تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئاق پارتىيەدىن چېكىندى، يېڭى پارتىيە قۇرماقچى!

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە باشقا ئۇچ نەپەر پارلامىنېت ئەزاسى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىندى.

2019-يىلى، 15- سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە تېلېگراممىسى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە باشقا ئۇچ نەپەر پارلامىنېت ئەزاسى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەردوغان پارتىيە ئىچىدىكى ئىچكى ئىختىلاپ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر پەيتتە، سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىقلارنى پارتىيىدىن تازىلاش قارارىنى ئالغان بولۇپ، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىر قەدەم بۇرۇن ئىلىپ، پارتىيىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇ پارتىيىنىڭ ئۆزىنى چېكىندۈرۈش قارارىنى «ناھايىتى ئېغىر قارار» دېگەن.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېگەن:

مەن ئۆزۈم يىللاردىن بىرى شەرەپ بىلەن خىزمەت قىلغان،نۇرغۇن ئەجىر قىلغان پارتىيىدىن ئىستىپا بىرىمەن.

يېڭىدىن سياسىي ھەرىكەت تەشكىللەش-بىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى تارىخى بۇرچىمىزدۇر.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 2009-يىلىدىن 2014-يىلغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە باش مىنىستىر بولغان، ئەردوغاننىڭ بىر قىسم سىياسەتلىرىگە قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ يېقىنقى ئايلاردىن بىرى، ئا ق پارتىيىنىڭ ئىقتىسادى سىياسەتلىرى ۋە ئەردوغاننىڭ ئۆزۈمچىل سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىشقا باشلىغان.

ئەھمەد داۋۇئوغلۇ ئەردوغان ۋە ئادالەت پارتىيىسىنىڭ ئ‍ىستانبۇل قايتا سايلىمى مەسىلىسىدە قاتتىق تەنقىد قىلغان بولۇپ، بۇنى ئادالەتسىزلىك ۋە پارتىيىنىڭ ئەسلى سىياسەتلىرىگە خىلاپ دەپ قارىغان. ئەڭ كەسكىن تەنقىد قىلغان يەنە بىر مەسلە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن شەرقتىكى ئۇچ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ، ئورنىدىن بىكار قىلغان.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئەسلى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى پروفېسسورى بولۇپ، ناھايىتى كىچىك پېئىل، بىلىملىك ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شەرقى تۈركستاننى زىيارەت قىلغان ئاز ساندىكى تۇرك رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن چوڭقۇر رىشتىسى بار. ئۇيغۇرلار ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئەردوغان ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربى ئۆزگىرىشتىن كىيىن، پىكرى ئوخشىمايدىغان سياسىي پارتىيە ئەزالىرى ۋە قارشى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرغان بولۇپ، ھەربىيلەر، ئەدلىيە ساھەسىدىكىلەر، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنى نۇقتىلىق باستۇرغان، خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۇنيا بويىچە مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۇتۇلغان دۆلەت بولۇپ قالغان.

2017-يىلدىن باشلاپ ئەردوغاننىڭ خەلق ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ ماڭماقتا. ئەردوغان زەربە بەرگەن سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى ئەلى باباجان 2019-يىلى ئاخىرىغىچە مۇستەقىل پارتىيە قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئەردوغان ئۈچۈن پايدىسىز خەۋەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇيغۇرلار

سە سېنتەبىر 17 , 2019
15-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ 50% نېفىت ئ‍شلەپچىقىرىشىغا تەسر كۆرسەتكەن. ۋەقەدىن كىيىن سەئۇدى نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، دۇنيا نىفىت بازىرىدا نېفىت باھاسى شددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

You May Like