈلكە ئوجاقلارى رەئسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ 7 مىنۇتلۇق باياناتىدا مۇنداق دېدى :

ـــ سۆزۈمنىڭ بېشىدا ،74 يىلنىڭ ئالدىدا سىتالىن تەرپىدىن ۋەتەنىدىن سۈرگۈن قىلنغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرىگە چىن قەلبىمدىن ھىسداشلىق بىلدۈرىمەن . ۋاپات بولغانلارنىڭ روھىنىڭ شاد بولۇشىنى تىلەيمەن. يەنە شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35- يىلىنى قۇتلۇقلايمەن . …..

21- ئەسىر گەرچە ئەركىنلىك ، تىنچلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنلىغان بىر ئەسىرى بولسىمۇ لىكىن ئەمىليەت ھەرگىز بۇنداق بولمايۋاتىدۇ. بۈگۈن ھالا دۇنيانىڭ ئوخشىمغان جايلىرىدا مىللى قىرغىنچلىق ۋە تازلاش يۈز بەرمەكتە.يەمەندە، سومالىد، سۈرىيەدە، ئافغانستاندا، ئىراقتا، پەلەستىندە ، بېرمىدا ۋە شەرقىي تۈركستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ئىنسانلارنىڭ نەقەدەر پەسكەش ۋە نۇمۇسسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا . مەزلۇملار ئىگە ـ چاقسىز ، زالىملار قېلىن ۋە نۇمۇسسىز ، دۇنيا گاس ـ گاچا بولۇپ كېتۋاتىدۇ. ب د ت تەرپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتلارغا ھىچكىم ئىرەن قىلىپ كەتمەيۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بۇ ۋەھشىيلىكە خۇددى قول قوشتۇرۇپ تىياتىر كۆرۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلماقتا. ئېمپىريالىمزنىڭ ۋەھشى ۋە رەھمسىز، تويماس نەپسى كۈندىن – كۈنىگە يوغانماقتا ۋە ئاجىزلارنىڭ پەريادلىرى ئاسمان ـ زىمننى لەرزىگە سالماقتا.بۈگۈن شەرقىي تۈركستان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمسىگە ئايلاندى. بۇيەر يەردىن ئاسمانغىچە تۈمۈر پەردە بىلەن دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ ، ھەر تۈرلۈك قىين قىستاقلار تەجىرىبە قىلنغان ، قەتلىئام ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەن، ئاجىزلارنىڭ پەريادلىرى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان بىر يەر بولۇپ رەسمى بىر شەكلىدە پانىي دۇنيانىڭ جەھەننىمگە ئوخشاپ قالغان بىر ۋەزىيەتتىدۇر. خىتاي ھاكىميتى 2017- يىلدىن بېرى پۈتۈن رايۇندا قۇرغان يۈزلىگەن لاگىردا ئەڭ ئاز بىر مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قېرنداشلىرىمىزنى قانۇسىز بىر شەكلىدە بېسىم، زۇلۇم ۋە قىين قىستاق بىلەن تۇتۇپ تۇرماقتا. كىچىككىنە زاكىدىكى مۇسۇلمان بوۋاقلار ئاتا- ئانسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋتىلىپ لاگىرلاغا سولانماقتا.خىتاي ھاكىميتى قوشماق تۇغقان سىياستى رامكسى ئاستىدا ، مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىپپەت ـ غورورىغا پەسكەشلەرچە ھوجۇم قىلماقتا. شۇنداقلا خىتاي مەمۇرلىرىنى ئولارنىڭ ئائىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ خۇددى ئائىلە ئەزالىرىغا ئوخشاش بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئىپپەتلىك تۈرك قىزلىرى خىتايلاربىلەن بېسىم، تەھدىد ۋە ھىيلەـمىكىرلەر بىلەن توي قىلشقا مەجبۇرلانماقتا. تۈركىيەگە ساياھەت قىلغانلارنى باش نىشان قىلىپ تۇرۇپ ئۈمرە ياكى ھەج ئۈچۈن مۇبارەك تۇپراقلارغا زىيارەتكە بارغان قېرنداشلىرىمىزمۇ تۇتىلىۋاتىدۇ. ئائىلسى ياكى يېقىنلىرنىڭ بىرى چەتئەلدە بولشىمۇ تۇتۇلۇپ كىتىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر.تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ۋەتەنداشلىرى بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتىشىغمۇ رۇخسەت قىلنمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمان تۈركلەر دىنني ئىتقادىنى ۋە مىللى كىملىكىنى ئىنكار قىلشقا مەجبۇرلانماقتا. خىتايچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۈركچە پاراڭلاشقانلار جازالاندۇرۇلماقتا. ئائىللىرى لاگىرغا سولانغان بالىلارغا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ قارشىغا رۇخسەت قىلنمايۋاتىدۇ. تۈركلەرنىڭ پۈتۈن ئىش ـ ھەركەتلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن كوچىدىن چوڭ يولغىچە ھەر تەرەپكە كامىرا ئورنىتلغان بولۇپ ، ئىز قوغلىغۇچى سەپلەنگەن تىلفۇنلار بىلەن پۈتۈن يۈرۈش ـ تۇرشى قاتتىق نازارەت قىلنماقتا. تۈركلەرنىڭ قان، د ن ئا، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرى مەجبۇرىي توپلىنىپ ئامبارلاشتۇرۇلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنداق چاقىرىق قىلىمز : ــ شەرقىي تۈركستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىڭلار، خىتتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنلىرى بىلەن تۈركلەرگە ۋەدە قىلنغان ، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق، خىتاي ۋەتەنداشلىرىغا بىرىلگىنگە ئوخشاش مۇسۇلمان تۈركلەرگىمۇ بېرىلشى كېرەك. تەربىيلەش مەركىزى دېۋالغان يىغۋېلىش لاگىرلىرى تاقىلشى ۋە تۇتۇلۇپ تۇرۋاتقان قېرنداشلىرىمىز قويۇپ بېرىلشى كېرەك. شەرقىي تۈركستان تۈركلىرىگە يۈرگۈزلىۋاتقان ئالاقە ۋە ساياھەت چەكلىمىلىرى دەرھال بىكار قىلنشى كېرەك. 2014- يىلدىن بېرى خىتاي تۇرمىدە يېتۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ غورورى ئىلھام توختى دەرھال قويۇپ بېرىلشى كېرەك. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسترلىقىنىڭ بۇ ئىشنى كۆرمەسكە سېلۋالماي ، بۇ مەسلىدە كېرەكلىك بولغان دىپلوماتىك ھەركەتكە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .رەھمەتلىك باشبۇغىمز ئالىپئارسىلان تۈركەشنىڭ دېگىندەك ، قەيەردە بىر تۈرك بار بولسا ، ئويەر بىزنىڭ دىققەت قىلدىغان يېرىمىزدۇر. دۇنيانىڭ قەيرىدە بىر دىندىشىمز ۋە قېرندىشىمزنىڭ بىر دەردى بولسا ، ھەر بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ھەممىمزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىمىزدۇر.

