تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە ئۇيغۇر مۇنازىرىسى ئوت ئالدى

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!س

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!سۆز:بىز ئىسپات بىلەن سۆزلەيمىز. مەن تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۇزۇندىن بېرى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. سىزگە ئوخشاش ھاياجان بىلەن ئەمەس، پاكىت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن.قاراڭلار ھازىر، 50 مىلىيارد دوللار ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەقىقەتەن سېتىلىۋاتىدۇ.ئالبايراقنىڭ ختتايدىن ئالغان 6 مىلىيارد دوللارغا ئۇيغۇر تۈركلىرى سېتىلدى! قاراڭلار، بىز بۇلارنى دوكلاتلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن دەۋاتىمىز.بىز بۇلارنى ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇپ دەۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى سستىمىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق دەۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى سىزلەر، ئۈچ تىيىنلىق ئىقتسادىي مەنپەئىتىڭىز ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى سېتىۋاتىىسز .گىېپىمنى قىلغىلى قويۇڭلار، بىر مىنۇت ئاڭلاپ بېقىڭلار! مىللەت مەجلىسى باشلىقى: ھۆرمەتلىك مىللەت ۋەكىللىرى، سۈكۈت، جىم ! ئۇنى سۆزلىگىلى قويساڭلار.ۋاز بىلەن توسۇشقا ئۇرۇندى)مىللەت مەجلىسى باشلىقى: ھۆرمەتلىك مىللەت ۋەكىللىرى، سۈكۈت، جىم ! ئۇنى سۆزلىگىلى قويساڭلار. مىللەت ۋەكىلى: قاراڭلار، مەن ئىسپات بىلەن سۆزلەيمەن. خىتاي زىندانلىرىغا ئائىت بىر پاكىت: قايرات سامارقانت، سوراق جەريانىدا مېنى قاتتىق قىينىدى. كىچىككىنە ئۆيدە نۇرغۇن كىشى سولاندۇق. نۇرغۇن ئادەمنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا مەجبۇرلىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھمسز ئازاپلىرىنى كۆردۇق. بىز تۈركىيەدە باش يۆگەش ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز، ئەمما بۇ يەردە باش يۆگەش ھەققىدە ۋەز-نەسھەت قىلىۋاتقانلار خىتايدىكى باش يۆگىگەنلەرنى تۇتقانلارغا قارشى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايۋاتىدۇ، نىمىشقا؟ چۈنكى سىز تەڭگە پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىسىز، نومۇس قىلىڭ، نومۇس!

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

تۈركىيە:ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ رەت قىلىندى ئەمما ئاياسوفيا مەسجىدكە ئۆزگەرتىلدى

سە ئىيۇل 14 , 2020
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 10-ئىيۇل ئىيى پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەجلىستە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» -ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەشكىل قىلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان

You May Like