تۈركىيە ئېيى پارتىيسنڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات جاكارنامىسى

تۈركىيە ئېيى پارتىيسنڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات جاكارنامىسى

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقى تۈركستان)دا ئۇيغۇرتۈركلىرىگە قارشى باستۇرۇش ھەققىدە ئشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغان مەلۇماتلار يېقىنقى مەزگىلدىن بىرى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئالماقتا ۋە بۇ تېمىغا ئىيى پارتىيە يېقىدىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.

2018-يىلى 30-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقتىش كومېتىتى ئىلان قىلغان بىر دوكلات بىلەن مەزكۇر مەسلە خەلقئارا سەھنىگە ئىلىپ چېقىلدى ۋە بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ «مەخپى يېغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى>>غا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقتىش كومېتىتى ئەزاسى ماك دوگال مەزكۇر تېما بىلەن بىلەن ئالاقىدار سۆزىدە «:ختتاي دائىرىلىرىنىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رادىكال دىنچىلىققا قارشى كۆرەش ۋە جەمىيەت مۇقىملىقىمنى قوغداش نامىدا شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە كۆپلىگەن دوكلاتلارغا ئاساسلانغان باستۇرۇش سياسىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشگە چۆكمەكتىمىز« ئىپادىسنى قوللاندى.

ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ۋە مىللەتچى دەپ تونۇلغان ھەمكارلاشقۇچىسى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى«نىڭ بۇ مەسلىدە نىمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سۈكۈت قىلىشنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىقېتسادى كىرزىس ئالدىدا ، قەرز ئىلىش ئۈچۈن ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتىگە قول سۇنۇپ يۈرگەنلىكىدىنمۇ ئەمەسمۇ تەكشۇرۇپ كۆرۈش كىرەك.

ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى پارتىيە ياكى ھەمكارلاشقۇچىسى بۇ مەسلىگە ئالاقىدار بىر بايانات ئىلان قىلىپ،بۇ مەسلىگە دىققەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كىلىپ چىققان سۇئال-سوراقلارغا جاۋاپ بىرىشكە ،تۈركىيە جۇمھۇرىيتى نامىدىن ئۆز مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمەن.

ئىيى پارتىيە بۇ چاقىرىقىمىزغا قايسى دەرىجىدە ئاۋاز قوشدىغانلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۆزىتىمىز ۋە ساقلايمىز.ئنشائاللا ،ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىيتقاندەك «قەرز بەرگەننىڭ تىلى ئۇزۇن ،قەرز ئالغاننىڭ تىلى قسقا>>يىرىگە كەپ قالمىغاي!

2018-يىلى 7-سنتەبىر

ئەخمەت كامىل ئەروزان

خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە تۈرك دۇنياسى بۆلۇمى مەسئۇلى

باش مۇدىر ياردەمچىسى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىر خىتاي زىيالى: چېن چۈەنگو سودا ئۇرشىنى پۇل ـ مۇئامىلە ئۇرشىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ

جۈ سېنتەبىر 7 , 2018
خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرسدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرشۇشنىڭ نەتىجسىز ئاخىرلشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى سودا ئۇرشىنىڭ تېخمۇ كەسكىلنشدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

You May Like