ئەردوغان: گىرېتسىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشمىز مۇمكىن. گىرېتسىيە: تۈركىيە ياۋروپاغا تەھدىت، غەرب گىرېتسىيەگە مايىل

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-سېنتەبىر

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى ناتو، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەگە تاجاۋۇز قىلىش ھەققىدىكى باياناتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. ئۇ خېتىدە ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيەگە تاجاۋۇز قىلىش ھەققىدىكى باياناتىنى تىلغا ئىلىپ مۇنداق دېدى : «ياۋروپادا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كىيىن يەنە بىر ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى بار، ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تەھدىتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك.»

ئەردوغان ئالدىنقى كۈنى سارايىۋونى زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « گىرېتسىيە بىزنىڭ ئاگىنا ئارىلى تەۋەلىكىمىزنى ھەربىيلەشتۈردى، بىز پۇرسەت كەلگەندە ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىمىز. بەلكىم بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز زەربە بىرىمىز.» بۇ سۆزگە ياۋروپا دۆلەتلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرماقتا بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەنى ئاشكارا قوللىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

پە سېنتەبىر 8 , 2022
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

You May Like