شەرقىي تۈركستانلىق قېرنداشلىرىمز ئەسلا يالغۇز ئەمەس . ئال (قىزىل ) بايراقتىن كۆك بايراققا سالام بولسۇن ، ياشىسۇن ، ھەقلىق شەرقىي تۈركستان داۋايىمز ، ياشىسۇن ، ھىچبىر كۈچكە تىز پۈكمىگەن قېرىنداشلىقىمز ، ياشىسۇن بۈيۈك تۇران ھۆكىمى ، ياشىسۇن بۈيۈك تۈرك مىللىتى . (تۈگىدى)

مەجلىستىكى بايانات ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت 5 مىنۇت بولۇپ، ئولجاي كىلاۋۇزنىڭ گەپلىرى تۈگىمىگەن ئىدى. لىكىن يىغىن باشقۇرغۇچى بىرمىنۇت قوشۇپ بەردى. ئولجاي كىلاۋۇزنىڭ گېپى يەنلا ئاخىرلاشمىغان ئىدى. باشقۇرغۇچى مىكروفوننى يەنە ئىچشنى بۇيرۇق قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىردا 7- مىنۇتتا باياناتىنى تاماملىدى. بۇ مىللىيەتچى ھەركەت پارتيسىنىڭ ، ئىيى پارتىيدىن كىين خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە رەسمى ۋە قاتتىق سۆز قىلشىدۇر.

  https://www.youtube.com/watch?v=R4gqEZlrrEU

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى.

پە نويابىر 15 , 2018
ئەزىز ئۇيغۇرلۇرۇم، دۇنيادا مۇستەقىل بۇلۇشمنى خالىمايدىغان مىللەت يوق. ھەتتا كومپارتىيەگە 30 يىل ئىشلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارمۇ مۇستەقىللىقىنى خالايدۇ. لاكىن، ھازىزقى ۋەزىيەت بىزدىن نىمىنى كۈتىدۇ؟ ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇزش ئۈچۈن زور بىلەن توڭكاي خىتايغا تىگىۋاتقان ئىپپەت ئابىدىسى ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئورگانلىرى مەجبۇرى سۈكۈلۈپ سىتىلىۋاتقان قىران يىگىتلىرىمىز، لاگىردا ئۆلىۋاتقان قان قېرىنداشلىرىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توپلىنىۋىلىنغان ئۇششاق بالىلىرىمىز بىزدىن نىمە كۈتىدۇ؟ ماركو روبىيو ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىدە شىنجاڭ دەپتۇ، شەرقى تۈركىستان دىسە بولمامدۇ ئۇ ماز دەمدۇ ۋە ياكى مىنۇت بىشىغا بىر قىزىمىز دەپ

You May Like